يەھۇدىلار ۋە بىز

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 04:09:02

يەھۇدىلار ۋە بىز دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە يەھۇدىيلاردەك 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولمىسىمۇ، 2000 يىل ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا ياشاپ، تالاي قېت...

      يەھۇدىلار ۋە بىز


        دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە يەھۇدىيلاردەك 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولمىسىمۇ، 2000 يىل ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا ياشاپ، تالاي قېتىم قىرغىنچىلىق تالاپىتى تارتىپ، دەھشەتلىك پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەن بىرمۇ مىللەت بولمىسا كېرەك. بىراق، ئۇلار بۇ ئازاپ ئوقۇبەتلەر ئالدىدا ئەسلا تىز پۈكمەي، ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى ۋە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوقىتىپ قويمىدى. جاللاتلار پەقەت ئۇلارنىڭ تېنىنىلا ھالاك قىلالىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس روھ بىلەنئەسلىدىكى ۋەتىنىدە ئۆز دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈمىدىنى يوقىتالمىدى.

     چۈنكى ئۇلار ئۆزىدە ھەر قانداق كەلگۈلۈكلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدام ۋە تەڭداشسىز قەيسىرانە كۈچنى يىتىلدۈرگەنىدى. زور ئازاپ ئوقۇبەتلەر ئۇلار ئۈچۈن بەخىتسىزلىك بولماي، بەلكى بىر خىل ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بايلىق بۇلۇپ قالدى.  ئىنجىلنىڭ نازىل بۇلۇشى، مۇسانىڭ مىسىردىن چىقىشى، دانىشمەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇن دەستۇرى  تەۋرات، سانسىز قوزغىلاڭلار، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلىر گىرمانىيىسىنى مەغلۇپ قىلىشتىكى پەۋقۇلئاددە تۆھپە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 6 مىليۇن يەھۇدىينىڭ قانلىق بەدىلى، خۇددى نۇرانە يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان يەھۇدىي مەشھۇرلىرى، ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىشى، پۈتۈن دۇنيادا بىردەك ئېتراپ قىلىنغان چىۋەر سودىگەرلەر، قۇدرەتلىك ئىسرائىلىيە ۋە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى يەھۇدىيلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىقلار قان-تەر بەدىلىگە يېزىپ چىقىلغان پارلاق سەھىپىلەر ئەمەسمۇ؟ 

     ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك كەچۈرمىشلىرى جەريانىدا ئىپادىلىگەن ئىگىلمەس-سۇنماس روھى، بوشاشماي ئېلىپ بارغان مىللىي ئىزدىنىشلىرى، تەۋرەنمەس مىللىي غورۇرى ۋە ئېتقادى بىزنىڭ ئۆگىنىش-ئەينەك قىلىشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ! جۇڭخۇا مىللەتلىرىمۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئۆچمەس زور تۆھپىلەرنى قوشقان. سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇلار ئوخشاشلا ئەمگەكچان، ئىقتىسادچىل، تىرىشچان، سودىغا ماھىر، بۇ خىسلەتلەر بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئورتاق گۈزەل ئەخلاقىدۇر. لېكىن، تارىخ، ۋاقىت، جۇغراپىيلىك مۇھىت قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللاردىكى ئوخشىماسلىق ئۇلاردىكى بەزى پەرىقلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: جۇڭگولۇقلار شەرىق مەدەنىيىتىنى ياراتتى؛

    يەھۇدىيلار بولسا غەرب مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈردى.  جۇڭگولۇقلار ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ئەسلەشكە ئامراق؛يەھۇدىيلار كۈلپەتلىك تەغدىر بىلەن ئۈن-تىنسىز كۈرەش قىلىدۇ.  ; ; جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق يىيىشى ياشاش ئۈچۈندۇر؛يەھۇدىيلارنىڭ ياشىشى ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.  جۇڭگولۇقلار پادىشاھنىڭ ئەۋلادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دەريا-دېڭىزغا سەكرەشكە، ئوتقا كىرىشكە رازى؛يەھۇدىيلار كىچىككىنە بىر مەكتەپنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشتىن يانمايدۇ.   جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى يۈرىكىدە ساقلىنىدۇ؛يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى گېزىت-ژورناللاردا ئىپادىلىنىدۇ.  ;جۇڭگولۇقلار  جىنسىيەت توغرىلىق سۆزلەشنى خالىمايدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خۇپىيانە بىلۋېلىشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ؛يەھۇدىيلار ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا قىلچىمۇ ئارلاشمايدۇ.  جۇڭگولۇقلار دوسلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرگەن ھامان ھەر قانچە ياخشى دوستلاردىن بولسىمۇ، دوسلۇقتىن قول ئۈزۈپ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ؛يەھۇدىيلار باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە چىقىشالمايدۇ، ئەگەر بىرەر يەھۇدىي خەۋىپ-خەتەرگە يۇلۇقۇپ قالسا، مۇبادا ئۇ ئۆزىنىڭ رەقىبى بولغان تەقدىردىمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ.

       جۇڭگولۇقلار كۇڭزى تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇرەسسە-ماداراچىلىق بىلەن ئىش قىلىدۇ؛يەھۇدىيلار ئۆزگىچە يىڭىلىق يارىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىچىك چېغىدىن باشلاپلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىنلا ئەمگەكچان ھەم قەيسەر بولسىمۇ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە زەئىپلىشىپ بوزەك قىلىنغان؛يەھۇدىيلار تارىختا ئۆز يۇرت ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يۈرۈپمۇ ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرىقنى زىلزىلىگە سالالىدى. جۇڭگولۇقلار مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغۇل-قىزلىرىنى كۈيلەيدۇ؛يەھۇدىيلار بىلىم بىلەن بايلىققا چوقۇنىدۇ. جۇڭگولۇقلار تارىختىن بۇيان پاك-دىيانەتلىك بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق پارتىيە ئىچىدە چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا؛يەھۇدىيلار پۇل، سىياسىينى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما زۇڭتۇڭ خىيانەتچىلىك قىلسا، باشقىلارغا ئوخشاشلا سوتقا تارتىلىدۇ.  جۇڭگولۇقلار باشقىلارغا ياخشى نىيەتتە ياردەم بەرسىمۇ، ئەمما دائىم ئامېركىلىقلارنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ؛يەھۇدىيلار باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدۇ، ئەمما دائىم كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.  جۇڭگولۇقلار سودىدا ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرسىمۇ، لېكىن ساختا ماللارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ؛يەھۇدىي سودىگەرلىرى پۇرسەتپەرەسلىككە ئۇستا، ئەمما ھەرگىز ئەھدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.  ; ;جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بۇلۇپ،  مۇزاكىرە قىلايلى ، دېگەن سۆزنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ؛يەھۇدىيلار ئادەتتە ئۇششاق ئىشلارغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىنتايىن ئەستايىدىل بۇلۇپ قىلچە بىخەستىلىك قىلمايدۇ.  جۇڭگولۇقلارنىڭ قانۇنى ئىنتايىن كۆپ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزامنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ؛يەھۇدىيلارنىڭ پەقەت بىرلا قانۇن دەستۇرى بار، ئەمما زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئەزەلدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلمايدۇ. 

     جۇڭگودا تارىختىن بۇيان مەنسەپدار بولغاندىن كېيىنلا پۇللۇق بۇلالايدۇ؛ يەھۇدىيلار ئەكسىچە، پۇللۇق بولغاندىن كېيىنلا مەنسەپدار بۇلالايدۇ. جۇڭگولۇقلار ئادەتتە سىلىق-سىپايە كېلىدۇ. ئەمما باشقىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى دەسسەپ سالسىلا ھۆرپىيىپ قوپىدۇ؛
       يەھۇدىيلار ئادەتتە مىجەزى چۇس كېلىدۇ، بىراق باشقىلار تەرىپىدىن يارلاندۇرۇلسىمۇ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلىدۇ. . . 

       خوش، ئۇنداقتا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئوتتۇرسىدا يۇقىرىقىدەك پەرىقلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە نېمە سەۋەپچى بولغان؟ بۇ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەسىلە. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى پەرىقلەر ئىچىدە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي پەسكەشلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن يەرلىرىمىز بۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەجنەبىيلەرگە چوقۇنغانلىقىمىز بولماستىن، بەلكى ئوقۇرمەنلەرنى سەگىتىپ قويۇشتۇر، خالاس. يەنى،  خاتالىق بولسا تۈزىتىش، بولمىسا دىققەت قىلىش،  سۆزلىگۈچىدە ئەيىپ يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن دېگەنلىكتىنلا ئىبارەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يەھۇدىلار بىز