تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -12 «دەدە قورقۇت» داستانى ھەققىدە قىسقى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-29 10:30:27

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -12«دەدە قورقۇت» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات...«دەدە قورقۇت» نى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ گۈلتاجى دەپ قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى دەدە قورقۇت كىتابى، كوللې...



    تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -12

     

     

    «دەدە قورقۇت» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات...

     

       «دەدە قورقۇت» نى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ گۈلتاجى دەپ قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى دەدە قورقۇت كىتابى، كوللېكتىپ ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى، ھايات شەكلى، تىلى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئائىت ئىستېتىك بايلىقلارنىڭ، ئەسىرلەرنىڭ ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن پىشىپ يېتىلگەن ئىجادىيەت تۈرى داستاندۇر. داستان بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ گۈلتاجى ھېسابلىنىدۇ. داستانلار ئىچىدە دەدە قورقۇتمۇ «تۈرك داستانلىرىنىڭ گۈلتاجى» دۇر. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، مەشھۇر ئەدەبىيات تارىخچىمىز فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ «تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، دەدە قورقۇتنى بىر تەرىپىگە قويىدىغان بولساق، دەدە قورقۇت بېسىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزى بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېچقانچە مۇبالىغە قىلىنغان ئەمەس. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1998- يىلىنى دەدە قورقۇت يىلى ئېلان قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر دۆلەت كومىتېتى تەشكىل قىلىشى؛ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل ئوردادىكى بىر دۆلەت ئۇنىۋېرسىتىتىغا دەدە قورقۇتنىڭ ئىسمىنى بېرىشى چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.

    .......................................................................................

        دەدە قورقۇت كىتابى، پۈتۈنلەي ئوغۇز تۈركلىرىگە ئائىت ھېكايىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەردۇر. بۇ ئەسەردە، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ 9- ۋە 12- ئەسىرلەردە غەربكە قاراپ كۆچۈشى ئەسناسىدىكى ۋەقەلەر تېما قىلىنغان.

        دەدە قورقۇت كىتابى، كېلىپ چىقىشى ئېتىبارغا ئېلىنغىنىدا، ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. كىتابنىڭ 15 ۋە 16- ئەسىرنىڭ يېزىق، تىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇشى ئۇنىڭ بۇ دەۋرلەردە قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

        كىتابنىڭ ئىككى قول يازما نۇسخىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ بىرى درەسدەن نۇسخىسى، يەنە بىرى ۋاتىكان نۇسخىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددىمە بىلەن باشلايدۇ.

        دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى «كىتابى دەدەم قورقۇد ئەلا لىسانى تائىفەئى ئوغۇزان» دۇر. كىتابتىكى ھېكايىلەر مۇجادەلەلەر ۋە تۈرك تارىخىنىڭ مۇئەييەن دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىزلارنى چۆرىدەيدۇ.

        9- ئەسىر بىلەن 11- ئەسىر ئارىسىدا ئوغۇزلارنىڭ سىر دەريانىڭ شىمالىدىكى قوشنىلىرى بولغان پەچەنەك ۋە قىپچاقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇرۇشلارنى مەزمۇن قىلغان ھېكايىلەر، سالۇر قازان نامى ئەتراپىغا توپلانغان سالۇر قەبىلىسىنىڭ تارىخىي داستانلىرىدۇر.

        13- ئەسىردىن ئېتىبارەن شەرقىي ئانادولۇ ۋە ئەزەربەيجاندا تۈركمەن قەبىلىرىنىڭ گىرۇزى، ئابخاز ۋە ترابزون رىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇرۇشلار بايان قىلىنغان دىرسە خان ئوغلى بوغاچ خان، دەلى دۇرمۇل، قان تۇرالى ھېكايىلىرى بولسا، باشقا بىر دەۋرنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

        دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، تۈرك روھى مەيدانغا كەلتۈرگەن، تۈرك تىل ۋە كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر پارچە ئەسەردۇر. بۇ داستانلاردا دۇرۇسلۇق، ۋەدىسىدە تۇرۇش، مۇقەددەس نەرسىلەر يولىدا يولى كەلگەندە ئۆزىنى قۇربان قىلىش دېگەن قىممەت –قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە پۈتۈن بۇ ئامىللار ئائىلە، جامائەت، نەسەب ۋە ئىنسان سۆيگۈسىنى روياپقا چىقارماقتا. ئاتا –ئانىغا ساداقەت، بىر تۇغقان، دوست –بۇرادەر، بالا –پەرزەنت سۆيگۈسى بارلىق ھېكايىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ ئائىلە ھاياتى ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئاياللارغا، ئانىلارغا بولغان ھۆرمەت ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. ئاياللار ئاتقا مىنىدىغان، قورال ئىشلىتىدىغان، ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان قەھرىمانلار سۈپىتىدە نامايان قىلىنىدۇ.

        ھېكايىلەردە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ قەدىمكى ئېتىقادلىرى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.

        كىتابتا ئورۇن ئالغان قەھرىمانلار ئوغۇز بەگلىرى ۋە خان ئوغۇللىرىدۇر؛ بىراق ئەسلى قەھرىمان ئوغۇز ئىلىنىڭ ئاقساقىلى دەدە قورقۇتتۇر. ئۇ مۇجادىلىلەرگە قاتناشمايدۇ، بىراق ھەر پائالىيەت ۋە ۋەقەنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ، ۋەقەگە بېغىشلاپ باربۇت چالىدۇ؛ ئوغۇزنامە قوشىدۇ، نەسەبلەرنى ئاڭلىتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ بارلىق مۇشكۇلاتلىرىنى ھەل قىلىدۇ.

       مەيلى تۈركىيەدە ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن دەدە قورقۇت داستانىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە سىرتىدا بارتولد، سامايلوۋىچ، ھامدى ئاراسلى، مۇختار ئاۋېزوۋ، ئەھمەد چوبانئوغلۇ؛ تۈركىيەدە كىلىسلىق رىفات، پ.نائىلى بوراتاۋ، مۇھەررەم ئەنگىن، ئورھان شائىك گۆكيايغا ئوخشاش قىممەتلىك ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

    .......................................................................................

      كۆپلىگەن مەنبەلەردە، دەدە قورقۇتنىڭ ئەسلىدىكى ئسىمى قورقۇت ئاتا بولسىمۇ، دەدە نامىنىڭ ئۇنىڭغا تەجرىبىسى، ئىلمى، مويسىپىتلىقىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە كېيىنچە بېرىلگەنلىكى قارىشى بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھەقىقىي ھاياتى ھەققىدە پاكىتنى چىقىش قىلىدىغان مەلۇماتلاردىن مەھرۇم بولۇشىمىزنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ ئۇلۇغ ئوغۇز ئالىمىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ھاياتى ھەققىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان رىۋايەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

       شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دەدە قورقۇتنىڭ قايسى قەبىلە ۋە قاتلامغا ئائىت ئىكەنلىكى رېئاللىقىدىنمۇ بەكرەك، قازاق، تۈركمەن، ئازەرى، تاتار، ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ كىملىكىدىنمۇ مۇھىم بىر نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئورتاق قىممەت –قاراشلار كەڭ كەتكەن رايوندا چېچىلاڭغۇ ھالدا ياشايدىغان خەلقلەرنى بىر –بىرلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلىدۇر.

       بىرلىككە كەلگەن قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، دەدە قورقۇت بىر مۇستەقىل ئىجتىمائىي شەخس سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. ئۇ ھەقىقىي مۇتەپەككۇر، باشقىلار ھەر دائىم مەسلىھەت سورايدىغان، قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان، كارامەتكە ئىگە، كەلگۈسى ۋە نامەلۇم ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغان ئۇلۇغ كىشى بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرگە ئۇ كۈچلۈك بىر خەلق شائىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دەدە قورقۇت «شائىرلارنىڭ پىرى»، «ئوزانلار بېشى» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلدى.

       ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى، ئەسەر نامىدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ تەرىپىدىن تەرتىپلىنىپ خەلق بىلەن ئورتاقلىشىلغان. كىتابتا ئۇنىڭ نامىنىڭ زىكىر قىلىنماسلىقىنىڭمۇ بۇنىڭدىن باشقا ئىزاھاتى بولمىسا كېرەك.

       ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق مەنبەلەر قورقۇت نامىدا ھەمپىكىر بولسىمۇ، بىر قىسىم مەنبەلەر ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىغا «دەدە»، بەزىلىرى «ئاتا» سۆزلىرىنى ئىلاۋە قىلىپ بايان قىلماقتا. بۇمۇ ئەلۋەتتە سەۋەبسىز ئەمەس بولۇپ، «دەدە» ياكى «ئاتا» ئۇنۋانلىرى ئۇنىڭ خەلق ئىچىدە ئوينىغان رولىنى سىمۋوللۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش كۆزدە تۇتۇلغان.  قورقۇت «دەدە» (بوۋا) دۇر، چۈنكى ئۇ بارلىق كىشىلەردىن ئۇزۇن ياشىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىنى بىلىدۇ. قورقۇت «ئاتا» دۇر، چۈنكى ئۇ ئوغۇزلارنىڭ بىردىن بىر ۋە ھەقىقىي ئالىمى، توغرا يول كۆرسەتكۈچىسىدۇر. يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزغا ئىلاۋە قىلىپ شۇنىمۇ ئەسكەتىمىزكى، ئۇ «دەدە قورقۇت» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ۋە شۇنداق تەرىپلەنمەكتە.

       ھەققىدە ناھايىتى پەرقلىق مەلۇماتلار بار بولغان دەدە قورقۇتنىڭ كىشىلىكىنى ئەڭ ياخشى ئايدىڭلىتىپ، ئىزاھلاپ ۋە كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلارنى يەنىلا دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇچرىتىمىز. ئەسكەرنىڭ كىرىش قىسمىدا دەدە قورقۇت بىزگە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن تەرىپلىنىدۇ:

       «رەسۇل ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا يېقىن، بايات قەبىلىسىدىن قورقۇت ئاتا دېيىلىدىغان بىر ئەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ كىشى ئوغۇزلارنىڭ دانىشمىنى ئىدى، ئۇ نېمە دېسە شۇنداق بولاتتى. غەيىبتىن ھەر خىل خەۋەرلەرنى بېرەتتى. ھەق تائالا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىلھام بېرەتتى.

        قورقۇت ئاتا، ئوغۇز قەۋمىنىڭ ھەر خىل مۇشكۇلاتىنى ھەل قىلاتتى. ئۇلار ھەر قانداق ئىش بولسا، قورقۇت ئاتىغا مەسىلىھەت سالماستىن قىلمايتتى. ئۇ نېمە ئىشقا بۇيرىسا قوبۇل قىلىشاتتى. سۆزىگە بويسۇنۇپ ئادا قىلاتتى.»

        يەنە كىتابتا ئورۇن ئالغان ھېكايىلەردىن دەدە قورقۇتنىڭ ئوغۇز تۈركلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ھەر دائىم مەسلىھەتىنى ئالىدىغان بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز. دەدە قورقۇتنىڭ كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرگە ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئات قويۇش، يەنە بىرى ئات مىنىش، ئۈچىنچىسى بولسا، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇشى ئىدى.

    .......................................................................................

        دەدە قورقۇت، ئوغۇز ئۆرپ –ئادەتلىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئوغۇل بالىلارغا لايىق بولغان چاغدا ئىسىم قويىدىغان بىرلا كىشىدۇر. ئوغۇزلارنىڭ ئادىتىدە ئوغۇل بالا ئائىلىسى ۋە خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئىش قىلماي، بىرەر قەھرىمانلىقنى نامايان قىلماي تۇرۇپ، يەنى ئەسەردە بايان قىلىنغان تەبىر بويىچە «بىر ئوغۇلغا باش كېسىپ، قان تۆكمىگۈچە ئات قويۇلمايتتى». ئوغۇل بالا قاچانكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بىرەر يىگىتلىكنى نامايان قىلسا، خەلققە ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇراتتى. شۇ چاغدا دەدە قورقۇت كېلىپ ئۇنىڭغا ئىسىم قوياتتى. مەسىلەن، دىرسە خان ئوغلى بوغاچ خان ھېكايىسىدە دەدە قورقۇتنىڭ بوغاچ خانغا ئىسىم قويۇشى مۇنۇ شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ:

        «چاقىرىشتى، دەدە قورقۇت كېلىدىغان بولدى. ئوغۇلنى ئېلىپ ئاتىسىغا بەردى. دەدە قورقۇت بالىنىڭ ئاتىسىغا ئېيتتى، قاراپ باقايلى خانىم نېمە دەپتۇ:

     

    ھەي دىرسە خان بەگلىك بەر بۇ ئوغلانغا،

    تەخت بەر ئەردەملىكتۇر.

    بوينى ئۇزۇن، بۈيۈك ئات بەر بۇ ئوغلانغا،

    مىنەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.

    ئېغىللاردىن ئون مىڭ قوي بەر بۇ ئوغلانغا،

    ئەتلىك بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.

    تۆگىلەردىن قىزىل تۆگە بەر بۇ ئوغلانغا،

    يۈك توشۇغۇچى بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.

    ئالتۇن باشلىق ئوتاق بەر بۇ ئوغلانغا،

    سايە بولسۇن ئەردەملىكتۇر.

    مۈرىسى قۇشلۇق تون، كىيىم بەر بۇ ئوغلانغا،

    كىيەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.

     

       «سېنىڭ ئۇشبۇ ئوغلۇڭ بايىندىر خاننىڭ ئاق مەيدانىدا جەڭ قىلىپتۇ، بىر بۇقا ئۆلتۈرۈپتۇ، ئىسمى بوغاچ بولسۇن، ئىسمىنى مەن بەردىم، يېشىنى ئاللاھبەرگەي!- دېدى. »

    .......................................................................................

        دەدە قورقۇت خەلق ئىچىدە بەس –مۇنازىرىسىز ئۈستۈنلۈككە ئىگە بىر دانىشمەندۇر. ئۇنىڭ ئىلمى ۋە دانىشمەنلىكىدىن ھېچكىم شۈبھىلەنمەيدۇ. مۇشكۇلاتلارغا دۈچ كېلىپ قالغىنىدا، چىقماس يوللارغا كىرىپ قالغان چاغلىرىدا ھەر دائىم ئۇ چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن، بامسى بەيرەك بىلەن بانۇ چىچەكنىڭ ئۆيلىنىشىدە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان ساراڭ كارجار بىلەن مول تەجرىبىسى سايىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ ۋە بىر –بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ياشنى دىدارلاشتۇرىدۇ. ئوغۇزنىڭ بېشىغا بالا بولغان تەپەگۆزنى يەنە چوڭقۇر ئىلمى بىلەن توختىتىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى باشاتنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ يوق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

    .......................................................................................

        دەدە قورقۇت ئەسەردە ناھايىتى روشەن شەكىلدە ئەسكەرتكىنىدەك، ئالاھىدە يۇقىرى كۈچلەرگە ئىگىدۇر. ئۇنى ھېچبىر كۈچ يېڭىلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر قاتار پەۋقۇلئادە ئالاھىدىلىكلەرنى بەخش قىلغان. پەقەتلا كۈتۈلمىگەن، ئىنتايىن مۈشكۈل ۋاقىتلاردا، ئۇ مەزكۇر ئالاھىدە كۈچى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ ۋە رەقىبلىرىنى پەرىشان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن بىر ئەۋلىيادۇر. دەدە قورقۇت بارلىق جايلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالدىمىزغا چىقىدۇ. مەسىلەن، دەدە قورقۇت ساراڭ كارجار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارغاندا، كارجار ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، دەدە قورقۇت ئۇنىڭغا «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەيدۇ. بۇ سۆزدىن كېيىن ساراڭ كارجارنىڭ قولى قېتىپ ھەرىكەت قىلالماس بولۇپ قالىدۇ.

        شۇنداق قىلىپ، كارجارنىڭ ماددىي كۈچ ئۈستۈنلۈكى دەدە قورقۇتنىڭ مەنىۋىي كۈچىنىڭ ئالدىدا مەغلۇب بولىدۇ ۋە كارجار ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

        دەدە قورقۇت كۈچلۈك پەلسەپىگە ئىگە بولۇپ، پەيلاسۇپلارچە تەپەككۇر قىلىدۇ. دۇنيا، ئىنسان ۋە ئاخىرەت ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ھېكايىلەرنىڭ ئاخىرىدا قولىدا باربۇتىنى تۇتقان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتكە دائىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۇنياغا ئارتۇقچە بېرىلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدۇ. سۆزلىرى جانلىق ۋە ئىبرەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چوڭقۇر رېئاللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.

        بۈيۈك تۈرك شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى ئەلى شىر ناۋايى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە: «ھەم ئۆتمۈش ھەم كېلەچەكتىكى ئىشلارنى بىلىدىغان بىر كىشى» دېگەن ئىدى. شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، دەدە قورقۇت تارىخنىڭ يۆنۈلۈشى ئىچىدە شەرق دۇنياسىدا كۆپلىگەن ئۈلگىلىرى تېپىلغىنىغا ئوخشاشلا، ھۆكۈمدارلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇلارغا ئەقىل كۆرسىتىدىغان بىر دانىشمەن كىشىدۇر. خاقان ۋەياكى ھەر قانداق بىر سۈپەتكە ئىگە بىر ھۆكۈمدارنىڭ قېشىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ۋەزىر، بىر دانىشمەنلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. لېكىن ئەسەردە بۇ ئالاھىدىلىكىدىن بەكرەك، شائىر ۋە شائىرلار سەردارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىمىزغا چىقىدۇ.

        بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىرىشقان ئۈچ ئاساسلىق ۋەزىپىدىن باشقا ئۇنىڭ خەلق ئىچىدە تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز: ياخشى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قىلىش، ئوغۇز ۋە قىپچاق تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان پەرقلىق ھېكايىلەرنى بايان قىلىش، خان ۋە بەگلەرگە ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىغا مۇناسىپ مەدھىيەلەرنى ئوقۇش، مۇراسىملاردا باربۇت چېلىش، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ناخشىلارنى ئېيتىش، ياخشى كىشىلەر ئۈچۈن تەڭرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، ناچار ئادەملەرگە بەددۇئا قىلىش ۋە باشقىلار....

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.