مۇقەددەس بۇرچ

يوللىغۇچى : narquk يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-07 00:41:06

مۇقەددەس بۇرچخېرمان خېسون (گېرمانىيە)مەن دائىم ئۆزۈمنى كەلگۈسىدىكى قەھرىماندەك، شائىردەك،ئەۋلىيادەك ياكى داڭلىق رەسسامدەك تەسەۋۋۇر قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنداق خىياللار ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس. مې...

     

    مۇقەددەس بۇرچ
    خېرمان خېسون (گېرمانىيە)
     
     
    مەن دائىم ئۆزۈمنى كەلگۈسىدىكى قەھرىماندەك، شائىردەك،ئەۋلىيادەك ياكى داڭلىق رەسسامدەك تەسەۋۋۇر قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنداق خىياللار ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس. مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتى شېئىر يېزىشتىمۇ، ئەۋلىيالىقتىمۇ ئەمەس، رەسىم سىزىشتىمۇ ئەمەس. ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى بۇلار بولماسلىقى كېرەك، بۇلار پەقەت چاۋا-چاتقال. ھەر بىر شەخسكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇرچ پەقەت بىرـــــ ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى تېپىش.
     
    ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى شائىر بولسۇن ياكى ساراڭ بولسۇن؛ ئەۋلىيا بولسۇن ياكى جىنايەتچى بولسۇن ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇلار قىلچىلىكمۇ مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ بۇرچى پەقەت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى تېپىش، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭكىنى ئەمەس.  ئاندىن كۆڭلىگە بىر ئۆمۈر مەھكەم پۈكۈپ، ئۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش. ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل ئەمەس، بۇلار پەقەت ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى، ئاۋامنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئاجىزلىققا تەۋە، ئېقىمغا ئەگەشكەنلىك، قورقۇنچ خالاس.
     
    قەلبىمدىن ئاستا-ئاستا قورقۇنچ، مۇقەددەسلىكنىڭ يېڭى بىر پەللىسى مەۋج ئۇرۇپ چىقماقتا. ئىلگىرى مەندە سان-ساناقسىز مۈجىمەل تۇيغۇلار پەيدا بولغان. ھەتتا، تىل بىلەن ئىپادىلىمەكچىمۇ بولغان.  مەن پەقەت مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئاندىن بۇلانىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندىم. ئەسلىدە بۇ بىر خىل تەبىئىيلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى، كەلگۈسى دۇنيا بولغان ئۇرۇنۇپ كۆرۈش ئىكەن.  بەلكىم بۇ ئۇرۇنۇپ كۆرۈشلەر يېڭى بىر پەللىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، بەلكىم ھېچنېمىگە ئېرىشتۈرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئۇرۇنۇپ كۆرۈشلەر قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن پەيدا بولغان ئىرادىنى ھېس قىلدۇردى. ھەم ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇردى. مانا بۇ مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم ئىدى.
     
    تەرمىلەر ژۇرنىلى 2010-يىللىق  22- سان (11-ئايلىق كېيىنكى سان)
     
    读者2010年22期(11月下)483期   63页
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۇرۇچ _