ئەدەبىيات دېگەن نېمە(ھىللىس مىللىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 00:00:00

ئەدەبىيات دېگەن نېمەھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسىھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئ...



    ئەدەبىيات دېگەن نېمە
    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

     



     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھازىر كالفۇرنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات فاكولتېتى ھەم تەنقىد نەزەرىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ نوپوزلۇق پىروفېسسورى. «نەزەرىيەنىڭ بۈگۈنى»، «پېروزا ۋە تەكرارلىق»، «ئۇ» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار.

     

     


    ئەدەبىيات، خەيرى خوشمۇ؟

     

     

     



    ئەدەبىيات ئاخىرلىشىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ مەھشەر كۈنى كېلىدۇ، بۇ چاغ ئوخشاش بولمىغان مىدىيەلەرنىڭ ئۆز ئەدەبىياتى بولىدىغان دەۋردۇر. ئەدەبىيات مەھشەر كۈنىگە دۇچ كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەبەدىيلىك، دۇنياۋىيدۇر. ئۇ بارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تېخنىكا ئۆزگىرىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەدەبىيات پۈتكۈل ۋاقىت، پۈتكۈل جايلاردىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر، بۈگۈنگى كۈندىكى «ئەدەبىيات» قا ئائىت بارلىق ئەستايىدىل ئويلىنىشلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت مۇشۇ ئىككى ھۆكۈمنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.

     


    بۇ خىل زىددىيەتلىك ۋەزىيەت قانداق كېلىپ چىققان؟ ئەدەبىياتنىڭ تارىخى بار. مەن دەۋاتقان «ئەدەبىيات» بىز غەربتىكى تۈرلۈك تىللاردا ئىشلىتىدىغان literature (ئىنگلىزتىلى ياكى فرانسوز تىلىدا)، letteratura (ئىتالىيان تىلىدا)، literatura (ئىسپان تىلىدا)، Literatur (گىرمان تىلىدا) دېگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. جاك دىرىدا «ئۆلۈم: توقۇلما ۋە شاھىد» ناملىق ئەسىرىدە «ئەدەبىيات» دېگەن سۆز لاتىن تىلىنى مەنبە قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ رىم − خرىستىيان دىنى − ياۋروپا مەنبەسىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى(1). ھازىرقى زامان مەنىسدىكى ئەدەبىيات غەربىي ياۋروپادا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغانىدى. يەنى، ئەينى چاغدا بۇ سۆز ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان مەنسىگە ئىگە بولمىغانىدى. «ئوكىسفورت ئىنىگلىز تىلى سۆزلۈكى» (牛津英语词典) گە ئاساسلانغاندا، «ئەدەبىيات» نىڭ تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى يېقىنقى ئىش ئىكەن. ھەتتا سەيمىل جونسوننىڭ «خەتلىك»(2) (字典، 1755- يىلى) ىدىن كېيىنمۇ «ئەدەبىيات» شېئىر، بېسىلىپ، تۈپلىنىپ، كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن درامما ۋە پېروزىدىن باشقا يەنە ئەسلىمە، تارىخنامە، خەت- چەكلەر توپلىمى، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارالغانىكەن(3). ئەدەبىياتنىڭ پەقەت شېئىرىيەت، درامما، پېروزا بىلەنلا چەكلىنىشى تېخىمۇ يېقىنقى ئىشتۇر. جونسوننىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىنىقلىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ: ئەدەبىيات «تىل ياكى كىتابلارنى پىششىق بىلىش، ئەستايىدىللىق ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىلىمى، ئەدەبىيات كۇلتۇرى» دۇر، دېگەنىدى. «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە خەتلىكى» (牛津英语字典) دە 1880- يىلىغا مەنسۇپ «ئۇ ئەدەبىياتى تولىمۇ ئاز ئادەم» دېگەن بىر مىسال كۆرسىتىلگەن. پەقەت «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكى» (牛津英语词典) نىڭ 3- ماددىسىغا كەلگەندىلا، بىز تۆۋەندىكىدەك ئىنىقلىمىغا ئىگە بولىمىز:

     

    پۈتكۈل ئەدەبى ئىجادىيەتنى كۆرسىتىدۇ، مەلۇم بىر دۆلەت، مەلۇم بىر مەزگىل ياكى پۈتۈن دۇنيادا روياپقا چىققان پۈتكۈل يېزىقچىلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ چەكلىك مەنىدە ئىشلىتىلىپ، شەكىل گۈزەللىكى ياكى ھىسسىيات ئۈنۈمى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇتالىئە قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىمۇ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

     

    «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكى» دە تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىنىقلىما «ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەدە ئىنتايىن كېچىكىپ پەيدا بولغان». ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ناھايىتى ئوڭايلا 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بىكىتىشكە بولىدۇ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئەنگلىيەدە ئۇ جوسىپ ۋارتون (1722  1800، Joseph Wharton) ۋە توماس ۋارتون (1728  1790، Thomas Wharton) نىڭ خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك(4). ئىدمۇند گوس (Edmund Gosse)  1915− 1916- يىلىدىكى «رومانتىزمنىڭ ئىككى ئاساسچىسى: جوسىپ ۋە توماس ۋارتونلار» ناملىق ماقالىسىدە ئۇلار ئەدەبىياتقا ئۇنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئىنىقلىمىسىنى بەردى، دېگەنىدى. يېڭى مىدىيەلەرنىڭ پەيدىنپەي مەتبەئە كىتابلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مەنىدىكى ئەدەبىيات ھازىر ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

     

     



    ئەدەبىياتنى نېمە مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟

     

     


    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات چوقۇم ھەمراھ بولۇشى زۆرۈر بولغان كۇلتۇر ئالاھىدىلىكى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىياتمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. دېموكراتىيە تۈزۈمى سايلام ھوقوقى، قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، مۇنتىزىم ئەدلىيە سىستېمىسى، ئاساسى ئىنسانىي ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردىن دېرەك بەردى. بۇ دېموكراتىك ئەللەر بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان مائارىپنى ئاستا- ئاستا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقىنى نەشر بۇيۇملىرىغا ئېرىشىش ۋە يېڭى كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلدى.


    ئەلۋەتتە، بۇ ئەركىنلىك ئەزەلدىن ئۈزۈل- كېسىل بولۇپ باقمىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەكشۈرۈشلەر مەتبەئە ماشىنىلىرىنىڭ كۈچىنى چەكلىمەكتە. مەتبەئە ماشىنىسىغا ئوخشاش ھوقوقنىڭ سىنىپىي ئايرىمىسىنى بۇنداق بۇزۇپ تاشلىغان يەنە بىر تېخنىكا يوق. مەتبەئە ماشىنىسى فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى، ئامېرىكا ئىنقىلابىدەك دېموكراتىك ئىنقىلابلارنى مومكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئېنتېرنىت تورى موشۇ خىل فۇنكسىيەنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ئىنقىلابلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەخپىي گېزىت، تەشۋىقات، ھۆرلۈك خاراكتېرىگە ئىگە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بېسىپ تارقىتىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ دەل ئېلخەت، ئىنتىرنىت تورى، يانفۇن، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىنقىلابلىرىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم بولىدىغانلىقىغا ئوخشايىتتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى خىل ئالاقە تۈزۈلمىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۈچلۈك ئېكىسپىلاتتاتسىيە قورالىدۇر.


    ھازىرقى زامان دېموكراتىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن دېرەك بەردى. ھەرقايسى ئەل پۇقرالىرى ئىچىدە، ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى مىللەت، تىل جەھەتتىكى بىرلىككە ئىلھام بەردى. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئاممىباب ئەدەبىياتتۇر. ئۇنىڭغا لاتىن تىلىنىڭ بىر خىل ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تىل بولۇشتىن پەيدىنپەي قېپقىلىشى ھەمراھ بولدى. مىللىي دۆلەتلەرگە ئەگىشىپ، مىللىي ئەدەبىيات ئۇقۇمى، يەنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىلى ياكى ئاممىباب تىلدا يېزىلغان ئەدەبىيات پەيدا بولدى. بۇ خىل كۆز قاراش مەكتەپلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا كۈچلۈك نامايەن بولۇپ، فىرانسوز تىلى فاكولتېتى، گېرمان تىلى فاكولتېتى، ئىنگلىز تىلى فاكولتېتى، سىلاۋىيان تىلى فاكولتېتى، ئىتالىيان تىلى فاكولتېتى، ئىسپان تىلى فاكولتېتى قاتارلىقلارنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، بىر- بىرىدىن ئايرىپ چىقتى. بۇ فاكولتېتلار بىراقلا يوقالماي، يەنە قايتا تەشكىللىنىدۇ، ئەمما، نۆۋەتتە بۇنىڭغا نىسبەتەن غايەت زور توسالغۇ مەۋجۇت بولماقتا.


    غەرب ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نۇقتىئىينەزىرىنىڭ تىكلىنشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھازىرقى زامان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىللە بولدى. ئادەتتە، ئەڭ دەسلەپكى ھازىرقى زامان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋىلھىلىم ۋون خۇمبولدىت (Wilhelm Von Humboldt) (6) تۈزگەن لايىھەنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى، دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىككى ياقىلىما بۇرچنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇنىڭ بىرىنچىسى «بىلىم»، يەنى بارلىق ھەقىقەتلەر توغرىسىدىكى ئىزدىنىش، ئىككىنچىسى، «مائارىپ» نى بىر دۆلەتنىڭ ئېتىكىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، مەزكۇر دۆلەتىنىڭ پۇقرالىرى (ئەڭ دەسلەپتە ئاساسەن ئەر پۇقرالار) نى تەربىيەلەش ئىدى. ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىيات قارىشى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەم ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتەپ مائارىپى تەرىپىدىن يارىتىلغان دېسەك بۇ مۇبالىغا بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. نېمىلا بولسۇن، گېزىت، ژۇرنال ھەم يېڭىلىقپەرۋەر تەنقىدچىلەر ۋە ئوبزورچىلارمۇ كۈچ چىقارغانىدى، مەسىلەن، ئەنگلىيەلىك جونسون، كولىرىج Samuel Taylor Colerdge)) (7). ئۇنىۋېرسىتېتلار يېتىشتۈرگەن يازغۇچىلار بىزنىڭ ئەدەبىيات قارىشىمىزغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مەسىلەن، گېرمانىيەلىك ئاكا- ئۇكا شىلەيگىرلار ھەم گېرمانىيە رومانتېزىم ئېقىمىدىكى بارلىق تەنقىدچىلەر ۋە پەيلاسوپلار. ئەنگلىيەنى مىسالغا ئالساق، ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋودىسۋورز (Wordsworth) (8) نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ «لېرىك شېئىرلارغا مۇقەددىمە» سى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە شېئىر ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى تەبىرلەپ بەردى. ۋىكتورىيە دەۋرىدە ئوكىسفورتتا تەربىيەلەنگەن ئارنولىد (Matthew Arnold) (9) ئەنگلىيە- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى تۈزۈملەشتۈرۈشكە ئۇل سالغۇچىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى كونسېرۋاتىزم چەمبىرىكى ئىچىدە ھېلىھەم ئارنولىدنىڭ ئىدىيەسى ھۆكۈم سۈرمەكتە.


    ئارنولىد گىرمانىيەلىكلەرنىڭ «ياردىمى» دە «مائارىپ» نىڭ مەسئۇلىيىتىنى پەلسەپەدىن ئەدەبىياتنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى. ئارنولىدنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئەدەبىيات پۇقرالارغا «دۇنيادىكى بىلىنگەن ۋە مۇلاھىزىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ياخشى نەرسىلەر» نى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالارنى يارىتاتتى. ئارنولىدقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ «ئەڭ ياخشى نەرسىلەر» ھومىر، «ئىنجىل» دىن تارتىپ گىيوتى، ۋودىسۋورزغىچە بولغان كىلاسسىك غەرب ئەسەرلىرىدە ئىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھېلىھەم ئۆزى تۇرغان مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭ ئېغىزىدىن تۇنجى قېتىم ئەدەبىيات دېگەن بۇ نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايدۇ.


    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىزچىل رەۋىشتە تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇبخانا ۋە نادىر نۇسقىلارنى يىغىپ ساقلاش، كىتاب، گېزىت- ژۇرنال، قوليازمىلارنى يىغىشقا تايىنىپ، ئەدەبىياتقا قارىتىلغان ساقلاش، كاتولوگ تۈزۈش، قوغداش، تەقرىز، شەرھىيلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ «بىلىم بۇرچى» («مائارىپ» بۇرچىدا ئەمەس) دا ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىپ ئورنى بار. مەن 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا، ئەدەبىيات فاكولتېتىدا بۇنداق ئىككى ياقىلىما بۇرچ بۇرۇنقىدەكلا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يوقىلىپ كەتكىنى يوق.


    ھازىرقى زامان دېموكراتىك تۈزۈمى ئاستىدا ئەدەبىياتنى مومكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك سۆز ئەركىنلىكى، جۈملىدىن سۆزلەش، يېزىش، نەشر قىلىشقا ئوخشاش بارلىق ئەركىنلىك بولسا كېرەك. سۆز ئەركىنلىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىنى تەنقىدلەش، ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئۇ ھەتتا ئادەمنى سۆز ئەركىنلىكى ھوقوقىنى تەنقىتلەشكىمۇ ھوقوقلۇق قىلدى. خۇددى جاك دىرىدا ئېنىق كۆرسەتكەندەك، غەرب مەنىسىدىكى ئەدەبىيات ھەممىنى سۆزلەش ھوقۇقىغا تايىنىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ گەپ- سۆزىگە مەسئۇل بولماسلىق ھوقوقىغىمۇ تاياندى. بۇ قانداق گەپ؟ ئەدەبىيات تەسەۋۋۇر ساھەسىگە مەنسۇپ، ئەدەبى ئەسەرلەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ تەجرىبىچانلىق، قىياستىنلا ئىبارەت، ھېچقانداق بىر كۆرسىتىپ بېرىش ياكى ئورۇنلاش فونكىسىيەسى بولمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. دوستويىۋىسكى قاتىللارنى قوللىغۇچى ئەمەس ئىدى، ئۇ «جىنايەت ۋە جازا» دا قاتىلغا مەدھىيە ئوقۇماقچىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر توقۇلما ئەسەر ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭدا پالتا ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرگۈچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن رازۋىدكا ھېكايىلىرىنىڭ بېشىدا «دۇنيادا بار ھەم دۇنيادا يوق ھەقىقىي شەخىسلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان جايلار تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشتۇر» دېگەن بىر كونا گەپ بار. بۇ بىلدۈرگۈ (ھەمىشە ساختا بولىدۇ) قانۇن تالاش- تارتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ يەنە كۆرسىتىلگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق ئەركىنلىكىنىمۇ نامايەن قىلىدۇ، مانا بۇ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدۇر.
    ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئالاھىدىلىكى سۆز ئەركىنلىكى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. دىموكراتىك تۈزۈمدىكى سۆز ئەركىنلىكى پرىنسىپ جەھەتتە بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىنى دېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، بۇ ئەركىنلىك ئىزچىل رەۋىشتە تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلدى. مەتبەئە ئەدەبىياتى دەۋرىدە، يازغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيەگە مەسئۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنپلا قالماي، بۇ ئەسەرلەر پەيدا قىلىدىغان (ياكى باشقىلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىلىدىغان) سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي تەسىرگىمۇ مەسئۇل بولاتتى. سىكوت (sir Walter scott) (10) نىڭ ھېكايىلىرى بىلەن سىتوۋ خانىمنىڭ «تام تاغىنىڭ كەپىسى» (11) ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىنى پەيدا قىلدى، ئالدىنقىسى ئۆزىنى جەنۇب مۆتىۋەرلىرى ئىچىدىكى ھەددىدىن زىيادە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن مۆتىۋەرلىك ئىدىيەسى بىلەن سۇغارغان بولسا، كېيىنكىسى كىشىلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىغا ئوچۇق- ئاشكارا ئىلھام بەردى، دەپ قارالغانىدى. بۇ كۆزقاراشلار تولىمۇ بىھۇدە. «تام تاغىنىڭ كەپىسى» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ماۋ زېدوڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرەر يازغۇچى مەلۇم بىر ئەسەردە دېيىلگەن گەپ  مېنىڭ ئەمەس، ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر پىرسوناژنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغان كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىشىدۇر، دەپ، بۇ ئارقىلىق قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.


    ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، مەتبەئە كۇلتۇرىنىڭ تەرەققىياتى ياكى ھازىرقى زامان دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئوخشاش مۇھىم بولغىنى، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى «ئۆزلۈك» نىڭ ئىختىرا قىلىنىشى بولدى. ئادەتتە بۇ دىكارت (12) ياكى لوكقا (13) مەنسۇپ، دەپ قارىلىدۇ. دىكارتنىڭ «ئويلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېيىشىدىن تارتىپ، لوكنىڭ «ئىنسانلارنى چۈشىنىش ھەققىدە» سىنىڭ 2- جىلىد 27- بابىدىكى كىملىك، ئاڭ، ئۆزلۈككە ئائىت ئىختىرالار؛ فىشىتنىڭ (14) ھەممىدىن ئەلا «مەن» ى؛ گىگىلنىڭ (15) مۇتلەق روھى؛ نىتچېنىڭ (16) ئۆزلۈك ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ سوبىكتىدىن ئىبارەت دېيىشى؛ فىرىئودنىڭ (17) ئۆز بىر بۆلۈك ئۆزلۈكتىن ئىبارەت دېيىشى؛ خوسرىلنىڭ (18) ھادىسىشۇناسلىق ئۆزلۈكى؛ ھېيدىگگىرنىڭ «بولۇقلۇق» (19) (此在، ئۇ دىكارتنىڭ ئۆزلۈكىگە قارىمۇ قارشى دېيىلسىمۇ، يەنىلا باشقا تۈسكە كىرىۋالغان بىر خىل سوبىكىتلىقتىن ئىبارەت) ى؛ ئاۋستىن (J. L. Austin) (20) قاتارلىقلارنىڭ تىل ھەرىكىتى نەزەرىيەسىدىكى ئورۇنلىغۇچى تىل (performative utterance، مەسىلەن، «مەن كاپالەت بېرىمەنكى»، «مەن باغلىشىمەنكى» دېگەندەك) نىڭ سوبيېكتى سۈپىتىدىكى مەن؛ چۇۋۇلمىچىلىق (21) (ياكى كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق − تەرجىماندىن. 解构主义) ئىدىيەسى ياكى پوستمودىرنېزم ئىدىيەسىدىكى سۇبيېكىت (چىقىرىپ تاشلىنىدىغان نەرسە بولماستىن، شۈبھىلىنىلىدىغان بىر مەسىلە) قىچە بولغان ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل گۈللىنىش مەزگىلى، ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزلۈك نۇقتىئىينەزىرىگە تايىنىپ، ئۆزلۈكنى ئۆزىنى بىلىش، مەسئۇل بولۇشنىڭ سوبيېكتى دەپ قارىدى. ھازىرقى زاماندىكى ئۆزلۈك ئۆزىنىڭ دەيدىغىنى، ئويلايدىغىنى، قىلىدىغىنىغا مەسئۇل بولالايدۇ، بۇ يەنە ئۇ ئەدەبىي ئەسەر ئىجاد قىلغان چاغدىكى ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


    بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئەدەبىياتىمىز بىر خىل يېڭى ئاپتۇر قارىشى ۋە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى نۇقتىئىينەزىرىگىمۇ تايىنىدۇ. بۇ ھازىرقى زاماندىكى نەشر ھوقۇقى قانۇنلىرىدا قانۇنىيلىققا ئىگە قىلىندى. ئەدەبىياتتىكى بارلىق مۇھىم شەكىللەر ۋە ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆزلۈك ئۇقۇمىدىن پايدىلاندى. ئەڭ دەسلەپكى بىرىنچى شەخس پىروزىسى، مەسىلەن «دېڭىز سەرگەردانى روبىنسۇن كىروزۇ» (22) 17- ئەسىردىكى پېروتىستانت دىنى تەۋبە ئەسەرلىرى تىپىدىكى قەلىبىنى بىۋاسىتە نامايەن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 18- ئەسىردىكى خەت- چەكچە پروزىچىلىق خەت- چەكلەر بىلەن سۇبيېكتلىقنى نامايەن قىلدى. رومانتىزملىق شېئىرىيەت بىر لېرىك «مەن» نى مۇئەييەنلەشتۈردى. 19- ئەسىر پېروزىسى مۇرەككەپ ئۈچىنچى شەخىس بايان شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ شەكىللەر ئىككى سۇبيېكتلىقنىڭ ۋاسىتىلىق دېيىلمىسى (23) (话语، بىرى بايانچىنىڭ، بىرى پىرسوناژنىڭ) ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتىكى ئىككى ياقىلىمىلىقنى نامايەن قىلدى. 20- ئەسىر پېروزىسى بىۋاسىتە سۆز ئىشلىتىش ئارقىلىق توقۇلما پىرسوناژنىڭ «ئاڭ ئېقىمى» نى نامايەن قىلدى. «ئۇلىسىس» (24) نىڭ ئاخىرىدىكى مىرى بۇرومنىڭ مونولوگى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

     

     


    مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

     

     



    ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى ياكى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىدى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى شەرھلىگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولانىد بارتىسنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» (25) سى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىشتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى (كونا كۆز قاراشلاردا ئاپتور بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ۋە ۋولف (26) دەپ قارىلاتتى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.


    ئىقتىساد، سىياسىي، تېخنىكىنىڭ يەر شارىلىشىش قۇدرىتى نۇرغۇن جەھەتلەردىن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىشى، ئىچكى بىردەكلىكى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر كۆپ تىللىق، كۆپ مىللەتلىك. ھازىرقى دۆلەتلەر ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنگەن، چېگرىلىرىدىن ئۆتۈشمۇ ئاسان، دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكا ئەدەبىياتى ئىسپانچە، خەنزۇچە، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئىندىئانچە، ئىدىشچە، فىرانسۇزچە قاتارلىقلاردا يېزىلغان ئەسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ توپ يەنە ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر، مەسىلەن ئامېرىكا نىگىر ئەدەبىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو 60 نەچچە خىل ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىل ۋە كۇلتۇرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى جەنۇبى ئافرىقىدا 11 خىل ھۆكۈمەت تىلى بار، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىنگلىز تىلى بىلەن داچ (گوللانىد) تىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، قالغان توققۇزى ئافرىقا تىلى. ئىچكى قىسىمدىكى بۆلۈنۈشنى ھېس قىلىش ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى مىللىي ئەدەبىياتقا ئاساسەن تۈزۈملەشتۈرۈش ئۇسۇلى (ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ھەممىسى يىگانە بىرلا خىل تىلدا يېزىلغان دەپ قاراش) نى ئاخىرلاشتۇرماقتا. 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قورقۇنچلىق ۋەقەلەر (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان قەتلىئام) بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ھەم غەرب ئەدەبىياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بىلاڭشو (27) قاتارلىقلار ھەتتا يەھۇدىي قەتلىئامىدىن كېيىن ئەزەلدىن بار بولغان ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بەردى.


    ئۇنىڭدىن باشقا، تېخنىكا ئىنقىلابى ھەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان يېڭى مىدىيەلەرنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئەدەبىياتنى تەدرىجى ئۆلتۈردى. ھەممىمىز بۇ مىدىيەلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار رادىئو، كىنو، تىلىۋىزۇر، سىنئالغۇ ھەم ئىنتىرنىت تورى، يەنە ناھايىتى تىز ئومۇملىشىدىغان سىمسىز سىنئالغۇمۇ بار.
    مەن يېقىندا جۇڭگودىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم، يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىرى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلغانىدى. شۇ قېتىمقى يىغىنغا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەڭ تەسىرى بار جۇڭگو يازغۇچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى، رۇشەنكى، ئۇلار رومانلىرى ياكى ھېكايىلىرى تۈرلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن يازغۇچىلار ئىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، گەرچە 10 نەچچە خىل تەسىرى كۈچلۈك يېڭى شېئىرىيەت ژۇرنىلى مەيدانغا چىقىپ، قاتمال ۋەزىيەتنى مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلاپ، كۆپ مەنبەلىشىشنىڭ ساغلام بەلگىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق شېئىر نەشر قىلىدىغان ژۇرنىلىنىڭ تىراژى 700 مىڭدىن «ئاران» 30 مىڭغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ، يېڭى مىدىيەلەرگە كۆچۈشى شۈبھىسىز ئىكەن.
    مەلۇم بىر مىللى دۆلەت  پۇقراسىنىڭ ياخشى پۇقراغا ئايلىنىش غايىسى، ئىدىئولوگىيە، ھەرىكەت شەكىللىرى، ھۆكۈم شەكىللىرىنى ئۆگىنىشىدە مەتبەئە ئەدەبىياتى مۇھىم بىر يول ئىدى. ھازىر، دۇنيادا ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، بۇنداق رولنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىۋاتقىنى رادىئو، كېنو، تېلىۋزور، سىنئالغۇ لىنتىسى، DVD، ئىنتىرنىت تورىغا ئۆزگەردى. مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات فاكولتېتلىرىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۇقرالارنى ئىتىكا بىلەن سۇغىرىدىغان ئاساسلىق ئورگان قىلمايدىغان بولدى. بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى ئاكادىمىيەلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى گۇمانتار پەنلەر فاكولتېتلىرى (ئاساسلىقى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئارقىلىق) قىلاتتى. ھازىر ئۇ بارغانسىرى تىلىۋېزور، رادىئودىكى گەپ- سۆزلەر، كىنولار تەرىپىدىن قىلىنىدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ دىككىنىس (28)، ھىنرى جامېس (29) ۋە تونى مۇررىسۇننىڭ (30) ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاچ، تىلىۋىزۇر ياكى سىنئالغۇ لىنتىلىرىدىكى كىنولارنى كۆرۈشى، گەرچە بەزىلەر بۇ ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالايمەن، دەپ جاكارلاشقان بولسىمۇ، مۇمكىن بولمايدۇ. بەزى پاكىتلار كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى تىلىۋىزۇر كۆرۈش ۋە تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يېقىندا ئوستىن (31)، دىككىنىس، تروللوپ (Trollope) (32)، جامىسلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنولارنى كۆرگەنلەر بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. بەزى ئەھۋالدا (مەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ نۇرمال ياكى نۇرمال ئەمەسلىكىنى بىلمىسەممۇ) كىشىلەرنىڭ كىتاب كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن تىلىۋىزۇدا ئۆزگەرتىلگىنىنى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. بېسىلغان كىتابلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ كۇلتۇر كۈچىنى ساقلاپ قالسىمۇ، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر كۆرۈنەرلىك ئاخىرلىشىۋاتىدۇ، يېڭى مىدىيەلەر كۈنسايىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئالماقتا. بۇ دۇنيانىڭ مەھشەر كۈنى بولماستىن، يېڭى مىدىيەلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى دۇنيانىڭ باشلىنىشىدۇر.
    ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ يوقىلىشىدىكى ئەڭ رۇشەن بەلگىلەرنىڭ بىرى پۈتۇن دۇنيادىكى ئەدەبىيات فاكولتىتلىرىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىن قول ئۈزۈپ، نەزەرىيە، كۇلتۇر تەتقىقاتى، كېيىنكى مۇستەملىكە تەتقىقاتى، مىدىيە تەتقىقاتى (كىنو، تىلىۋىزۇر قاتارلىقلار)، ئاممىۋى كۇلتۇر تەتقىقاتى، ئايال جىنس تەتقىقاتى، قارا تەنلىكلەر تەتقىقاتى قاتارلىقلارغا بۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق، ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئادەتتە ئىجتىمائى پەنلەرگە يېقىن بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەنىدىكى گۇمانتار پەنلەرگە يېقىنلاشمايدۇ. ئۇلار يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇتۇشتا ھەمىشە ئەدەبىياتنى چەتلەشتۈرۈپ قويىدۇ ياكى ئەدەبىياتنى كەمسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كونىچە ئەدەبىيات تارىخى بىلەن مەشىقلەندۈرۈلگەن ھەم كىلاسسىك تىكىسلەرنى ئىنچىكە ئوقۇش بىلەن مەشىقلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ.


    بۇ ياشلار ھەرگىزمۇ ئەخمەق ئەمەس، بىلىملىك ياۋايىلارمۇ ئەمەس. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتنى يوقىتىش قارارىغا كەلمىگەن، ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى يوقىتىپ قويغۇسىمۇ يوق. ئۇلار ئادەتتە شامالنىڭ يۆنىلىشىنى كۆزىتىشنى ئالدىنقىلاردىنمۇ بەكرەك بىلىدۇ. ئۇلار كىنو ياكى مودا كۇلتۇرلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر، ماختاشقا ئەرزىگۈدەك قىزىقىشقا ئىگە بولۇپ، قىسمەنلىرى بۇ نەرسىلەر بىلەن زور دەرىجىدە ئۆزلىرىنى ياراتتى. ئۇلاردا ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ جەمئىيەت ۋە ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋاقتى ئۆتتى، دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈش سېزىمىمۇ بار. بۇنداق ۋەزىيەت يېزىق شەكلىدە كۆپلەپ مەيدانغا چىقالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىللەرنى، يەنى «تېجەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش» ياكى «قىسقارتىش» نامىدا ياردەم توپلاشنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى كلاسسىك تىل ۋە ئىنىگلىز تىلى فاكولتېتلىرىدىن باشقا ھازىرقى زامان تىلى فاكولتېتلىرى ئەڭ ئالدى بىلەن كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇلار يوقىلىپ بولدى (ئەڭ دەسلەپكىسى قوشۇۋېتىش شەكلى بولدى). ئامىرىكىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكولتېتلىرى ئەگەر يەنىلا ئەخمەقلىق قىلىپ، داۋاملىق كلاسسىك ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتۈپ، ئۆزلىرى ئۆتىدىغان مەزكۇر دۆلەتتىكى ئاساسىي ئېقىم تىلىدىكى تېكستلەرگە خاتا قاراشتا بولسا، قىسقارتىشتىن ئامان قالسىمۇ، بۇنداق ئىنگلىز تىلى فاكولتېتلىرى ناھايىتى تىزلا باشقا فاكولتېتلارغا ئوخشاش كۈلپەتلىك تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ.


    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەنئەنىۋى فۇنكسىيەسى (ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇبخانىلىرى ئارقىلىق ساقلىنىدىغان ھەرقايسى دەۋر، ھەرقايسى تىللاردىكى ئەدەبىيات ھەم ئىككىنچى قول ماتېرىياللار) ھازىر رەقەملەشتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا تىز سۈرئەتتە ئورۇن بەرمەكتە. ھەرقانداق بىر ئادەم كومپىيۇتېرى، مودېمى بولسىلا مۇلازىمېتىر ئارقىلىق تورغا چىقىپ، بۇ كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدىن پايدىلىنالايدۇ. نۇرغۇن تور بىكەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەدەبى ئەسەرلەرنى تورغا چىقىپ، ھەقسىز كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى «ئۇچار كېمە ئاۋازى» (the voic of the Shuttle) بولۇپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى سان باربارا مەكتەپ رايونىدىكى ئالان لىيۇ ھەم ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىلمەكتە (http://vos.ucbs.edu). جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مىيۇز قۇرۇلۇشى» (Project muse) كىشىلەرگە نۇرغۇن قەرەللىك ژۇرناللارنى ئوقۇتالايدۇ (http//muse.jhu.edu/jornals/index_text.html)
    تەتقىقات خاراكتىرلىك كۇتۇبخانىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتمەكتە. ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى «ۋىللىئام بىلەيىك (33) ئارخىپلىرى تور بىكىتى» (william Blake Archiv website, http//blakearchiv.org/ ) دۇر. ئۇ ئېۋىس (morris eaves)، ئەسك (Robert Essick) ۋە ۋىسكوم (joseph Viscomi) تەرىپىدىن ئېچىلغان. ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق جايدا تورغا چىقالىغۇدەك كومپيۇتېرى بولسىلا، بىلەيىكنىڭ «جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ تويى» (The Marrige of Heaven and Hell) نىڭ ئاساسلىق نەشرلىرى ھەم ئۇنىڭ بىشارەتچىلىككە ئائىت باشقا كىتابلىرىنى كۆرۈپ، چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرالايدۇ (مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى مىسالغا ئالسام، مېئانې شىتاتىنىڭ دېڭىز بويىدىكى بىر خىلۋەت كەپىدە، بىر يىلدىن كۆپرەك تۇرۇپ، مەزكۇر كىتابنى يېزىپ چىققانىدىم). بۇ «قىستۇرما رەسىملىك كىتاب» لارنىڭ ئەسلىي نۇسقىلىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇپخانىلارغا تارقالغان بولۇپ، ئىلگىرى پەقەت بىلەيىك مۇتەخەسسىسلىرى، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغىدەك پۇلى بار كىشىلەرلا كۆرەلەيتتى. تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇپخانىلار ھېلىھەم بۇ كىتابلار ۋە ئارگىناللارنىڭ ئەسلىي نۇسقىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈشتىكى ئاساسلىق يول بولماي قېلىۋاتىدۇ.


    كومپيۇتېر ئىكرانىدىكى ئەدەبىيات بۇ خىل يېڭى مىدىيە تەرىپىدىن ناھايىتى ئازلا ئۆزگەرتىلدى. ئۇ باشقىچە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. يېڭى ئىزدەش ۋە كونترول قىلىش شەكلىنىڭ ھەر بىر ئەسەرنى توردىكى سان- ساناقسىز باشقا ئوبرازلار بىلەن بىر قاتاردا قويۇشى ئەدەبىياتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ ئوبرازلار يىراق دېسە يىراق، يېقىن دېسە يېقىن بىر قاتلامدا بولۇپ، ئۇلار شۇ ھامان يېقىنلىتىلىدۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە يات، ناتونۇش، تېخىمۇ يىراقتا تۇرغاندەك بىلىنىدۇ. توردىكى بارلىق تور بىكەتلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان غەيرى بوشلۇقتىكى بوشلۇقنى بىز تور بوشلۇقى (cyberspace) دەپ ئاتايمىز. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن قول ئارقىلىق كىتاب بەتلىرىنى بىر- بىرلەپ ئۆرۈش تامامەن ئوخشاشمايدىغان جىسمانىي پائالىيەتلەردۇر. مەن ئىكراندا ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇشنى ئەستايىدىل سىناپ باقتىم، مەسىلەن، ھىنرى جامىسنىڭ «مۇقەددەس بۇلاق» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ باقتىم. مېنىڭ قولۇمدا دەل مۇشۇ ئەسەرنىڭ باسما نۇسقىسى يوق ئىدى، توردىن بىرنى تاپتىم. مەن بۇنداق ئوقۇشنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى بايقىدىم. بۇ شەك شۈبھىسىزكى، مېنىڭ جىسمانى ئادىتىمنىڭ باسما كىتابلار دەۋرى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك بەلگىلىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

     

     


    خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

     

     



    ئەگەر بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك)، بۇنىڭ بىشارەتلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى دېيىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىيات ياكى «ئەدەبىياتچانلىق» ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈكتۇر (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك). ئۇ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرگە قارىتىلغان بىر خىل ئالاھىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ھەرقانداق بىر خىل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولىدۇ. بىرىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات (بىر خىل غەرب كۇلتۇرى مىخانىزمى سۈپىتىدە) ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر خىل تارىخى تەقەززالىقنى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت شەكلىدۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات بىر خىل ئومۇميۈزلۈك بولغان، جانلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. مەن كېيىن، تۆتىنچى بابتا ئەدەبىياتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رولى، مەنىسى، ئۈنۈمىنى يازىمەن. ھازىر مېنىڭ نىشانىم ئەدەبىياتنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتۇر.


    خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ بىز ئاتاۋاتقان «ئەدەبىيات» نىڭ «تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى ئىشلىتىشتىكى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇلى» نېمە؟ بىر تېكستنى «ئەدەبىيات» دەپ قاراشنىڭ مەنىسى نېمە؟ كىشىلەر دائىم مانا مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىشىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئاددى مەسىلىدەك كۆرۈنىدۇ. ھەممە ئادەم ئەدەبىياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ كۇتۇپخانا، مىدىيە، ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتلىرى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىتىكى مۇئەلىلملەر ۋە ئالىملار تەرىپىدىن ئەدەبىيات دەپ قارىلىدىغان بارلىق پىروزا، شېئىر، دراممىدۇر. بىراق، بۇنداق دېيىشنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق. ئۇ ئەدەبىيات ئەدەبيات بەلگىسى بېرىلگەن بارلىق نەرسىدۇر، دېمەكچى. بۇنىڭمۇ بىر ئاز ئاساسى بار. ئەدەبىيات كىتابخانىلاردا «ئەدەبىيات» ياكى ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان تۈرلەر ئىشكابىغا قويۇلغان نەرسىلەر − «كلاسسىك ئەدەبىيات»، «شېئىر»، «پېروزا»، «خۇلاسە پېروزىسى» قاتارلىقلاردۇر.


    لېكىن، شەكىل جەھەتتىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر غەرب كۇلتۇرىدا تۇرۇۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمگە «بۇ رومان»، «بۇ شېئىر» ياكى «بۇ درامما» دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغۇزىدۇ. تىتول، باسما شەكىللىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى (مەسىلەن، شېئىرنى مىسرالارغا ئايرىپ بېسىش) ئەدەبىيات بىلەن باشقا مەتبەئە شەكىللىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىچكى تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، پىشقان ئوقۇرمەنلەرگە قولىدا تۇتۇپ تۇرغىنىنىڭ بىر ئەدەبىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، سۆزلەرنى بېسىشنىڭ بەزى رەت تەرتىپلىرىنى ئەدەبىيات دەپ قاراشقا ئۈندەيدۇ. بۇنداق يېزىق ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن ئەدەبىيات دەپ قارالسا بولىدۇ. «مەلۇم بىر تېكستنى ئەدەبىيات دەپ قاراش» نىڭ مەنىسى نېمە؟


    پىروستنىڭ (34) ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» نىڭ باشلانمىسىدا باش پىرسوناژ مارسىلنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بىر سېھرلىك چىرىقى بارلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسلىيەلەيدۇ. ئۇ ئۇنىڭ تېمىدا، ھەتتا ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىدا تۇرۇپ، ياۋۇز گىلو ۋە بەختسىز گىرنىۋىۋنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇلار مورۇۋېن پادىشاھلىقىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى. مەندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنچۇق بار ئىدى، ئۇ بىر قۇتا سىترولۇق پىرويىكسىيە رەسىمى بولۇپ، بىرادى تارتقان ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولسا كېرەك. كىچىك ۋاقتىمدا، ۋىرگىنىيەدىكى بوۋامنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئىجازەت ئالغانىدىم. بوۋام جەنۇب قوشۇنىدىكى بىر ئەسكەر ئىدى. ئۇلار ماڭا ئىككى قېتىم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ قۇربان بولغان تاغام ران بۇلنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، مەن ئەينى چاغدا بۇ نۇقتىنى تېخى بىلمەيىتتىم. مەن ئاشۇ قورقۇنچلىق رەسىملەرنىڭ ئارىسىدىكى جەڭگاھتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىلا ئەمەس، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتلارنىمۇ ئەسلىيەلەيمەن. ئەمما، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇھىم سېھىرلىك چىراق ئانام ماڭا ئوقۇپ بەرگەن كىتابلار ھەم مېنىڭ كېيىن ئۆزلۈكىمدىن كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىشىم ئىدى.


    كىچىك ۋاقتىمدا «شىۋىتسارىيەلىك روبىنسونلار ئائىلىسى» نىڭ ئاپتورى بارلىقىنى بىلىشنى خالىمايىتتىم. ماڭا نىسبەتەن ئۇ ئاسماندىن قولۇمغا چۈۈشۈپ قالغان بىر گۇرۇپپا تىل ئىدى. ئۇلار مېنى سىرلىق ھالدا بىر دۇنياغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇنىڭدىكى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت ئىدى. ئۇ كىتابنىڭ كۈچى سىمون دۇرىڭ ئۆزىنىڭ «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى» ناملىق كىتابىنىڭ تىتولىدا ئېيتقاندەك: «دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» ئىدى. بىراق، ھېس قىلىشىمچە، دىندىن خالى سېھرىگەرلىك بىلەن مۇقەددەس سېھرىگەرلىك ئۇنچىۋالا ئېنىق پەرقلەنمەيتتى. مېنىڭچە، مەن «شىۋىتسارىيەلىك روبىنسۇنلار ئائىلىسى» نى ئوقۇپ يەتكەن دۇنيا، گەرچە تىل ماڭا بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ بىردىنبىر دېرىزىسىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىمۇ، كىتابتىكى تىلغا تايانماي مەۋجۇت بولىدىغاندەك قىلاتتى. مەن ھازىر ئاشۇ دېرىزە تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەر ئارقىلىق شۈبھىسىز ھالدا بۇ دۇنيانى ياراتتى، دېيەلەيمەن. ئۇ دېرىزە ھەرگىزمۇ رەڭسىز، قاراڭغۇ ئەمەس. مەن ئەينى چاغدا بۇ نۇقتىنى ئاڭقىرىمىغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن. گەرچە مەن ئاشۇ تىللارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان بولساممۇ، تىلنى ئوقۇش ئارقىلىق تىلنىڭ كەينىدىكى تىلغا تايانماي مەۋجۇت بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندەك بولاتتىم. مەن بىراۋنىڭ ماڭا تىتولنىڭ ئۈستىدىكى ئىسىمنىڭ «ئاپتور» نىڭ ئىسمى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ توقۇپ چىققانلىقىنى دېيىشىنى خالىمايىتتىم.


    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق كەچۈرمىشلىرى بار- يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىلگۈم بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىمەن. راست گەپنى قىلسام، مەزكۇر كىتابتىكى بارلىق يازمىلار مۇشۇ كەچۈرمىشنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېزىلدى. ئەجىبا بالىلىقتىكى ساددىلىق بىلەنلا مەن يەنە (ساددىلىق شەكلىدە) ئەدەبىياتنىڭ بەزى ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتامدىم؟ ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالدى، خېلى ئەقىللىق بولۇپ قالدىم. «شىۋىتسارىيەلىك روبىنسۇنلار ئائىلىسى» نى يوھان داۋد ۋىيس (1743 − 1818) ئىسىملىك شىۋىتسارىيەلىك يازغۇچىنىڭ گېرمانىيەدە يازغانلىقى، مېنىڭ ئوقۇغىنىمنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن، بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ «ئەدەبىيات نېمە» دېگەن بۇ سوئالنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

     

    ئەدەبىيات تىلنىڭ مەلۇم بىر خىل قوللىنىلىشىدىن ئىبارەت

     

    ئەدەبىيات ئادەمنىڭ «بەلگە ئىشلىتىدىغان ھايۋان» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىدۇ. بەلگە، مەسىلەن بىر سۆزنى ئالساق، ئۇ مەلۇم شەيئى نەق مەيداندا بولمىغاندا، شۇ شەيئىنى ۋاكالىتەن كۆرسىتىدۇ، تىلىشۇناسلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا شۇ شەيئىنى «ئاتايدۇ». «ئاتاش» سۆزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرىپى. مەن سۆز مەلۇم بىر شەيئى نەق مەيداندا بولمىغان چاغدا شۇ شەيئىنى ئاتايدۇ دېسەم، تەبىئىي ھالدا ئاتالغان شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىياس قىلالايمەن. ئۇ كۆز ئالدىمدىن ئانچە يىراق بولمىغان مەلۇم بىر جايدا ھەقىقى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. شەيئىلەر ۋاقتىنچە بولمىغاندا، بىز سۆز ياكى باشقا بەلگىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىمىز.


    مەسىلەن، مەن ئۆيدىن چىقىپ سەيلى قىلىپ بىر بەلگە تاختىسىدىكى «ئىشىك» دېگەن خەتنى كۆردۈم دەپ قىياس قىلاي، مېنىڭچە، يېقىن ئەتراپتىكى مەلۇم بىر جايدا ھەقىقى ئىشىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا يېقىنلاپ قولۇمنى قويسام كۆزۈم ئۇنى كۆرەلەيدۇ، قولۇم ئۇنى تۇتۇپ ئاچالايدۇ ياكى ياپالايدۇ. ئەگەر بەلگىدىكى «ئىشىك» دېگەن خەتكە يەنە نىشان كۆرسەتكۈچى سىترىلكا قوشۇپ قويۇلغان، «4/1 ئىنگلىز مىلى» دېگەندەك سۆزلەر يېزىپ قويۇلغان بولسا، تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھەقىقى، تۇتقىلى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىشىكنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، تۆتتىن بىر ئىنگلىز چاقىرىمىنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىقتا شۇ ئىشىك بولىدۇ. بۇ بەلگە ئىستىرىلكىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ماڭسام، ناھايىتى تېزلا ئۇ ئىشىككە يېتىپ بارالايدىغانلىقىمغا كېپىللىك قىلىدۇ. ئىشىك دېگەن بۇ سۆز ئەمەلىي ئىشىكنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، كۆرسىتىش كۈچىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ مەلۇم تىلنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىنىدىغان مۇرەككەپ لىكسىكا سىستېمىسىدىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەزكۇر سىستېما ئىشىكنى باشقا بارلىق سۆزلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. «ئىشىك» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقى ئىشىكنى ئاتىغانلىقى سەۋەبىدىن مەنەگە ئىگە بولۇپ، مەزكۇر مەنىسىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئاتاش فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئىشىك بولمىسا، ئۇ بىر يالغانچىلىق بولۇپ قالىدۇ، بىراۋ ئۇنى يېزىپ قويۇپ مېنى يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇ يەنە مەنەگە ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا، بەلگىدىكى «ئىشىك» دېگەن سۆز ھادىسە دۇنياسىدا مەۋجۇت بولمىغان بىر ئىشىكنىڭ خىيالىي كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ.


    ئەدەبىيات تىلنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدە كۈچى ئارقىلىق، ھادىسە دۇنياسىنى ئاتىغىلى بولمىغان چاغدىمۇ، يەنىلا داۋاملىق ئاتاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىۋېرىدۇ. ژان پائول سارترى (35) نىڭ ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندا، ئەدەبىيات تىلنىڭ «تەجرىبىدىن ھالقىيالماسلىق» تىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىدۇ. سارترىنىڭ دېمەكچى بولغىنى شۇكى، بىر ئەدەبىي ئەسەردىكى تىل ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن ھالقىپ، ئۆزى ئىپادىلەۋاتقان ھادىسە دۇنياسىدىكى شەيئىلەرنى كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنداق توقۇلما شەكلى قوللىنىلغان ئەڭ ئاددى سۆز- جۈملىلەرگە ئەدەبىياتنىڭ بارلىق كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.


    كافكا (36) بۇ خىل كۈچنى دەلىللىدى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچى «ئۇ دېرىزىنى ئاچتى» دېگەن بۇ جۈملىدىكىگە ئوخشاش تىل ئارقىلىق پۈتۈنلەي يېڭى بىر دۇنيانى يارىتىشتۇر، دەيدۇ. كافكانىڭ داڭلىق ئەسىرى «سوت» نىڭ بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كۈچ قولىنىلغان. ئۇنىڭدا باش پىرسوناژ گىئورگى بېندېمان: «بىر قولىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئولتۇرغىنىچە... دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى دەرياغا، كۆۋرۈككە، قىرغاقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ياپيىشىل تاغقا قاراۋاتاتتى» دەپ يېزىلغان.


    ماللارمىمۇ (37) مۇشۇنداق ئاجايىپ سېھرى كۈچكە شاھىت بولدى، بۇ قېتىمقىسى بىرلا سۆز ئىدى. بىر مەشھۇر سۆزىدە ئۇ مۇنداق جاكارلىدى: «مەن گۈل! دېسەم، ئاۋازىم ھەرقانداق ئىزنالارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، مۇزىكىدەك ئۆرلىسە، بۇ گۈزەل چۈشەنچىنىڭ ئۆزى بىلىنگەن بارلىق گۈللەردىن پەرقلىنىدۇ، ئۇ دەل ھېچقانداق بىر گۈلنىڭ بولماسلىقىدۇر.»


    «كۆرسىتىدۇ» غان، ئەمما «كۆرسىتىل» مەيدىغان سۆزدىن پايدىلانغاندا، ئىچكى دۇنياسى بولغان ئادەم، شەيئى، ئورۇن، ھەرىكەتنى ئوڭايلا ياراتقىلى بولىدۇ. شېئىر، تىياتىر، پىروزىدىكى بۇنداق قوشۇمچە دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى پىشقان ئوقۇرمەنلەر ئوبدان بىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ كۈچىنىڭ قىزىقارلىق ئالاھىدىلىكى بۇ مەۋھۇم رىئاللىقنى قانچىلىك دەرىجىدە ئاسان يارىتىشتا. مېنىڭ ئورمانلىقتا سەيلى قىلىپ، خاتا، بەلكىم قەستەن ئازدۇرۇش ئۈچۈن قويۇلغان بەلگە تاختىسىغا ئۇچرىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمدىن ئىبارەت كىچىككىنە ۋەقە بۇنىڭ ئاددى بىر مىسالىدۇر.


    بەزىلەر قارشى مەيداندا تۇرۇپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر (بەلكىم ئۇ مودىرنىزملىق ياكى پوستمودېرنىزملىق ئەسەرلەر بولۇشى مۇمكىن، پەقەت ئۇلارلا مۇشۇنداق بولمىسىمۇ) ئاڭلىق ھالدا ئىچكى دۇنيادا تەسەۋۇر قىلىنغان بىرەر مەنزىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى رەت قىلىدۇ. ماللارمىنىڭ شېئىرلىرى، جامىس جويىسنىڭ «فىنىنىكىنلارنىڭ ئويغىنىشى»، رايموند روسسىلنىڭ ئۆزگىچە ئەسەرلىرى ياكى سىتۋېنسنىڭ (38) كېيىنكى مەزگىلدىكى شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالى. بۇ ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنى تىلنىڭ ئۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ، بىر مەۋھۇم رىئاللىق (تىل بۇ رىئالىققا كىرىش ئىشىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ) قا يەتكۈزمەي، تىلنىڭ تاشقى پوستىغا دىققەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق ئەسەرلەردىن ئوقۇرمەنلەر ياكى بۇنداق ياكى ئۇنداق مەنزىرىلەرنى تىرىشىپ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ماللارمى خوتۇنىنىڭ يەلپۈگۈچى ھەققىدىكى شېئىرى: «ماللارمى خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» دە، «ۋىرلىننىڭ قەبرىسى» ناملىق ئەسىرىدە مەلۇم بىر كۈنىدىكى ۋىرلىننىڭ قەبرىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋا رايىنى يازغىنىدەك، خوتۇنىنىڭ يەلپۈگۈچىنى يازغان. سىتۋىنىسنىڭ «چوكۇرا تېغىدىكى قوشنامغا» ناملىق ئەسىرى ھەقىقەتەن بىر قەدەر ساددا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يەنىلا بىر يۇلتۇز بىلەن بىر ھەقىقى تاغ ئوتتۇرىسىدىكى قىياس قىلىنغان دىئالوگنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئۇ يېڭى ھامپىشىر شىتاتىدىكى چوكورا تېغى بولۇپ، ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ ۋىللىيام جامىس (39) ئۇ يەردە يازلىغانىدى. «فىنىنكىنلارنىڭ ئويغىنىشى» نىڭ دەسلەپكى ئارگىنالى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىنتايىن تۇتۇق بىر بۆلەكتىن، ئوقۇرمەنلەر ئادەمنى زىرىكتۈرىدىغان قوش بىسلىق تىل، ئارىلاشما تىل ئاستىدا دېيىلگىنىنىڭ تىرىستان بىلەن ئايسولدىنىڭ ھېكايىسى (40) ئىكەنلىكى، تىرىستاننىڭ ھازىرقى زاماندىكى ھالىتىنىڭ دەل «ئۆزىنى ئەركىن تۇتىدىغان، ئالتە ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتىكى ئەنگلىيەچە زەيتۇن توپ ماھىرى» ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. روسسىلنىڭ «ئافرىقا تەسىراتلىرى» نى ئوقۇشنىڭ ھوزۇرىمۇ تۈرلۈك چىگىشلىكلەر ئارىلىشىپ بىر يەرگە توپلانغان باياننىڭ يىپ ئۇچىنى ئىزدەشكە تىرىشىشتا (بۇ تىرىشىش ھەرگىزمۇ بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك ئەمەس) بىلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە يارىتىلغان مەۋھۇم رىئاللىق بىر قەدەر غەلىتە بولۇپ، شەكلى ئوخشاشمىسىمۇ، ئەڭ ئەنئەنىۋى «رىئالىزم» لىق ھېكايىلەر ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن پەرقلەنگۈسىز دەرىجىدە. كېيىنكى سەھىپىلەردە تىروللوپنىڭ ئەسەرلىرىنى مىسال كەلتۈرىمەن، ئۇلاردا ھەربىر پىرسوناژنىڭ ئېنستىنكىتلىق (41) ھالدا باشقىلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلەلەيدىغانلىقى قىياس قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئەڭ مۈجىمەل، ئەڭ غەلىتە ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ دائىم مەلۇم بىر سۆزلىگۈچىنىڭ مەۋھۇم خىيالى كۆرۈنۈشىدەك پەيدا بولىدۇ.


    ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەرگىزمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكىدەك، سۆز ئارقىلىق مەلۇم بىر ئەزەلى مەۋجۇت رىئاللىقنىڭ تەقلىد قىلىنىشى ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ يېڭى، شۆبە بىر دۇنيانى، بىرلەمچى دۇنيانى، بىر ھالقىما رىئاللىقنى يارىتىش ياكى بايقاشتۇر. بۇ يېڭى دۇنيا مەۋجۇت دۇنياغا نىسبەتەن ئورنىنى ھېچنەرسە باسالمايدىغان بىر تولۇقلىمىدۇر. بىر پارچە كىتاب يانچۇققا سېلىپ ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان خىيال توقۇش ماشىنىسىدۇر. مېنىڭ بۇ مىتافۇردا كۆرسەتمەكچى بولغىنىم نەچچە ئون يىل ئاۋۋال مودا بولغان «يانچۇق كىتابى» ياكى «ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كىتاب» نامىدىكى ئىككى يۈرۈش مەجمۇئەدىن «ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كوندرات» (42)، «ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك پارك»، «ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھىمىڭۋاي» قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىسىملار ھازىرقى زامان كىتابلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرگىلى، باشقا دۇنيا ياراتقىلى بولىدىغان ماشىنا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەيلى نەگە بېرىڭ، ئۇلارنى ئېلىپ يۈرەلەيسىز. قاچان، قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنى ئوقۇغان ھامان، ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرالايدۇ. ھازىرقى زاماندىكى بۇ كىچىك كىتابلار رېنىسسانىس دەۋرىدىكى تۆت فورماتلىق كىتابلار، مەسىلەن، شىكىسپىرنىڭ تۆت فورماتلىق كىتابلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنداق چوڭ كىتابلار بىرەر جايغا قويۇپ قويۇشقىلا ئىشلىنىپ، كۆپىنچىسى بايلارنىڭ خۇسۇسى كىتابخانىسىغا قويۇلاتتى.


    ئەدەبىيات ئىتىراپ قىلىشقا بولىدىغان، ھادىسە دۇنياسىدا ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان كۆرسىتىلگۈچى بولمىسىمۇ، سۆزنىڭ يەنىلا مەنىسى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سۆز ئۆزىدە ھازىرلىغان بۇ ئالاھىدىلىكتىن كەڭ دائىرىدە ھەم زور كۆلەمدە پايدىلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئادەتتە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان كونكرېتلىققا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، «يۇرتىغا قايتىش» نىڭ باشلانمىسىدا كونكرېت قىلىپ: «11- ئاينىڭ شەنبە كۈنى، چۈشتىن كېيىن» دېيىلگەن. «جىنايەت ۋە جازا» نىڭ تۇنجى جۈملىسىدە ھەقىقى كوچا قەستەن يوشۇرۇلغاندەك ئىككى ھەرپ كوچا نامى قىلىپ قويۇلغان. ھىنرى جامىسنىڭ «كەپتەر قانىتى» دېگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىن كاتې كروينىڭ ھەقىقى ئادەم ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ: «ئۇ، كاتې كروي، دادىسىنىڭ كىرىشىنى كۈتۈۋاتاتتى...».


    ھەقىقى يەر نامىنى ئىشلەتكەندە، تېكستتە بايان قىلىنغىنىنىڭ ھەقىقى ئادەم، ھەقىقى ئىشلار ئىكەنلىكى، توقۇلمىغانلىقىنى كۈچەيتىپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئەمما تەجرىبىسىز ئوقۇرمەنلەر توقۇپ چىقىلغان كونكرېت ئەھۋالغا ئالدىنىپ قالىدۇ. كاتې كروينىڭ دادىسىنىڭ كۇتۇبخانىسى بىر ھەقىقى جايدا − لوندوننىڭ چىرسى رايونىدا. لېكىن، لوندون رايونىنى ئاقتۇرۇپ چىرك دېگەن نامدىكى ھېچقانداق بىر كوچىنى تاپقىلى بولمايدۇ، بايانچى ئېيتقان ئۆي بولسا چىرك كوچىسىغا جايلاشقان. گوسۋىل كوچىسى لوندوننىڭ فىنىسبۇرى رايونىدىكى بىر ھەقىقى كوچا، بىراق، دېرىزىنىڭ قانىتىنى ئېچىپ قويۇپ سىرتقا قاراپ تۇرىدىغان پىكۋىك ئىسىملىك بىرەر ئەپەندىم يوق (بۇ تىل توغرىسىدا مەن كېيىن توختىلىپ ئۆتىمەن). مارىيان مور (43) نىڭ شېئىردا تىلغا ئېلىنىدىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىنغان گۈللۈكتىكى ھەقىقى چارپاقىدۇر، دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. بۇ جۈملىنى ئۆزگەرتسەك، «پىكۋىكنىڭ غەيرى تەرجىمھالى» دا بىر ھەقىقى باغچىدا تەسەۋۇر قىلىنغان چار پاقا بار، دېگەنلىك بولىدۇ. «چىرك كوچىسى» دېگەن بۇ ئىسىم توقۇلما تىلىفۇن نۇمۇرى دەپتىرىدىكى قاراشتا راست بىلىنىدىغان، ئەمما ھەقىقى تېلېفۇن بەرگىلى بولمايدىغان تېلېفۇن نۇمۇرىغا ئوخشايدۇ. ئەدەبىيات تىلنىڭ نۇرمال كۆرسىتىشچانلىقىنى يۆتكەيدۇ، بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ ياكى يېڭىباشتىن بۇرايدۇ. ئەدەبىيات تىلىنىڭ ئوربىتىسى ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى پەقەت بىر تەسەۋۋۇر قىلىنغان دۇنيادۇر.



    بىر پارچە ئەسەردە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ كۆرسىتىشچانلىقى مەڭگۈ يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئاجرالماستۇر. ئوقۇرمەنلەر بۇ خىل كۆرسىتىشچانلىق ئارقىلىق، مەزكۇر ئەسەردىكى دۇنيادىن بەھىر ئالىدۇ. ھەممىمىز تىرولوپنىڭ ئەسەرلىرىنى بىلىمىز، ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئوتتۇرا بورژۇئازىيە جەمئىيىتى ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ تۈرلۈك تەجرىبە قىلىشقا بولىدىغان ئۇچۇرلىرىنى (مەسىلەن، مۇھەببەت ۋە نىكاھقا ئىنتىلىش) بۇ ئەسەرلەر ئۆزى ياراتقان توقۇلما جايغا ئېلىپ كىرگەن. «شىۋىتسارىيەلىك روبىنسۇن ئائىلىسى» گە رەڭگارەڭ توغرا ئۇچۇرلار توشۇپ كەتكەن. ئەمما، بۇ ئىككى مىسالدا تارىخنىڭ ۋە «رىئالىزمنىڭ» ئىنچىكە ھالقىلىرى ئورۇن ئالماشتۇرغان، ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇلار بىر خىل ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، سىرلىق ھالدا ئوقۇرمەنلەرنى پىششىق تونۇشلۇق رىئال جايدىن باشقا بىر غەلىتە جايغا، يەنى «ھەقىقى دۇنيا» دا ئەڭ ئۇزۇن ساياھەت قىلىپمۇ بېرىپ بولالمايدىغان جايغا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇش بىر خىل جىسمانى ھەرىكەت، شۇنداقلا مەنىۋى ھەرىكەت. ئوقۇرمەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھەقىقى قوللىرى بىلەن ھەقىقى كىتاب بەتلىرىنى ئۆرۈيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ھەقىقى رىئاللىق، ئوقۇش بىر خىل جىسمانى پائالىيەت بولسىمۇ، ئەدەبىيات بۇ ئەمەلىي بىزەك ئارقىلىق باشقا رىئاللىقنى يارىتىدۇ ياكى ئېچىپ بېرىدۇ. لېكىن، بۇ رېئاللىق ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق يەنە نۇرمال «چىنلىق» دۇنياسىغا قايتىدۇ، بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتىقادى ۋە ھەرىكىتى ئوقۇش تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، بەزىدە ياخشىلىق تەرەپكە بۇرۇلسا، بەزىدە يامانلىق تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىز ئۆزىمىز ئوقۇغان ئەدەبىيات ئارقىلىق دۇنيانى كۆزىتىمىز، ياكى، ھېلىھەم دۇرىڭ تىلغا ئالغان «ئەدەبىيات ھېسسىيلىكى» گە ئىگە ئادەم مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئاخىرىدا، بىز بۇ «كۆزىتىش» ئاساسىدا ھەقىقى دۇنيادا پائالىيەت قىلىمىز. بۇ پائالىيەتلەر تىلنىڭ بايان قىلىش ياكى ئاتاش فۇنكسىيەسى بولماستىن، ئىجرا قىلىش فۇنكسىيەسىدۇر. ئەدەبىيات ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق رول ئوينايدىغان بىر خىل سۆز ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.

     


     

    ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

     


     

    مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق قىزىقىدىغىنى خوفماننىڭ «كاتىر. مور»، رايمۇند روسسىلنىڭ «ئافرىقا تەسىراتلىرى» دېگەندەك ئەسەرلىرى ئىدى. بۇ ئەسەرلەر بىلەن سېھرىگەرلىك ئويۇنلىرىنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر بىۋاسىتە باغلىنىشى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئەلىس مەجمۇئەسىنى تىلغا ئالدى، كىتابىمنىڭ كېيىنكى مەزمۇنلىرىدا بۇ يۈرۈشلۈك كىتاب ئەڭ مۇھىم پايدىلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئەلىسنىڭ ئەينەكتىن ئۆتۈشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسى توقۇلما سېھرىگەرلىك سەھنىسىدىكى ئەمەلىيەت ۋە ئەنئەنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دۇرىڭ ھەتتا چېشىر مۆشۈكىنى يوقىتىش، قارىمۇچ ئارقىلىق بوۋاق بالىنى چۈشكۈرتۈش دېگەندەك بۇنداق كۆرۈنۈشلەر 19- ئەسىردىكى مەشھۇر سەھنە سىھرىگەرلىكى بولۇپ، ئەينەك ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىغان «قارىمۇچ ئالۋاستىسى» بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىدۇ. فىشىر «كالورنىڭ سېھرىگەرلىكى» ناملىق كىتابىدا، كالورنىڭ 19- ئەسىر سەھنە ئويۇنلىرىغا بولغان پىششىق تونۇشىنى بايان قىلدى.



    بىراق، دۇرىڭ بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە سېھرىگەرلىك ئۇسۇلى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنسۇن، ئېلىنمىسۇن، ھەممىسىنى بىر خىل سېھرىگەرلىك دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىدى. بىر ئەدەبىي ئەسەر يېڭى بىر دۇنيانى قوزغىتىدىغان ئەپسۇن ۋە جادۇگەرلىكتۇر. دۇرىڭ كىنونىڭ قانداق قىلىپ سېھرىگەرلىك سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، مەسىلەن، كىنونىڭ قىسمەن ھالدا سېھرلىك چىراق (سېھىرلىك چىراق ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سېھرىگەرلىك سەھنىسىدە ئويۇن كۆرسىتىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى) نى مەنبە قىلغانلىقىنى دەل جايىدا تىلغا ئالغانىدى. ئەڭ ئاخىرى كىنو سەھنە سېھرىگەرلىكىنى ئىشسىز قالدۇردى. كىنونىڭ كۈچى ئىنتايىن زور. دۇرىڭ ھازىرقى زامان ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ − سۈرەتكە ئېلىش، تېلېفۇن، كېنو، رادىيۇ، تېلىۋېزۇر، ماگنىتلىق تەخسە، ماگنىتلىق لىنتا، CD دىن ئىنتىتېرنىتقا ئۇلانغان كومپيۇتېرغىچە − ئەمەلىيەتتە ماكان- زامان پەرقىدىن ھالقىپ، ھاياتلار ۋە ئۆلۈكلەر بىلەن سېھرىگەرلىك شەكلىدە ئالاقە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قەدىمى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى. مەيلى قاچانلا بولسۇن، ياقتۇرساملا گولد چالغان باخنىڭ «گوردىنبۇرگدىكى ۋارىئاتسىيە مۇزىكىسى» نى ئاڭلىيالايمەن، ئەمما، گولدنىڭ بارماقلىرى ئاللىقاچان توپىغا ئايلىنىپ كەتتى. مەن ھەتتا تىننيسۇن (44) نىڭ ئۆزى دىكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرىنى ئاڭلىيالايمەن. ئەرۋاھلارنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يەنە نېمە دەي!



    رىكلىس تىلىفۇن ۋە ئۈنئالغۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى باسقۇچىدا، كىشىلەر ئۆزىنى تىرىكلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتىمەن ياكى ستاتىك ئېلېكتىر ئارقىلىق تېلېفۇن ۋە ئۈنئالغۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئاۋازىنى (ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى) ئاڭلاۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، دېگەنىدى. بۇ يىراق مۇساپە تېخنىكىسى پەيدىنپەي سېھرىگەرلىك سەھنىسىدىكى ئوپچە ئويۇننىڭ ئورنىنى ئالغان، شۇنداقلا بىر خىل تۇتۇقلۇقنىڭ ئورنىنى ئالماقچى بولغان دىندىن خالى سېھرىگەرلىك − ئەدەبىياتتۇر. كىنو، تېلېۋىزۇر، CD، سىنئالغۇ لىنتىسى، MP3 تۈرىدىكى نەرسىلەر، كومپيۇتېر، ئىنتىرنىت قاتارلىقلار يېتەكچى ئورۇننى ئېگىلەپ، بىزگە يىراقنى كۆرسىتىدىغان، يىراقتىكىنى ئاڭلىتىدىغان سېھرىگەرگە، جادۇگەرگە ۋە سۆزلىيەلەيدىغان كارتۇن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. قىسقىسى، بۇ كەشپىياتلار بىزنى سېھرىگەرلىك ئويۇنىنىڭ تەمىنلىگۈچىسىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلار ئىدىئولوگىيە ئەقىدىسىنى بەلگىلەش جەھەتتە مۆلچەرلىگۈسىز كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە.
    ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر خىل سېھرىگەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق نامايەن قىلىپ بېرىدىغان بىر بۆلەك تىل بار. بۇ گىئورگى ئىلئوت (45) نىڭ «ئادام بىد» ناملىق ئەسىرىنىڭ باشلانمىسىدۇر:


    مىسىرلىق سېھرىگەر بىر تامچە سىياھنى ئەينەك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تاسادىپىي كەلگەن ھەربىر ئادەمگە يىراق ئۆتمۈشنىڭ خىيالى كۆرۈنۈشىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن. مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قىلىپ بېرىدىغىنىممۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەن قەلىمىمدىكى بۇ سىياھ ئارقىلىق، ئۇلارغا ھىسلوپې كەنتىدىكى ياغاچچى ۋە تامچى جوناسىن بورگىنىڭ ئازادە دۇكىنىنىڭ 1799- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى قانداق قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن.



    نىل ھىرتىز گىئورگى ئىلئوت ۋە ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى 1859- يىلى ئۇ تىلغا ئالغان مىسىرلىق سېھرىگەرنىڭ ئابد ئەل قادىر ئەل مەغرىبى ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلەتتى، ئۇ 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاھىرەدە تۇرغانىدى، دەيدۇ. ھىرتىز بىزگە بورخىسنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى يازغان «قارا ئەينەك» دېگەن ھېكايىسىدىمۇ بۇ كىشىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىلئوتنىڭ مىتافورسى رۇشەن كۆزگە چىلىقىپ تۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ سېھرىگەرلىك ئارقىلىق تەمسىل قىلغىنى خوفمانچە ئەسەبىي خىيالمۇ، 20- ئەسىردىكى «سېھرى رىئالىزم» لىق ئەسەرلەرمۇ ئەمەس، بەلكى تىپىك رەتكە سېلىنغان كونىچە قىلىپتىكى رېئالىزملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇ ۋاقىت، ئورۇن جەھەتتىكى ئىنچىكە ھالقىلار بىلەن تولغانىدى. بۇ سېلىشتۇرما مىسىر سېھرىگىرىنىڭ سېھرىگەرلىك ماھارىتىنى (ئۇ قولىدا تۇرۇپ قالغان سۇنى خىيالى ئوبرازنى كۆرىدىغان ئەينەك قىلىدۇ) ئاپتورنىڭ قەلىمىنىڭ سىياسىغا ئايلاندۇرغان، سىياھ بىز كىتاب بەتلىرىدە كۆرىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ چىققانىدى. بۇ سۆزلەر دەل كالور مەنىسىدىكى بىر ئەينەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدىكى شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، ئۇ بىر سېھىرلىك ئەينەك، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىكى ماكان- زاماندا تۇرۇۋاتقان ئىنتايىن يىراق بىر دۇنياغا كىرەلەيدۇ، ئۇ دەل 1799- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى بۇرگې ئەپەندىنىڭ دۇكىنىدۇر. بۇ جۈملىلەر بايان قىلىدۇ ھەم ئىجرا قىلىدۇ. ئۇلار بۇرگې ئەپەندىنىڭ ئازادە دۇكىنىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئوقۇرمەنلەرگە نامايەن قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرگە «ئۆزىنىڭ تۇرقى» نى كۆرسىتىدۇ. سۆز بۇ ۋەدىنى بەرگەن چىغىدا، ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «ئازادە دۇكان»، «سېھرىگەرلىك تۈسىدە» ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە نامايەن بولىدۇ. ئوقۇرمەن كىتابنىڭ باشلانمىسىدىن كېيىنلا، مەزكۇر دۇكاننىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئوقۇيدۇ، دۇكان بارغانسىرى كونكرېتلىشىدۇ.




    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    ئىزاھاتلار:
    (1) جاك دىرىدا (Jacqus Derrida، 1930 − 2004). فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق (چۇۋۇلمىچىلىق) نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. «يېزىقشۇناسلىق ھەققىدە» (1967)، «ئاۋاز ۋە ھادىسە» (1967)، «چېچىلىش» (1972)، «پەلسەپىنىڭ چېتى» (1972)، «مەۋقە» (1972) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (2) بۇ يەردە خەنزۇتىلىدىكى «词典»، «字典» دېگەن سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرىنى «سۆزلۈك»، يەنە بىرىنى «خەتلىك» دەپ تەرجىمە قىلدىم.
    (3) سەيمىل جونسۇن (Samuel Johnson، 1709 − 1784) ئەنگلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى، شائىر.
    (4) ئەنگلىيەلىك ئاكا- ئۇكا ئەدىبلەر، رومانتىمزننىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى.
    (5)  ئىدمۇند گوس (Edmund Gosse، 1849 − 1928) ئەنگلىيەلىك شائىر، درامماتروگ.
    (6)  ۋىلھىلىم ۋون خۇمبولدىت (Wilhelm Von Humboldt، 1767 − 1835). گېرمانىيەلىك مائارىپ ئىسلاھاتچىسى، تىلشۇناس ۋە دىپلومات. بىرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى.
    (7) سەيمىل تەيلور كولىرىج (Samuel Taylor Colerdge، 1772 − 1834) ئەنگلىيەلىك شائىر ۋە ئوبزۇرچى.
    (8)  ۋىللىيام ۋوردىسۋورز (Wordsworth  William، 1770 − 1850) ئەنگلىيەلىك شائىر.
    (9)  ماتتىۋ ئارنولد (Matthew Arnold، 1822 − 1888)، ئەنگلىيەلىك شائىر، ئەدەبىي تەنقىدچى.
    (10) سىر ۋالتىر سىكوت (Sir Walter scott، 1771 − 1832) شوتلاندىيەلىك تارىخى رومان يازغۇچىسى، شائىر.
    (11)  سىتوۋ خانىم (Mrs.Biqiesituo، 1811 − 1896) ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال يازغۇچى، «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە رومانىدۇر.
    (12) رېنې دىكارت (Rene Descartes، 1596 − 1650)، فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ. ئۇ «ئويلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن مەشھۇر سۆزى ئارقىلىق ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلىگەن.
    (13) جون لوك (John Locke، 1632 − 1704)، ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ، تەجرىبىچىلىكنىڭ ئاساسچىسى. تۇنجى بولۇپ ئاساسى قانۇن دىمۇكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان بولۇپ، پەلسەپە ھەم سىياسىي ساھەدە زور تەسىرگە ئىگە.
    (14) فىشىت (Johann Gottlieb Fichte، 1762 − 1814)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ۋەتەنپەرۋەر زات.
    (15) گىگىل (Georg Wilhelm Friedrich Hegel، 1770 − 1831)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، لوگىكا، تارىخ پەلسەپىسى، ئېستىتىكا، دىن، مىتافىزىكا، بىلىش نەزەرىيىسى، سىياسىيشۇناسلىق، دىئالىكتىكا قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
    (16) نىتچې (Friedrich Nietzsche، 1844 − 1900)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ئىرادىچىلىك نەزەرىيىسى ۋە ھاياتلىق پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى» (1872)، «زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ» (1883)، «ياخشىلىق- يامانلىقنىڭ قىرغاقلىرى» (1886)، «قارا بۇ ئادەمگە» (1895)، «ھوقۇق ئىرادىسى» (1901) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (17) سىگمۇند فىرىئود (Sigmund Freud، 1856 − 1939)، ئاۋستىرىيەلىك روھى كېسىللىكلەر دوختۇرى، پىسخولوگ، روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. «روھى ئانالىزغا مۇقەددىمە» (1915 − 1917)، «روھى ئانالىز ئىلمىگە مۇقەددىمىنىڭ يېڭى نۇسقىسى» (1933) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (18) ئىدمۇند خۇسرىل (Edmund Gusserl، 1859 − 1938)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ھادىسىشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى. «كەسكىن پەن سۈپىتىدىكى پەلسەپە» (1910)، «فۇرمال ۋە ئەزەلىي لوگىكا» (1929)، «دىكارتنىڭ ئويلىنىشى» (1931)، «تەجرىبە ۋە ھۆكۈم» (1939) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (19) خەنزۇتىلىغا «此在، 本是، 定在» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئۇقۇمنى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ مارتىن ھېيدىگگىر (Martin Heidegger، 1889 − 1976) ئىشلەتكەن بولۇپ، گېرمان تىلىدا «Dasein» دېيىلىدىغان بۇ ئۇقۇم ئاساسەن ئىنساننىڭ ئونتولوگىيەلىك مەنىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    (20) جون لاڭشاۋ ئاۋستىن (John Langshaw Austin، 1911 − 1960)، ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ، تىلشۇناس، كۈندىلىك تىل تىلشۇناسلىقى ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. «پەلسەپە ماقالىلىرى توپلىمى» (1961، 1970)، «تۇيغۇ ۋە تۇيغۇ ماتېرىياللىرى» (1962)، «قانداق قىلغاندا سۆزلەرنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ» (1962) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (21) «كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدىكى ئېقىملارنىڭ بىرى. ئاساسلىق ۋەكىللىرى فىرانسىيەلىك رولاند بارتىس ۋە جاك دىرىدا. بۇ ئېقىمدا، قۇرۇلمىنىڭ تەبىئىي يەككە مەركىزى بولمايدۇ، ئۇ مۇقىملىقتىن تەركىپ تاپماي پەرقتىن تەركىپ تاپىدۇ، پەرقنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك قۇرۇلمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
    (22) ئەنگلىيەلىك يازغۇچى داننېل دېفو (Daniel Defoe، 1660 − 1731) نىڭ دۇنياغا داڭلىق رومانى.
    (23)  دېيىلمە (话语، discourse) ئادەم سۆزلىگەن ياكى يازغان تىل. دېيىلمە ئانالىزى كىشىلەرنىڭ نېمىنى سۆزلىگەنلىكى (بايان قىلغانلىقى)، قانداق سۆزلىگەنلىكى (بايان قىلغانلىقى) ھەم سۆزلەنگەن گەپ (بايان) ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ئاقىۋەت ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۆرسىتىدۇ. دېيىلمە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بىر- بىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ فۇكو (Michel Foucault، 1926 — 1984) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، دېيىلمە تىل بىلەن گەپنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدىغان، تېخىمۇ مول ھەم مۇرەككەپ بولىدىغان كونكرېت ئىجتىمائىي فورما بولۇپ، ئىجتىمائىي ھوقۇققا باغلىنىپ بىر- بىرىنى چۆرىدەيدىغان كونكرېت گەپ شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېيىلمە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىجتىمائىي كونتېكىستتىكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ كونكرېت گەپ شەكلى، يەنى مۇئەييەن سۆزلىگۈچى، ئاڭلىغۇچى، تېكېست، ئالاقە، كونتېكېست قاتارلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.
    (24)  «ئۇلىسىس» ئىرلاندىيەلىك يازغۇچى جامىس جويىس (James Joyce، 1882 − 1941) نىڭ ئاڭ ئېقىمى ئۇسلوبىدا يېزىلغان رومانى.
    (25) رولاند بارتىس (Roland Barthes، 1915 − 1980). فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، ئېستىتىكىچى، ئەدەبىي تەنقىدچى. ئۇنىڭ نەزەرىيە نۇقتىئىينەزىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى «قۇرۇلمىچىلىق»، 1968- يىلىدىن كېيىنكى باسقۇچى «چۇۋۇلمىچىلىق» ياكى «كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق» بولغان. «ئەپسانە − ئاممىۋى كۇلتۇر شەرھى» (1957)، «بەلگىشۇناسلىق قائىدىلىرى» (1964)، «ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلما ئانالىزىغا مۇقەددىمە» (1966)، «بايان فورماتى سىستېمىسى» (1967)، «ئاپتور ئۆلدى» (1968)، «تېكېستنىڭ خۇشاللىقى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (26) ۋېرگىنىيە ۋولف (Virginia Woolf، 1882 − 1941)، ئەنگلىيەلىك ئايال يازغۇچى، مودېرنىزم ئەدەبىياتى ۋە ئاياللار ھوقۇقچىلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى. «تامدىكى داغ» (1919)، «ياكوپنىڭ ئۆيى» (1922)، «داللوۋى خانىم» (1925)، «ماياكقا بېرىش» (1927)، «دولقۇن» (1931) قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.
    (27) بىلاڭشۇ (Maurice Blanchot، 1907 − 2003)، فىرانسىيەلىك ئەدىپ، مۇتەپەككۇر. «ئەدەبىيات بوشلۇقى» ناملىق نەزەرىيىۋى ئەسىرى مەشھۇر.
    (28)  چارلىز دىككىنىس (Charles John Huffam Dickens، 1812 − 1870)، ئەنگلىيەلىك يازغۇچى. «پىكۋىكنىڭ غەيرى تەرجىمھالى»، «تۇمانلىق پايتەختتىكى يىتىم بالا»، «قوش شەھەر خاتىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (29) ھىنرى جامىس (Henry James، 1843 − 1916)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى.
    (30) تونى. موررىسون (Toni Morrlson، 1931 − )، ئامېرىكىلىق نىگىر يازغۇچى، 1993- يىللى «پىروزا ئەسەرلىرىدىكى مول تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە باي شېئىرىيلىكنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئامېرىكا رىئاللىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى ھاياتى كۈچكە تولدۇرغانلىقى» ئۈچۈن، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
    (31) جىن ئوستىن (Jane Austen، 1775 − 1817)، ئەنگلىيەلىك ئايال يازغۇچى، «تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» ناملىق داڭلىق ئەسىرى بار.
    (32)  ئانتونى تىروللوپ (Trollope Anthony، 1815 − 1882)، ئەنگلىيەلىك يازغۇچى.
    (33) ۋىللىيام بىلەيىك (William Blake، 1757 − 1827)، ئەنگلىيەلىك رومانتىزمچى شائىر.
    (34) مارسىل پىروست (Marcel Proust، 1871 − 1922)، فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، ئاڭ ئېقىمى پىروزىچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى. «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى شۇنداقلا ئاڭ ئېقىمىنى پىروزىچىلىقىغا ئۇل سالغان ئەسەر.
    (35) ژان پائول سارترى (Jean-Paul Sartre، 1905 − 1980)، فىرانسىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ، يازغۇچى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. «تەسەۋۋۇر ھەققىدە»، «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك»، «ئۆزلۈكنىڭ ھالقىشچانلىقى»، «مەۋجۇدىيەت ۋە ھېچنىمە» قاتارلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى، «تام» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «چىۋىن» قاتارلىق دراممىلىرى بار.
    (36) فىرانىز كافكا (Franz Kafka، 1883 − 1924)، ئاۋستىرىيەلىك يەھۇدى يازغۇچى، مودىرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرى ۋە ئەڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. «ئۆزگىرىپ كېتىش»، «ھۆكۈم»، «قەلئە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (37) سىتېفان ماللارمى (Stephane Mallarme، 1842 − 1898) فىرانسىيەلىك سىمۋۇلېزمچى شائىر ۋە نەسىرچى.
    (38) ۋاللاس سىتۋىنىس (Wallace Stevens، 1879 − 1955)، ئامېرىكىلىق داڭلىق شائىر.
    (39) ۋىللىيام جامىس (William James، 1842 − 1910)، ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ، پىسخولوگ ۋە مائارىپچى. پىراگماتىزمنىڭ باشلامچىسى، ئامېرىكا فۇنكسىيىزم پىسخولوگىيەسىنىڭ باشلامچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبە پىسخولوگلىرىنىڭ بىرى. «پىسخولوگىيە پىرىنسىپلىرى» (1890)، «پىراگماتىزم» (1907) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (40) «تىرىستان ۋە ئايسولدى» گېرمانىيەلىك داڭلىق مۇزىكانت ۋاگنىرنىڭ ئوپىراسى. ئوپىردا ئىرلاندىيە مەلىكىسى ئايسولدى بىلەن كورنىۋال شاھى ماركنىڭ جىيەنى تىرىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان.
    (41) پىسخولوگىيەدىكى مۇھىم ئۇقۇم بولۇپ، خەنزۇچىغا «本能» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر ئۇقۇم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنانىنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئەسلىي تىلدىكى ئاتىلىشىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىشنى لايىق تاپتىم.
    (42) جوسپ كوندرات (Joseph Conrad، 1857 − 1924)، پولشالىق پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك يازغۇچى. «قاراڭغۇلۇقنىڭ مەركىزى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار.
    (43) مارىيان مور (Marianne Moore، 1887 − 1972)، ئامېرىكىلىق داڭلىق شائىرە.
    (44) ئالفىرد تىننىيسۇن (Alfred Tennyson، 1809 − 1892)، ئەنگلىيەلىك شائىر.
    (45) گىئورگى ئىلئوت (George Eliot، 1819 − 1880)، ئەنگلىيەلىك يازغۇچى، «فىروس دەرياسىدىكى تۈگمەن» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار.

     

    (ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «ئەدەبىيات ئۆلەمدۇ» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.