دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى »

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-22 22:02:00

دىپلۇماتلار قەلەمدار ھەربىيلەردۇر، ئۇلار قەلىمى ۋە تىلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. قەدىمكى يۇناندا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆز بولغان « ئەلچىنىڭ جەڭ كېمىسى، ئەسكەر لىرى، ئىستىھكامى يوق ، ئۇنىڭ قورالى د...

        دىپلۇماتلار قەلەمدار ھەربىيلەردۇر، ئۇلار قەلىمى ۋە تىلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. قەدىمكى يۇناندا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆز بولغان « ئەلچىنىڭ جەڭ كېمىسى، ئەسكەر لىرى، ئىستىھكامى يوق ، ئۇنىڭ قورالى دەل تىل ۋە پۇرسەتتۇر» داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان دىپلوماتىيە ۋەقەلىرىدە دىپلۇماتلار « جەڭگاھنىڭ ۋە رەقىبىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر خىل ) قوراللار( نى ئىشلىتىپ رەقىبىگە تاقابىل تۇرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ) مەخپىي قورالى( نىمۇ ئىشقا سالىدۇ.»

    « كېسەل بولۇۋېلىش »

        دىپلوماتلارنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى نورمال ئىش، ئەمما بەزىدە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن يالغاندىن ئاغرىپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش « كېسەل بولۇۋېلىش» تۇر. بۇنداق ئەھۋال دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا ئادەتكە ئايلانغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا دىپلوماتىيە تارىخىدا ئافېنانىڭ داڭلىق دىپلۇماتى تىمستوكىلنىڭ بىر قېتىملىق قالتىس ئويۇنىنى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى5-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پېرسىيە ئىمپېرىيىسى زور قوشۇن چىقىرىپ يۇنانغا يۈرۈش قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا قەدىمقى يۇناندىكى ئىككى شەھەر دۆلىتى -- ئافېنا بىلەن سپارتا ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ پېرسىيىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئاقىۋەتتە دۈشمەننى يۇناندىن قوغلاپ چىقارغان. شۇ ۋاقىتتا سپارتا خېلىلا قۇدرەتلىك بولغانلىقتىن، ئافېنا سپارتانىڭ بېسىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، سېپىل ياساشقا باشلىغان. سپارتا ئافېنانى بويسۇندۇرۇش نىيىتى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقتىن، ئافېنانىڭ سېپىل ياسىشىدىن نارازى بولۇپ، ئافېناغا ئەلچى ئەۋەتىپ: سىلەرنىڭ سېپىل ياساۋاتقىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلەندۇق، بۇ قوشنا دۆلەتنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەنلىك بولىدۇ. سىلەرنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن سېپىل ياساشنى دەرھال توختىتىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز » دېگەن.
        سپارتا بۇ دىپلوماتىيە ھەرىكىتىدە تىنچلىقنى پەش قىلىپ، ئافېنانى  تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئافېنا سپارتانىڭ نىيىتىنى ئېنىق بىلگەنلىكتىن چوقۇم ئىككى تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىش كېرەك، يەنى ھەم سپارتانىڭ تەكلىپىنى بىراقلا رەت قىلىۋېتىپ تىنچلىقنى بۇزدى دېگەن نامغا قالماسلىق، ھەم سپارتانىڭ بېسىمى ئاستىدا ھالاكەتنى كۈتۈپ ئولتۇرماسلىق كېرەك دەپ قارىغان. ئاخىر ۋاقىتنى سوزۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىشنى قارار قىلىپ، داڭلىق دىپلومات تىمستوكىلنى سپارتاغا سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتكەن. ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن سېپىل ياساشنى چىڭ تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
        تىمستوكىل سپارتاغا بارغاندىن كېيىن مېھمانسارايغا چۈشۈپلا قاتتىق ئاغرىغان بولۇپ يېتىۋېلىپ ۋاقىتنى سوزۇپ، سپارتالىقلار بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان. كۈنلەر بىر بىرلەپ ئۆتىۋەرگەندىن كېيىن سپارتالىقلار ئافېنانىڭ ھەدەپ سېپىل ياساۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئادەم ئەۋەتىپ تىمستوكىلدىن بۇنى سۈرۈشتۈرگەن. تىمستوكىل بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا« : مېنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرىم يوق ئىكەن. بۇ چوقۇم ئاساسى يوق ئەپقاچتى گەپ. سىلەرنىڭ ئافېناغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
        ۋەھالەنكى، سپارتا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئافېناغا ماڭغۇزغان ۋاقىتتا، تىمستوكىل يەنە يوشۇرۇنچە كېچىلەپ ئافېناغا ئادەم ئەۋەتىپ«: چوقۇم سپارتا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مەن قايتىپ بارغۇچە بىر ئامال قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇڭلار» دەپ ئەقىل كۆرسەتكەن.
        شۇنداق قىلىپ، ۋاقىتنى سوزۇش ئارقىلىق ئافېنا سېپىلىنى ئاخىر پۈتتۈرۈپ بولغان. بو ۋاقىتتا تىمستوكىلنىڭ « كېسىلى» مۇ ساقايغان. ئۇ شۇنىڭدىلا سپارتالىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئافېناغا قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈنگەن. سپارتالىقلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى قاماپ قويماقچى بولغان، ئەمما ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ ئافېنادا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئامالسىز ئۇنى قويۇپ بەرگەن. نەتىجىدە تىمستوكىلنىڭ كېسەل بولۇۋېلىشى بىلەن ئافېنا دىپلوماتىيە جەھەتتە غەلىبە قازانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ تېنچلىقىغا يەنە بىر مەزگىل كاپالەتلىك قىلىنغان.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:14:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق