تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ سوۋغىسى

يوللىغۇچى : ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-25 21:38:50

تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ سوۋغىسى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى، يەر شارىغا ساياھەتكە كەلگەن تاشقى پلانېتا ئادىمى، يەر شارىدىن كېتىش ۋاقتىدا تېخىچە قالاق ھالەتتە تۇرغان، ھەم ئۇرۇش -تالاشلار بىلەن ...



     

    تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ سوۋغىسى

       نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى، يەر شارىغا ساياھەتكە كەلگەن تاشقى پلانېتا ئادىمى، يەر شارىدىن كېتىش ۋاقتىدا تېخىچە قالاق ھالەتتە تۇرغان، ھەم ئۇرۇش -تالاشلار بىلەن بەنت بولۇپ يۈرگەن كىشىلەرگە، تاشقى پىلانېتنىڭ يۈكسەك تەرەققىي تاپقان ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ كېلىۋاتقان بىر سوۋغا- مىسىر پرامىداسىنى ئالاھىتەن قايتۇرۇپ قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. 

       نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن، تاشقى پلانېتا ئادىمى ھازىرقى زامان ئادىمى قىياپىتىگە كېرىپ، مەخپىي ھالدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بوپتۇ. بۇ چاغدا، يەر شارى ئاللىقاچان 2068- يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى ماددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرىپ بولغان بولسىمۇ، يەر شارى كىشىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. يەر شارىنىڭ ھاۋاسى ۋە سۈيى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، پاكىز، ساپ سۇ ۋە ساپ ھاۋا ناھايىتى ئەتۋار بولۇپ قاپتۇ. يەر شارىدا راك كېسىلىدىنمۇ قورقۇنچلىق بولغان خىلمۇ خىل غەلىتە كېسەللىكلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بوپتۇ. يەر شارىدىكى تۈرلۈك ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەپتۇ.

       تاشقى پلانېتا ئادىمى يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىغا قايتا ساياھەت قىلغىلى كەلگەندە كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، يەر شارىدىن ئايرىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، بىر قېتىملا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئىككى دانە سوۋغىنى يەر شارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى كىشىگە بېرىشنى قارار قىپتۇ. تاشقى پلانېتا ئادىمى بىرىنچى سوۋغىنى چيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىگە بېرىپتۇ. ئۇ، «ئىمپېرىيە سۇ ساپلاشتۇرۇش گۇرۇھى» نىڭ باش لىدىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە سودىسى ئەڭ راۋاج تاپقان سۇ ساپلاشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

       يېرىم كېچىدە، تاشقى پلانېتا ئادىمى سوۋغىنى تاتلىق ئوخلاۋاتقان شاڭشەن ئەپەندىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەلەپپۇزى بىلەن مۇنداق دەپتۇ: «چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم، ياخشىمۇ سىز؟ مەن تاشقى پلانېتا ئادىمى، سىزگە بەرمەكچى بولغان بۇ نەرسە سىلەردىكى كومپاسقا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتى، ‹سۇ مەنبەسىنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەش كومپاسى› دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ كارامەت رولى بار. ھازىر يەر شارىنىڭ سۇ مەنبەسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. سىز دۇنيا بويىچە ساپ-پاكىز سۇنىڭ يەر شارى ئادەملىرى ۋە باشقا ئۆسۈلۈكلەرگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئادەم. شۇڭا سىز بۇ كومپاستىكى دەۋر رەقەم بەلگىلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىكى ھەر بىر كىچىك كاتەكچە يەر شارىدىكى 500 يىللىق ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كومپاس ئۈستىدىكى مىتال تاياقچە بولسا دەۋر ئىستىرېلكىسى، سىز پەقەت ئۇنىڭدىكى ئىستىرېلكىنى سائەت ئىستىرېلكىسى يۆنىلىشىنىڭ تەتۈرسىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا يەر شارىدىكى بارلىق سۇ مەنبەسى دەرھال 500 يىل ئىلگىرىكى ھالەتكە قايىتىدۇ. بۇ چاغدا 2068- يىلىدىكى يەر شارى ئادەملىرىنىڭ كۆرىدىغىنى 1568- يىلىدىكى تېخى سائەت ئىنقىلابى پارتىلىمىغان ۋاقىتتىكى تاغ، دېڭىز سۇلىرى بولۇپ، ئېقىۋاتقان ئۆركەشلەۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى سۈپسۈزۈك، تەبئىي ساپ سۇلاردۇر.»

       تاشقى پلانېتا ئادىمى گىپىنى تۈگىتىپلا تۇمانغا ئايلىنىپ غايىپ بوپتۇ. ئۇ تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئىككىنچى سوۋغىنى بېرىپ بولۇشى كېرەك ئىدى.

        بۇ سوۋغىمۇ ئوخشاشلا كومپاس شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا دەۋرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەر ۋە دەۋر ئىستىرېلكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى «ھاۋا مەنبەسىنىڭ دەۋرىنى تىزگىنلەش پومپاسى» ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا كارامەت رولى بولۇپ ئىستىرېلكىنى سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ تەتۈرسىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىلا يەر شارىدىكى ھاۋا دەرھال 500 يىل ئىلگىرىكى ساپ ھاۋا دەۋرىگە قايىتاتتى. تاشقى پلانېتا ئادىمى «ھاۋا مەنبەسىنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەش كومپاسى» نى شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن روجقا بېرىپ، تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەلەپپۇزى بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: «روج ئەپەندىم، سىز بولسىڭىز دۇنيا بويىچە ساپ ھاۋا ئىشلەپچىقىرىش مۇتەخەسسىسى، سىز ساپ ھاۋانىڭ يەر شارى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىسىز. سىز ئويغانغان ھامان كومپاستىكى دەۋىر ئىستىرېلكىسىنى سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بويىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا، يەر شارىدىكى ئىنسانىيەت ۋە بارلىق ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەر دەرھال 500 يىل ئىلگىركى يوپۇرماق ۋە ئوت-چۆپ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدۇ.»

       تاڭ يورۇغان چاغدا، چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم بىلەن روج ئەپەندىم ئويغىنىپ تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ سوۋغىسىنى كۆرۈپتۇ ھەم ئۇنىڭ تاپىلىغانلىرىنى ئېسىگە ئاپتۇ. بىراق، تاشقى پلانېتا ئادىمى تاشقى پىلانېتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم بىر كۈنى، تاشقى پىلانېتىدا تارقىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان «كائىنات ھاققىدە قىسسە» ناملىق بىر گىزىتنى كۆرۈۋېتىپ يەر شارىغا مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىيلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، بىر خەۋەرگە كۆزى چۈشۈپتۇ: «ئالەم جىسىملىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىدىن دەلىللىنىشىچە، يىراقتىكى تاشقى پلانېتا- يەر شارىدىكى ھاۋا ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ناچارلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، يەر شارى ئادەملىرى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا بىر مىليۇن يىللار ئىلگىركى دىنوزاۋۇرلارغا ئوخشاش يەر شارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى!»

       «يەر شارىدىكى ئىنسانلار بىر مىليۇن يىللار ئىلگىركى دىنوزاۋۇرلارغا ئوخشاش يەر شارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى؟!» تاشقى پلانېتا ئادىمى ھەيرانلىقىنى باسالماي قاپتۇ ھەم ئۆز ئۆزىگە «مەن ‹سۇ مەنبەسىنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەش كومپاسى› ۋە ‹ھاۋا مەنبەسىنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەش كومپاسى› يەر شارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى ئادەمگە بەرگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى...»

        تاشقى پلانېتا ئادىمى بىر نېمىنى ئىسىگە كەلتۈرگەندەك بولۇپ، پۇشايمان قىلىپتۇ.

       قوشۇمچە:

       بۇ دۇنيانى راستىنلا چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، بەزى خىياللار ئالدىن ئېيتىلغان بولىدۇ، ئالدىن ئېيتىلغان بەزى سۆزلەر رېئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشى، يەر شارىنىڭ بۇلغىنىشى... قاتارلىقلار، بۇ ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ بىزگە ئاتمۇسفرا، سۇ مەنبەسى، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە بۇلغىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. شۇڭا بىز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تايانچىسى ، گۈزەل ئەمما بىچارە يەر شارى ئائىلىمىزنى قوغدىشىمىز، ھەر بىر تامچە سۇ، ھەر بىر غىرىچ تۇپراقنىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئەگەر راستىنلا بىر كۈنى «ئىنسانىيەت كۆرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ كۆز يېشى» دەك ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ؟!

       -------------

       شۇ جاڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما«تاللانغان قىسقا ھېكايىلەر» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 24-سانىدىن ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت تەرجىمە قىلغان.  تىلىماچ: خوتەن ناھىيە خانئېرىق يېزا سېرىقئۆي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى.

      

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.