بەش بارماقنى كۆيدۇرۇش

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 05:48:51

بەش بارماقنى كۆيدۇرۇش بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاغزىدىن : بىز قىز ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەللىملەر يىراق بىر جايغا ، ئىكىسكۇرسىيىگە ئاپاردى. قارىساق ئەسكى بىر قەلئەگە ئوخشايدىغان ئۆيكەن. مۇئەللىملەر ئۇن...

    بەش بارماقنى كۆيدۇرۇش

     

         بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاغزىدىن : بىز قىز ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەللىملەر يىراق بىر جايغا ، ئىكىسكۇرسىيىگە ئاپاردى. قارىساق ئەسكى بىر قەلئەگە ئوخشايدىغان ئۆيكەن. مۇئەللىملەر ئۇنىڭ تارىخىنى بىزگە تونۇشتۇرغاچ، ئۆزۈڭلار ئايلىنىپ چىقىڭلار؟ ناۋادا بىلەلمىگەن جايلار بولسا خاتىرىلىۋىلىڭلار‏- دېدى. مەن تازا قىزىقىپ ئىچى-ئىچىلەپ كىرىپ كىتىپتىمەن.

       باشقا دوستلۇرۇم ئازراق ئايلىنىپلا مۇئەللىملەرنىڭ قىشىغا كىتىپتۇ. مەن چۈشەنمىگەن جايلىرىمنى يازغاچ ئۇلاردىن يىراقلاپ كىتىپتىمەن. ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ، مۇئەللىم ئالدىراشلا ھەممەيلەن تولۇقكەن ماڭساق بولىدۇ دەپ، قايتىپ كىتىپتۇ. كىلىپ قارىسام ھىچكىم يوق بەكلا قورقتۇم. بىرەر ئۆيلىكنى تىپىپ ئەتە ئۆيۈمگە كىتەرمەن دەپ ماڭدىم. قارىسام ئالدىمدا كونا بىر ئۆي تۇرىدۇ. بىرىپ ئىشىكنى چەكتىم، ئىچىدىن 20ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭدىن بۇ يەردىن ماشىنا تاپقىلى بولامدۇ دەپ سورىدىم . ئۇ :

     _سىز ھازىر تاپالمايسىز، بۇ يەردە مەندىن بۆلەك ھېچكىم ياشىمايدۇ. ئادەملەر بار جايغا بىرىش ئۈچۈن ، يولنى ئۇزاقراق ماڭىسىز. بۈگۈن كەچ كىرىپ كەتتى مۇشۇ يەردە قونۇپ قىلىڭ ،ئەتە مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە بولغا سىلىپ قوياي دېدى. مەن: بولىدۇ. دەپ ئۆيگە كىرسەم ئۆيدە بىر شىرە، بىر ئورۇندۇق ۋە بىر كارىۋاتتىن بۆلەك نەرسە يوقكەن. ئۇ:

    _ مەن ئورۇندۇقتا ئۇخلاي ، سىز كارىۋاتتا ئۇخلاڭ، تاڭ ئاتسىلا مەن سىزنى يولغا سىلىپ قويىمەن دېدى  ماڭا يىپىنىش ئۈچۈن بىر كىرلىك بەردى. مەن ئۇ كىرلىكتە كۆزۈمنى ئوچۇق قويۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەمە جايلىرىمنى يۆگىدىم. ئۇخلىمىدىم، ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ شام يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. بىر ۋاقىتتا شامغا بىر-بىرلەپ بەش بارمىقىنى كۆيدۈرگىلى تۇردى. مەن بەكلا قورقۇپ كەتتىم. ئىچىمدە ئۇنىڭ دىنني بىرەر پائالىيىتى ئوخشايدۇ دېدىم. ئەتىسى ئۇ مىنى ماشىنا بار يەرگىچە ئاپىرىپ ، ئۆيۈمگە يولغا سىلىپ قويدى. ئۆيگە كىلىپ ئۆيدىكىلەرگە بولغان ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ گەپلىرىمگە دادام پەقەتلا ئىشەنمىدى. ئۆيگە كەلگەندىن ئىتىبارەن قاتتىق ئاغرىپ قالدىم .

         بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، دادام راستلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن مەن دەپ بەرگەن يەرگە ماشىنىسى بىلەن كەتتى، دادام بىرىپ مەن دەپ بەرگەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ. ھىلىقى بالا ئىشىكنى ئىچىپتۇ. دادام يول بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ يول سوراپتۇ. قارىسا بىر قولى لاتا بىلەن تىڭىغلىكەن، دادام: قولىڭىزغا نىمە بولدى، تىڭىۋاپسىزغۇ ؟ دەپ سوراپتۇ.    ئۇ :

    _ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يولدىن ئىزىپ قالغان بىر چىرايلىق قىز ئۆيۈمدە، بىر كۈن قونغانتتى. يىرىم كىچە بولغاندا شەيتان مىنى ئازدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ قىزغا چىقىلىشقا بۇيرىدى. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرسەم ئاخىرەتلىكىمنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ، گۇناھىمنىڭ ئىغىرلاپ كىتىشىدىن قورقۇپ ، شەيتاندىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن بىر بارمىقىمدىن كۆيدۈرۈپ بەش بارمىقىمنى كۆيدۈردۈم، پەقەت ئاغرىقنى ھىس قىلمىدىم، بولغان ئىش مۇشۇ دەپتۇ.

      دادام ئۇنىڭ ئەخلاقىدىن ، ئىتقادىنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن تەسىرلىنىپ ياخشى بالىكەن ، قىزىمنى مۇشۇنىڭغا بەرسەم بولىدىكەن دەپ، مىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بەردى. ئاللا ھەمىممىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن. ئىككىلى دۇنيادا يۈزۈمىزنى يورۇق قىلسۇن.

    ئامىن ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.