جۇڭگو بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى: چاۋشىيەن مۇقىم بولغىنى ياخشى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 17:52:50

جۇڭگو بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى: چاۋشىيەن مۇقىم بولغىنى ياخشى ياقۇپ ئاكا 1075تۈنۈگۈن چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي ...

            جۇڭگو بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى: چاۋشىيەن مۇقىم بولغىنى ياخشى

     

                                      ياقۇپ ئاكا    1075

     

    تۈنۈگۈن چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى جۇيۇڭكاڭ پيۇڭياڭدىكى كاتتا پاراتتا كۆرۈلۈپ، جۇڭگو – چاۋشىيەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. غەربنىڭ جۇڭگو – چاۋشىيەن مۇناسىۋىتىگە قارىتا پوزىتسىيىسى سەل مۇرەككەپ بولدى، بىر جەھەتتىن، غەرب جامائەتچىلىكى چاۋشىيەننىڭ يېتىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار جۇڭگو بىلەن چاۋشىيەننىڭ يېقىنلىقىنى ئەيىپلەپ، ئىنتايىن زەھەرخەندىلىك گەپلەرنى ئىشلىتىپ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىپ، چاۋشىيەننى «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى»، «سوقۇلۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇش بەلۋېغى»، ھەتتا «ھۇجۇم ئاپشاركىسى» قىلدى دېدى، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن، ۋاشىنگىتوننىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچى قاتلىمىدىكىلەر جۇڭگو ئاچقۇچلۇق پەيتتە چاۋشىيەنگە نەسىھەت قىلىپ ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش رولىنى ئويناشنى ناھايىتى خالايدۇ دەپ قارايدۇ، شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، جۇڭگو – چاۋشىيەن مۇناسىۋىتىگە جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى كىرگۈزۈلگەن، ئەمما بۇ خىل مەنپەئەت ھەرگىز ئامېرىكىغا قارشى ئەمەس، كورىيىگە قارشى ياكى ياپونىيىگە قارشى تېخىمۇ ئەمەس. جۇڭگونى مۇنداق قىياس قىلىش، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى ھەر قانداق تەھدىتكە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىمۇ كىچىك كۆرگەنلىك.

        پەقەت ئىچى تارلىق قىلمىسىلا، ھەر قانداق ئادەم جۇڭگو – چاۋشىيەن مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي – شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدىكى قۇرۇلۇشچانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، جۇڭگونىڭ چاۋشىيەننى قايىل قىلىش كۈچى بولمىسا، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ھەرگىز بولمايدۇ، چاۋشىيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە 天安号 ۋەقەسىدەك كىرزىس يۈز بەرسە، ۋەزىيەتتە قىلچە ئېلاستىكىلىق بولمايدۇ، پەقەتلا دەلمۇ – دەل تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداقتا ياپونىيە – كورىيىلەر ھازىر چاۋشىيەن بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قىلماقچىمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئۈچ دۆلەتتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سېلىشقا بولمايدۇ، يەنىلا ئالدى بىلەن ئاچقۇچلۇق پەيتتىكى كورىيە پاي چېكى بازىرى ئوق بېشىنىڭ مېڭىشىغا قاراپ باقايلى.

       جۇڭگونىڭ چاۋشىيەنگە قاراتقان سىياسىتى بۇ يىللاردا تەۋرىنىپ تۇرغىنى يوق، جۇڭگو چاۋشىيەننى سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

       چاۋشىيەننىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىتىدە ئاشۇرىۋېتىش كۆرۈلمەسلىككە ئىلھاملاندۇردى، يېرىم ئارال سۆھبىتىنى ئۆز- ئارا تەھدىت ۋە ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئەمما جۇڭگو چاۋشىيەننىڭ ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېنىق، يەنى كىمكى چاۋشىيەننىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە ئارىلاشماقچى بولسا، ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.

       ئەكسىچە، ئامېرىكا، ياپون، كورىيەلەرنىڭ چاۋشىيەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئالدى – ئارقى زىدىيەتلىك، قىسقا مۇددەتلىك پايدىكى مەنپەئەتچىلىكىنى قوغلىشىش ئىنتايىن ئېنىق. ئوخشاشلا بىر چاۋشىيەن، رەھبەرلىرىمۇ ئوخشاشلا بىر، سرتقا قاراتقان سىياسىتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان، يەنە يۈزىنى ئارقىغا بۇراش بىلەنلا ئۆتكۈر قارىمۇ – قارشىلىق يۈز بەردى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيە ئالماشسا، چاۋشىيەندىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.

       قۇچاقلاشقان قول كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مۇشقا ئايلىنىدۇ، كىممۇ شەرقىي- شىمالىي ئاسىيادىكى چاۋشىيەن تەرەپنى ئاۋارە قىلماي دېيەلەيدۇ، چاۋشىيەننىڭ ئۆچمەنلىكى ۋە تەۋەككۇلچىلىك كەيپىياتىغا قارىتا غەرب ۋە ياپونىيە، كورىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى پۇخادىن چىققۇچە قويۇپ بەردى، جۇڭگوغىمۇ ئېغىز ۋە قەلەم نەپرىتىنى بىلدۈردى، يېرىم ئارالنىڭ دۈشمەنلىشىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن بىكار قىلىشقا ئامالسىز ياكى خالىمايدىغان ئەھۋالدا، بۇ خىل ئاڭ فورماتسىيىدىكى تېرىككەكلىك بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى ياكى بىر – بىرسى ئارىلىغىدىكى بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تېرىككەكلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاۋازى كەمچىل بولۇۋاتقاندا، شەرقىي – شىمالىي ئاسىيادىكى دۈشمەنلىشىشنىڭ قەدەممۇ – قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش خەۋپى بار.

       شەرقىي- شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى جەزمەن جۇڭگونىڭ چاۋشىيەنگە بولغان پوزىتسىيەسى بىلەن ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەلەرنىڭ چاۋشىيەنگە بولغان پوزىتسىيەسىدىكى ئارىلىقنى ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولمىسا يېرىم ئارال ۋەزىيىتى بىردەمدىلا قاتمال ۋەزىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ، يا كالا ئۆلىدۇ، يا ھارۋا سۇنىدۇ، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەلەرگە شۇنىسى ئېنىقكى، يېرىم ئارالنىڭ خەتەرلىك تېمى ­­­­­­­­­­­­­­­­— بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلىگەندە، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆرۈلىدۇ، ئالدى بىلەن چاقىدىغىنى ھەرگىز جۇڭگو ئەمەس.

       جۇڭگو بىلەن چاۋشىيەننىڭ مۇناسىۋىتى بولسا جۇڭگوغا سىتراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بار سرتقى مۇناسىۋەت، يىراققا نەزەر سېلىش كېرەك، بىر مەزگىللىك ئىشقىلا قاراشقا بولمايدۇ. جۇڭگو يېرىم ئارالنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسەت قىلىپ يۈرگۈزۈشى ھەمدە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، كىم بۇ ماددىغا خىلاپلىق قىلسا، جۇڭگو بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ كۈچىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ بۇ تۆۋەن لىنىيىسى بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. تاشقى دۇنيانىڭ قارشى مېڭىش ئەندىشىسى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە ۋە چاۋشىيەنلەرمۇ مۇقىملىقتىن بىزار بولمايدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە باشقا نىشانلىرىمۇ بار، ئەمما، نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي قوبۇل قىلغىنى پەقەتلا مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ ماددا.

       شۇڭا سىرتقى دۇنيانىڭ جار سېلىشىغا قۇلاق سالماي، جۇڭگونىڭ چاۋشىيەن بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەستايىدىل تەرەققىي قىلدۇرۇشى خاتا ئەمەس ئەمەس.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.