30 ياش...

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-03 20:07:35

ھەركۈنى چۈش سائەت 12:00 لەردە ئاران ئورنىمىزدىن قوپالايدىغان بىز، ھازىر سائەت 6:00 دە، ئۇخلايدىغان ۋاقتىمىز كېچە سائەت 12:00 دىن 9:00 غا ئۆزگەردى...

    30 ياش...
     
    نادىرە غوپۇر تەرجىمىسى
     
     
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ھەركۈنى چۈش سائەت 12:00 لەردە ئاران ئورنىمىزدىن قوپالايدىغان بىز، ھازىر سائەت 6:00 دە، ئۇخلايدىغان ۋاقتىمىز كېچە سائەت 12:00 دىن 9:00 غا ئۆزگەردى...
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ئىشتىن چۈشۈش يولىدا مەكتەپتىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەندە، شۇ گۈزەل ئوقوغۇچىلىق ھاياتىمىزنى ئەسلەيمىز...
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ئورۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئەمدى ئۇلار بىزدىن نەتىجەڭ قانداق؟ مەكتەپ بويىچە قانچىنچى بولۇپ ئوقۇۋاتىسەن؟ دەپ سورىماستىن، قەيەردە ئىشلەۋاتىسەن؟ قانچە مائاش ئالىسەن؟ توي قىلمامسەن؟ بالاڭ بارمۇ، ئېرىڭ (خوتۇنۇڭ) نېمە قىلىدۇ؟...دېگەنلەرنى سورايدۇ.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    مۇنازىرىلىشىدىغان تېمىمىز ھەرخىل تور ئويۇنىدىن پىكاپ، ئۆيگە ئۆزگەردى؛ تاماق يىگەندە دېيىشىدىغىنىمىز بولسا، ئۇ ئاجراشماقچى ئىكەن، بۇ قايتا توي قىلىدىكەن...دېگەندەك پاراڭلار.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ھەر كۈنى «ئەجەب جىق تاپشۇرۇق بەردى» دەپ تىرىكىدىغان بىز، ھازىر ماي باھاسى، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقىنىدىن قاقشايدىغان بولدۇق.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    بەتخەجلىكنى تاشلاپ، ئاي ئاخىرىدا ئىناۋەت كارتىسىغا، ئۆي قەرزىگە قانچىلىك پۇل قايتۇرۇش، يەنە قانچىلىك پۇلنى ئىقتىساد قىلىشنى ئىنچىكلىك بىلەن ھېسابات قىلىدىغان بولدۇق.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    گاھىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلىمىز، گاھىدا كىمدۇر بىرىنى سېغىنىپ قالىمىز.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ھازىر بىز غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ئازراق ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن بوشاشمايدىغان بولدۇق.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    بالىلىقىمىزنى تاشلاپ، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىقلارنى «پېشانىمىزگە پۈتكىنى شۇكەن...» دەپ قۇنۇل قىلالايدىغان سەۋرگە ئىگە بولدۇق.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    تەنھا قالغاندا تورخانىلارغا بارمايدىغان، ئېغىرچىلىققا غۇدۇڭشىمايدىغان بولدۇق.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    دائىم QQ دا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، تونۇشلىرىمىزغا نېمىدۇر بىر نېمە دېمەكچى بولىمىز-يۇ، لېكىن ئىككىلىنىپ دېيەلمەيمىز...ئۈندىدارنى قايتا-قايتىدىن يېڭىلاپ، كىمنىڭ قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىگە، نېمىلەرنى يوللاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىمىز-يۇ، ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يوللاپ بولۇپ ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىمىزنى، ئەگرى يوللاردا كۆپ ماڭغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ پۇشايمان قىلىمىز، ئەمما ئۆتمۈشكە، شۇ غۇبارسىز بالىلىققا قايتالمايمىز.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك شەكىلسىز بېسىملار سەۋەبلىك نەپەسمۇ ئالالمىغاندا بولسا، ئىلگىرىكى شۇ مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا بولىمىز؛ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە بىرەرسىنىڭ تاماقتا ھەمرا بولۇشىنى، كىنو كۆرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز؛ بىرەرسىنىڭ يۈكىمىزنىڭ برقىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، بىرەرسىنىڭ ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    بىز قايسى چاغلاردىن باشلاپ بۇ رېئال ۋە رىقابەت كەسكىن دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىمىزنى بىلەلمەيلا قالىمىز.
    بۇ يىل بىز 30 ياش
    شۇنچىلىك يىغلىغۇمىز بولسىمۇ، لېكىن چىرايىمىزدا بىر كۈلكىنى جىلۋە قىلىمىز؛
    شۇنچىلىك ئېتىبار بەرسەكمۇ، لېكىن خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمىغاندەك يۈرىمىز؛
    شۇنچىلىك قېلىپ قالغىمىز بولسىمۇ، لېكىن كېتىشنى تاللايمىز؛
    شۇنچىلىك جاپا تارتىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئۆزىمىزنى بەخىتلىك دەيمىز؛
    شۇنچىلىك ئۇنتالمىساقمۇ لېكىن ئۇنتۇپ كەتتىم دەيمىز؛
    شۇنچىلىك قويۇپ بەرگىمىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دېگەن ئۇ، مەن دېگەن مەن دەيمىز.
    شۇنچىلىك كۆزىمىز قىيمىسىمۇ، لېكىن بولدى بەس دەيمىز؛
    شۇنچىلىك كەينىمىزگە يانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، لېكىن ھوشىمىزنى تاپمايمىز؛
    شۇنچىلىك زەخىملىنىپ تۇرساقمۇ، لېكىن ھېچقىسى يوق دەيمىز؛
    شۇنچىلىك «نىقاپلىنىپ» ھارساقمۇ، لېكىن قاتتىق قىزىققاندەك داۋاملاشتۇرىمىز؛
    بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى يوشۇرۇشىمىز، پەقەت باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ يارىمىزنى كۆرسەتمەسلىك، بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنى ئەنسىرەتمەسلىك، ھەممىدىن باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوغدىماسلىق ئۈچۈن، ئەلۋەتتە.
    گەرچە يۈرىكىمىز ئاغرىپ نەپەس ئالالمىساقمۇ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ھېچقىسى يوق، مەن ئىنتايىن ياخشى» دەيمىز-يۇ،يالغۇز قالغاندا ياكى يېقىن بىر ئادىمىمىز ئالدىدا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىمىز...يىغلاپ بولۇپلا يەنە ئۆزىمىزنى مازاق قىلىپ كېتىمىز، نېمە ئۈچۈن بارلىق جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغاندەك، ئۆزىمىزنى بۇنداق قەيسەر نىقابلايدىغاندىمىز-ھە...
    ئەپسۇس، قەيسەر بولمىساق، ئاجىزلىقىمىزنى كىم كۆتۈرەر-ھە...

    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياش تۇرمۇش جاسارەت