«غەم قىلماڭ» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىغا كىرىش

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-08 17:31:42

«غەم قىلماڭ»نىڭ ئۇيغۇرچىسىغا كىرىشزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىبارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲغا، دۇرۇت-سالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلل...



     

    «غەم قىلماڭ»نىڭ ئۇيغۇرچىسىغا كىرىش

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

    بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲغا، دۇرۇت-سالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرىغا بولغاي!

    بۇ كىتاب ئىنسانىي ھاياتنىڭ ئەنسىزلىك، ئىشەنچسىزلىك، ئۈمۈدسىزلىك، دىلخەستەلىك ۋە چۈشكۈنلۈكتىن ئىبارەت كىشى قەلبىنى ئارامسىزلىق سەندىلىگە بېسىپ، گاڭگىراش بازغىنىدا ئۇرۇش بىلەن بىرگە، غەم سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ئۆز زېيىنى ئۈچۈن ئىكەكلەيدىغان مەغلۇبىيەتكە تولغان پاجىئەلىك تەرەپلىرىنى داۋالاش ۋە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان زۆرۈر ھەم تەخىرسىز ئوقۇشلۇق.

    ئۇ زامانىمىز كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان روھىي قېيىنچىلىقلارنى ئىلاھىي ۋەھىينىڭ پارلاق نۇرى، پەيغەمبەرلىكنىڭ توغرا يولى بىلەن سىناقتىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر، جانلىق مىساللار، جەزبىدار قىسسىلەر، مەپتۇنكار ھېكايەتلەر، شۇنداقلا ساھابى ۋە تابئىنلار ئارىسىدىكى نەمۇنىلىك ئۈلگىلەرنىڭ جانلىق ئىش- ئىزلىرى، مەشھۇر شائىرلارنىڭ خۇشپۇراق قەسىدىلىرى، ئۇلۇغ ھەكىملەرنىڭ تىبابەت ئۈگۈتلىرى، ئالىم-ھۆكۈمالارنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك ۋەزلىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ساغلام ئىنسانىي تەبىئەتىگە لايىق رەۋىشتە ھەل قىلىشقا تىرىشقان. ئۇنىڭ ھەر بىر پەسلى:«بەختىيار ۋە خاتىرجەم ياشاڭ، خۇشال ھەم ئۈمۈدۋار بولۇڭ، غەم قىلماڭ!» دىگەن تىلەكلىرى بىلەن سىزنى يېڭى يېڭى تىنىقلارغا ئۇلاشتۇرىدۇ.

    ئىشىنىمىزكى، ئۇشبۇ كىتاب- ئىچى سىقىلىش ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان، غەم- قايغۇ يۈرىكىنى چىرمىۋالغان، مۇسىبەتتىن نېرى بولالمىغان، تەشۋىشلىنىپ ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان كىشىلەرگە سىرداش بولۇپ، ھاياتىغا مەنا قوشقۇسى!

    تەرجىمە جەريانىدا، ئەسلى ئەسەرگە تولۇق سادىق بولالىدۇق دېيەلمىسەكمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۆزىمىزگە لايىق رەۋىشتە تىرىشتۇق، دىيەلەيمىز. شۇنداقتىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمگىكىنى نوقساسىز دېيىشكە ئاجىزمىز، ئازماس ﷲدۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش داۋامىدا ھېس قىلغان « چولتىلىقلىرىمىز»نى ئايانماي كۆرسىتىپ بېرىشلىرىنى ھەم تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.   

                                             

    ھۆرمەت بىلەن:  زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى      بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرىي 

                                                2011-يىلى 3-ئاي    ئۈرۈمچى

    قوشۇمچە: بۇ كىتابنى تارىخ 2010-يىلى8-ئايدىن 2011-يىلى 4-ئايغىچە جەمئى سەككىز ئاي كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك ھىممەت كۆرسۈتۈشلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغەت ۋە پاساھىتى كۈندىن كۈنگە «يىڭنە يەۋالغان ئىت»تەك جۆدەپ كېتىۋاتقان بۈگۈندە، بۇنداق بىر ئەسەر ئۈچۈن ھېممەت كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ تىل خۇسۇسىدا، مىللەت ۋە زامان ئالدىدىكى بۇرج-مەسئۇلىيىتىمىزنى تۇنۇغانلىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە، ئەسەرنىڭ ئەسلى مەزمۇن ۋە تۈسىگە كۆرە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ يېنىك، ئەۋرىشىم، گۈزەل ئىبارەتلەرنى ئىشلەتتىم. ئەلۋەتتە بۈ ئەمگەك يالغۇز ماڭىلا خاس ئەمەس. تەرجىمە جەريانىدا ئايالىم بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرى، قاياشىم ئابدۇللا دامۇللا ھاجى، مۇرشىدىمىز شاھىمەردان دامۇللام ئوغلى ھەبىبۇللاھ مەخسۇم ۋە ئوغلى قارى مۇسلىم ھەبىبۇللاھ، قارى قەمەرىددىن ئابدۇغەنىي، قارىيە زەينۇرە ياسىن قاتارلىق ئەھلىم ۋە يېقىن-يورۇق، ئەھلى ئۇستاز، يار-بۇرادەرلىرىمنىڭ خالس ياردىمىنىڭ بەھرىدە قەلەم كۆچىتىمنى ئاينىتتىم. ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى ئۈچۈن،  زامانىمىزنىڭ مەنىۋىي چىراقلىرىدىن ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ دامۇللا ھاجىغا خاس ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىدىن پايدىلاندىم. ئۇستازىم ئابدۇسەمەد داۋۇد دامۇللام كۆپلەپ رىغبەت-ئىلھام بېرىپ تۇردى.  يىراقتىكى قەددى شەمشاد دادام ئابدۇلمەجىد سىددىقى ۋە مىھرى ئاتەش ئانام ئەزىزخان توختى، ئانىكام مەريەمخان توختى ۋە باشقا يېقىن-يورۇق، ئۇستاز- ئولىمالارمۇ دۇئايى-سالام يوللاپ مېنى قوللىدى. مانا مۇشۇنداق قوللاش ۋە دۇئايى مەدەتلەر بىرلە، بىلىمنى مەھكەم تۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىغا ۋىجدانەن يۈزلىنىشنىڭ ئەجرى سۈپىتىدە ئۇشبۇ تەرجىمە تامام بولۇپ، 2011-يىل 3- ئايدا نەشىرگە سۇنۇلدى. ئاللاھ خالىسا، پات يېقىندا ئەھلى - قېرىنداشلىرىمنىڭ تەشناقىغان قەلبىگە ئېقىن بولۇپ باشلانغۇسى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.