دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 02:51:43

دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم  ۋاڭ يۈلىن       تەسادىبى پۇرسەتتە «جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتى»نىڭ 2001-يىل4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 5-بېتىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بېسىلغان «گويۈگە سەپە...

    دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم

     

    ۋاڭ يۈلىن 

         تەسادىبى پۇرسەتتە «جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتى»نىڭ 2001-يىل4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 5-بېتىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بېسىلغان «گويۈگە سەپەر»،«دۆلەت يولىنى ياسايمىز دەپ قەدىمىي شەھەرنى ۋەيران قىلىش»ماۋزۇلۇق ئىككى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئالدىنقىسىدا، جىندوڭنەن ۋىلايىتىدىكى گويۈ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق كەنتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پويىزغا چىقىپ بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مۇتەخەسىسلەرنى مېھمانخانىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ،ئۆزلىرىگە قوغداش-ئاسراش لاھىيىسى تۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەم قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى رېمنوت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ 10يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقى يېزىلغان. بۇ كىچىككىنە كەنىت مۇشۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 2مىليون يۇەن ئاجرىتىپ ئالدىنقى قارارلىق قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان.كەنىت باشلىقى مىياۋ كۇنجىېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ھازىر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئانچە تەكىتلەنمەيۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز ئاۋال كەنتىمىزدىكى قەدىمىي ئىزلارنى ھەقىقى تۈردە رېمنوت قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئەجدادلىرىمىز ھەم كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ.»

    كېيىنكىسىدە ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يەنشەن ناھىيىسى 315-دۆلەت يولىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرىنىشتە ئىتائەت قىلغان بولىۋېپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلىپ، خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ، مەخپىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، پارتىزانلارچە قۇرۇلۇش تاماملىغانلىقى؛ بۇنى بەرىبىر بولۇپ بولغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش شەكلى بېلەن شىخەيجۈن قەدىمىي شەھرىنىڭ ئەسلىدىكى يولىنى مەجبۇرىي كېڭەيتپ، مەمەلىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ---شىخەيجۈن قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر ناھىيىنىڭ بىر مۇئاۋىن ھاكىمى بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:«مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ناھىيمىز مالىيىسى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدى، كارخانىلار ۋەيران بولۇپ، پۈتكۈل ناھىيىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ كەتتى. مۇبادا 315-دۆلەت يولى ناھىيىمىزدىن ئۆتسە بىر قىسىم ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەزى 3-كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويغىلى بولىدۇ.»

    مەن تازا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ھاكىمنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن دېھقانغا يەتمەيدىغانلىقىنى پەملەپ قالدىم:

    بىرىنچى، ھاكىمنىڭ قانۇن-تۈزۈم قارىشى دېھقانغا يەتمەيدىكەن. دېھقان قانداقلىكى بولمىسۇن قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ، قانۇننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلگەن. ۋەھالەنكى ھاكىم «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇنى»غا قىلچە پىسەنىت قىلماي ، قانۇننىڭ تەتۈرىسىچە ئىش تۇتۇپ، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان. گەرچە بۇ بىر دىلو(ئەمما ئۇ بۇنى پەقەت ۋە پەقەت دېلو دەپ قارىساىلا) تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپى قانچە ئۆسكەنسېرى ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم قارىشى شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ، دېگەن خۇراپىلارچە كۆز-قارىشىمىزنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشغا ياردىمى باردەك قىلىدۇ.

    ئىككىنچى، ھاكىمنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى ئېڭى دېھقانغا يەتمەيدىكەن.دېھقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخي مەدەنىيەت مىراسى بولۇشتىكى موھىملىقى ۋە قىممىتىنى بىلگەن بولغاچقا ئۇنى ئەمەلىي ھەركىتى بېلەن قوغداپ ئەجدادلىرى ھەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلغان.ۋەھالەنكى، ھاكىم تارىخي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە «دۆلەت يولىنى مۇشۇ يەردىن ئۆتكۈزگەن» ،ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قايتا يارالمايدىغانلىقىنى ، بىرسى زىيانغا ئۇچرىسا بىرسىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى بىلمىگەن ياكى بىلسىمۇ پەرۋايىغا ئالمىغان.

    ئۈچىنچى، ھاكىمنىڭ نەزەر دائىرسى دېھقاننىڭكىگە يەتمەيدىكەن. كەنىت باشلىقى ئىگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان ، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمىسە ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئەۋلادلارنى يۆلەيدىغانلىقىنى بىلگەن. تېخىمۇ موھىمى ئۇ جوڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ«قانچە يىراققا نەزەر تاشلىساڭ شۇنچە پارلاق مەنزىلنى كۆرىسەن» دېگەندەك كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە. ۋەھالەنكى، ھاكىم پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، 3-كەسىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش بېلەنلا بولۇپ كېتىپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىغان،” ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا “ دېگەن مەنتىقە بويىچە ئىش كۆرگەن. ئۇنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقىغا ھېچقانداق گەپ توغرا كەلمىسە كېرەك.

    يۇقۇردىكى ھاكىمنىڭ دېھقانغا ئۈچ جەھەتتىن يەتمەيدىغانلىقى نۆۋەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەقىقەتەن كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.