« بىكارچى»-(لۈشۈن)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 00:23:30

« بىكارچى» لۈشۈنتوختى باقى ئارتىشى تەرجىمىسى شاڭخەيلىكلەرنىڭ« بىكار »دىگەن سۆزىنى ئادەتتىكى گەپ بىلەن «ئۇيۇن -تاماشا»دەپ چۈشۈنۇش مۇمكىن؛ «بىكارچى »دىگەن سۆزنى كىتاۋى تىل بىلەن «ھالال ئىشى يو...

     « بىكارچى»

    لۈشۈن
    توختى باقى ئارتىشى تەرجىمىسى

        شاڭخەيلىكلەرنىڭ« بىكار »دىگەن سۆزىنى ئادەتتىكى گەپ بىلەن «ئۇيۇن -تاماشا»دەپ چۈشۈنۇش مۇمكىن؛   «بىكارچى »دىگەن سۆزنى كىتاۋى تىل بىلەن «ھالال ئىشى يوق، تىجىمەللىك بىلەن كۈن ئۆتكۇزىدىغان ئادەم»دەپ يەشسەك بىر ئاز چۈشۈنۈشلۈك بۇلىشى مۇمكىن. 
        تىجىمەللىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ناھايىتى بىر خىل غەلىتە ئەھۋال. لىكىن، شاڭخەيدە بىرەر ئەر  كىشىىدىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى ياكى بىرەر ئايالدىن ئېرىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى سورايدىغان بولسىڭىز، بەزىدە«بىكارچى»دىگەن ئۈزۈل-كىسىل جاۋانى ئالىسىز.
        بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان ئادەممۇ خۇددى«ئۇقۇتقۇچى»،«ئىشچى»دىگەن سۆزنى ئاڭلىغاندەك،ئەجەپلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر «ھېچقانداق ئىش-ئوقىتى يوق»دەپ جاۋاپ بېرىدىغان بولسا، ئاڭلىغۇچى خاتىرجەمسىزلىنىشى مۇمكىن. «بىكارچىى»لىق ئەنە شۇنداق ھالال ئىش، كەسىپ بۇلۇپ قالغان.     بىز شاڭخەيدەھەمىشە دىگۈدەك گىزىت-ژورناللاردا ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ تۆھپىلىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز،شاڭخەيدە ئاخباياتچىلىق ئىشى ئۇلارسىز قىزىمايدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى كۆپ بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ تۇقتىدىن ئاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى يالغۇز بىرەر ئەھۋالدىلا ئىپادىلىنىشى ناتايىن بولغاچقا،قارىماققا ھەر خىل ھەر ياڭزا كۆرىنىدۇ.   


        بىرىنچى نۇقتىسى-ئالدامچىلىق، تاماخۇر ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ قالسا گوللايدۇ، ھەسرەت چىكىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىپ قالسا،ئىچ ئاغرىتغان بۇلىۋالىدۇ؛ پىشكەللىككە ئۇچراپ قالغانلارنى كۆرسە مەرت بۇلىۋالىدۇ؛ لىكىن مەرتلەرنى كۆرسە بېچارە بۇلىۋالىدۇ؛ نەتىجىدە شۇ ئادەملەرنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئەكىتىدۇ.

       ئىككىنچى نۇقتىسى-ئۆكتەملىك قىلىش. ئەگەر ئالدامچىلىقتىن نەپ ئالالمىسا ياكى چىنىپ قالسا،تۈزىنى ئۆرۈپلا پوپوزا قىلىدۇ ياكى ئەدەپسىزلىك قىلدىڭ دەيدۇ،ياكى ئىنساپسىزلىق قىلدىڭ دەپ تۆھمەت قىلىدۇ،ياكى پۇلۇمنى بەرمىدىڭ دەيدۇ،ياكى ھىچقانداق سەۋەبىنى ئېيتماستىنلا قارا باستى قىلىدۇ ۋە بۇنداق قىلمىشنى«يول قۇيدۇم» دەيدۇ؛ نەتىجىدە شۇ ئادەملەرنىڭ بىر نەرسىلىنى ئەكىتىدۇ. 


        ئۈچۈنچى نۇقتىسى_تىكىۋىتىش.يۇقۇردىكى بىرىنچى نۇقتىنى قوللۇنۇپ ياكى ھەر ئىككىسىنى قۇللۇنۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانسا،بەدەر تىكىۋىتىدۇ،ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بۇلمايدۇ.مەغلۇپ بۇلۇپ قالسىمۇ بەدەر تىكىۋىتىدۇ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ .چىقارغان چاتىغى چوڭراق بولسا،شەھەردىن كېتىپ،شامال بېسىققاندىن كىيىن يەنە پەيدا بۇلىدۇ. 

          ئەنە شۇنداق ئىش -كەسىپ مانا مەن دەپ ئېنىق كۆرۈنۇپ تۇرغان بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ كەتمەيدۇ.


         «بىكار»يۈرگەنلەرقۇرساق تويغۇزۇپ يۈرەلەيدۇ، ئەمگەك قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئاچ قېلىشى تەبئى، بۇ ئەھۋالمۇ مانا مەن دەپ ئېنىق تۇرسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئەجەپلىنىپ كەتمەيدۇ.  
         لېكىن، «بىكارچى»دوسلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاسىيەتلىك يەرلىرىمۇ بار،چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا«بىكارچىمەن»دەپ توغرىدىن-توغرا ئېيتىۋىرىدۇ.    


                 6-ئاينىڭ26-كۇنى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.