قىزىل كارىۋات

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-09 18:41:39

ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئارقا ئۆكچىسى ئاغرىيتتى، بىر يىلدىن كۆپرەك ئاغرىدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغۇزدۇم. مەن ئوڭ پۇتۇمنىلا سۈرەتكە ئالغۇزماقچى ئىدىم، لېكىن رېنتىگىنچى بىر پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالساقمۇ ئىككى پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالغان بىلەن ئوخشاش پۇل ئالىمىز دېگ


    قىزىل كارىۋات
     
    ئاپتورى: مويەن
    ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
     
      ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئارقا ئۆكچىسى ئاغرىيتتى، بىر يىلدىن كۆپرەك ئاغرىدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغۇزدۇم. مەن ئوڭ پۇتۇمنىلا سۈرەتكە ئالغۇزماقچى ئىدىم، لېكىن رېنتىگىنچى بىر پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالساقمۇ ئىككى پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالغان بىلەن ئوخشاش پۇل ئالىمىز دېگەچكە، ھەر ئىككى پۇتۇمنى سۈرەتكە ئالغۇزدۇم. دوختۇر سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا:
    - سۆڭەك ئۆسۈۋاپتۇ،- دېدى.
    - قەيەرگە سۆڭەك ئۆسۈۋاپتۇ؟- سورىدىم مەن. دوختۇر قەلەم بىلەن سۆڭەك ئۆسۈۋالغان جاينى كۆرسەتتى.
    - قايسىسى ئوڭ پۇتۇم؟- سورىدىم مەن. دوختۇر كۆرسەتتى.
    - سول پۇتۇمغىمۇ سۆڭەك ئۆسۈۋاپتىمۇ؟
    - ئۆسۈپتۇ، تېخى ئوڭ پۇتىڭىزدىكىدىن يامانكەن،-دېدى دوختۇر.
    - نېمىشقا ئوڭ پۇتۇم ئاغرىپ سول پۇتۇم ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ؟- سورىدىم يەنە.
    - بۇ خىل كېسەلگە ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ،- دېدى دوختۇر.
    - بۇ كېسەلنى ساقايتىشنىڭ قانداق چارىسى بار؟- سورىدىم مەن.
    - چارىسىغۇ بار، لېكىن ئىشلىمەيدۇ،-دېدى دوختۇر.
    - ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمەن؟
    - قىزىق سۇدا كۆپرەك يۇيۇپ بېرىڭ، كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە پۇت يۇيۇش ئورنى بارغۇ، ئۇلارغا ئۇۋىلىتىڭ.
    -ئۇۋىلاپ بەرسە ساقىيامدۇ؟
    - ئۇۋىلىمىسىمۇ ساقىيىدۇ.
      مەن شياۋلياۋنىڭ ئارقىسىدىن قىزىل گۈللۈك پايانداز سېلىنغان بىر كارىدوردا مېڭىپ نەچچە ئەگىلگەندىن كېيىن پۇت يۇيۇش، ئۇۋىلاش زالىغا كىردۇق. زالدا ئىككى سېمىز ئەر تاماكا چېكىپ ياتاتتى. كالتە مايكا كىيگەن ئىككى قىز ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئۆڭى قارا، ئېڭىكىنىڭ ئاستىدا سۆگىلى بار سېمىز ئەر توۋلاپ كەتتى:
    - بوشراق، مېنى مۇتاپ ئۆلتۈرەي دەمسىز؟!
    ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا كۈچلۈك يەل قويىۋەتتى.
    شياۋلياۋ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىزنى بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەن خېنىمدىن سورىدى:
    - ئايرىمخانا بارمۇ؟
    -بار،-دېدى خېنىم تولۇپ-تاشقان ناماقۇللۇق بىلەن، - بىراق ئايرىمخانىلىرىمىزنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇشقا رۇخسەت يوق.
    - بۇ نېمە دېگىنىڭىز،- دېدى شياۋلياۋ.
      ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە ئىككى كارىۋات، بىر تېلېفون بار ئىكەن. پۇت يۇيىدىغان خېنىم كەلمىگەچكە مەن كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ پۇت ئۆكچەمنى ئۇۋىلىدىم. شياۋلياۋ تىزگىنەك بىلەن تېلېۋىزورنىڭ قانىلىنى يۆتكەشكە باشلىدى. لېكىن سۈرەت چىقسا ئاۋازى چىقمايتتى، ئاۋازى چىقسا سۈرەت چىقمايتتى. شياۋلياۋ باشقا ئايرىمخانىغا يۆتكىلىشنى ئېيتتى، لېكىن مەن بولدى قىلايلى دېدىم.
      پۇت يۇغىچى خېنىم ـ ئۇلارنى خېنىم دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇيۇلدى ـ پۇت يۇيىدىغان قىزچاق؟ قىز؟ ئايال؟ قانداقلا ئاتىسا بىر يېرى ئەپلەشمەيتتى. يەنىلا ئۇلارنى «ھېلىقى» دەپ ئاتىغان تۈزۈكتەك قىلاتتى.
    تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئىچىگە «ھېلىقى» دېگەن سۆز ئارىلاشتۇرۇلسا مېنىڭ ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەمەلدارلىق سەھنىسىدىكى چوڭ ھوقۇقدارلارنى كۆرسىتەتتى. بۇنداقتا تولىمۇ يۇمۇرلۇق بولاتتى. لېكىن تىلشۇناس پروفېسسورلار بۇ گەپنى ئاڭلىسا ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن، تەرجىمانلار ئاڭلىسا چوقۇم لەنەت ئوقۇيدۇ.
    شياۋلياۋنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتقان خېنىمنىڭ بېشى بەك ئېگىز، يۈزى قىپقىزىل، چىشلىرى نۇرسىز بولۇپ، بىر قاراشتىلا مۇشۇ يەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەرنىڭ سۈيىدە فىتور بار ئىدى، شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ چىشى سېرىق ئىدى. سېرىق چىشنى ئاقارتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق نۇرسىز بولۇپ قالاتتى. ئۇ شياۋلياۋدىن سورىدى:
    - ئاۋۋال دولىڭىزنى ئۇۋىلاپ قويايمۇ؟
    - مۇشۇنىمۇ سورامسىز؟-دېدى شياۋلياۋ،-بىزنى پۇلى يوق كۆرۈپ قالمىغانسىز؟
    - يوقسۇ، ھەددىممۇ؟-دېدى ئۇ ئاق چىش خېنىم، -سىز بىر قارىماققىلا خوجايىنغا ئوخشايدىكەنسىز.
    شياۋلياۋ ئورۇقلۇقىدىن ئەبگا كۆرۈنەتتى، مەن ئۇنىڭ نەرىنىڭ خوجايىنغا ئوخشايدىغانلىقىنى زادىلا كۆرەلمىدىم.
    - نېمىدېگەن قاتتىق!- دېدى ئاق چىش خېنىم شياۋلياۋنىڭ مۈرىسىنى ئۇۋىلاۋېتىپ.
    - قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك يەر قاتمىغان، قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەر ئەكسىچە مۇشۇنداق قاتتىق بولىۋالغان،- دېدى شياۋلياۋ.
    پۇت يۇيۇش ئورنىغا كىرگەندىن كېيىن شياۋلياۋ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك چاقچاق پارىڭى كۆپىيىپ قالغان ئىدى.
    - خاتىرجەم بۇلۇڭ،-دېدى ئاق چىش خېنىم،-مەن سىزنىڭ قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك يېرىڭىزنى قاتۇرۇپ، قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يېرىڭىزنى بوشۇتۇپ قويالايمەن.
    -سىزچۇ، خۇجايىن؟-دەپ سورىدى مېنىڭ پۇتۇمنى يۇيۇشقا كىرگەن چاچلىرى پاخما، تېرىسى ئاپئاق، چىشلىرى رەتلىك ۋە نۇرلۇق خېنىم.
    - ئوخشاش،-دېدىم مەن.
    - ئۇ كىچىك قوللىرى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا مۈرەمدىكى مۇسكۇللارنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.
    - باشلىق، ئۇزۇن يىل شىرەدە دۈمچىيىپ ئولتۇرغاچقا مۈرە ياللۇغى بولغانسىز-ھە؟-دېدى ئۇ.
    -قانداقسىگە باشلىق بولۇپ قالدىم ئەمدى؟
    -خوجايىنلار گەپدان، مەككار كېلىدۇ، رەھبەرلەر جىمىغۇر.
      بىردىنلا سۈت ھىدى، ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى پۇراق كەلدى، ئىنتايىن يېقىملىق ھىد.
    ئۇ پۇتۇمنى يۇيۇۋاتقان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭ قاپقارا قويۇق چاچلىرى ئارىسىدىن بىر خىل سۇس قىزىل رەڭنى كۆردۈم. كۆزلىرىدىن ئىنتايىن قىزغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.
    - سۇ قىزىق بوپتىمۇ؟
    - ئانچە قىزىق بولماپتۇ.
    - ئەمدىچۇ؟- دېدى ئۇ داسقا ئازراق قايناق سۇ تۆكۈپ.
    - ئەمدى قىزىق بوپتۇ.
    - سىلەر ئايدا قانچىلىك مائاش ئالىسىلەر؟-دەپ سورىدى شياۋلياۋ ھېلىقى ئاق چىش قىزدىن.
    - بىزنىڭ مائاشىمىز يوق.
    - بىر قېتىم پۇت يۇساڭلار قانچە ئۈلۈشى سىلەرگە قالىدۇ؟
    - 30 سوم.
    - بىر كۈندە قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇيىسىلەر؟
    - ئۇنىڭدا پەسىلگە قارايمىز.
    - ھازىر ئەڭ ئاۋات پەسىلدۇ؟
    - ھازىر ئاۋات بولمىسا قاچان ئاۋات بولىدۇ؟ چاغان مەزگىلى تۇرسا.
    - بۈگۈن قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇدىڭىز؟
    - سىز توققۇزىنچىسى.
    - ئۇنداقتا بۈگۈن 270 سوم تېپىپ بوپسىز، مۇشۇنداق ھېسابلىساق، بىر ئايدا 7-8 مىڭنى گەپ يوق تاپقۇدەكسىز.
    - مۇشۇ ئايدا مۇشۇنداق بولدى، ئادەتتىكى كۈنلەردە 3 مىڭ سوممۇ تاپالمايمىز.
    - سىز بۈگۈن قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇدىڭىز؟-دەپ سورىدىم مەن ئالدىمدىكى قىزدىن.
    - سىز سەككىزىنچىسى.
    -«سەككىزىنچىسى مىس ھەيكەل»
    - نېمە مىس ھەيكەل؟ ئوۋ،-كۈلۈپ كەتتى ئۇ،-ئېسىمگە كەلدى، مەن ئۇ كىنونى كۆرگەن، ئالبانىيەنىڭ.
    - سىز، سىز تېخى بالا تۇرسىڭىز!
    - سىز مېنىڭ كىچىكلىكىمگە قارىماڭ، بەرىبىر مەن ئۇ كىنونى كۆرگەن.
    - قەيەردە كۆرگەنتىڭىز؟
    - بېيدەيخېدا،- ئۇ بىر ساناتورىيىنىڭ ئىسمىنى دېدى.
    - مەن ئۇ ساناتورىيىگە بارغان.
    - سىز؟
    - ھەئە!
    - ئۇنداق بولسا سىزنى باشلىقىم دەپ ئاتاي.
    - مەن قانداقسىگە باشلىق بولۇپ قالدىم ئەمدى.
    - باشلىق بولمىسىڭىز ئۇ يەرگە قانداق بارالىدىڭىز؟
    - مەن كىنو قويغۇچى ئىدىم، باشلىقلارغا كىنو قويۇپ بېرەتتىم.
    - راستمۇ؟
    - سىز كىرىشىڭىز بىلەنلا تونۇشتەك ھېس قىلغىنىم بىكار ئەمەسكەن.
    - سىز سەل ئالدىراپ قاپسىز، مەن ئۇ يەردە كىنو قويۇپ يۈرگەن چېغىمدا سىز تېخى تۇغۇلمىغان بولغىيتتىڭىز.
    - مەن ئۇنچە كىچىك ئەمەس.
    - سىز ئۇ يەردە نىمىش قىلاتتىڭىز؟ سېستىرامىتىڭىز؟
    -مەن ئۇ يەردە سېسترالىق قىلغان بولسام بۇ يەرگە كېلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىزنى يۇياتتىممۇ؟
    - ئۇنداقتا نىمىش قىلاتتىڭىز؟
    - مۇلازىمەتچى ئىدىم، تازىلىق قىلىدىغان، چاي قۇيىدىغان دېگەندەك.
    - ئۇ يەردە چاي قۇيىدىغان ئىشمۇ ئانچە بوش خىزمەت ئەمەس جۇمۇ.
    - ئۇغۇ شۇنداق، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان 100 ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىز ئىككىمىزلا تاللانغان.
    100 نىڭ ئىچىدىن ئىككىمىز دەڭ.
    ئۇ پۇتۇمنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.
    - ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئۆكچىسى ئاغرىيدۇ.
    - بۇ يەرمۇ؟
    - ھەئە، ۋايجان، بوشراق!
    - ئىچىدە بىر يۇمىلاق نەرسە يۇمۇلاۋاتىدۇ!
    - نېمە بولغاندۇ؟
    - سېرىق ئەت ياللۇغى.
    - سىز قانداق بىلىسىز؟
    - نۇرغۇن خېرىدارنىڭ پۇت ئۆكچىسى ئاغرىيدۇ.
    - سۆڭەك ئۆسۈۋالغانلىقتىن ئەمەستۇ؟
    - سېرىق ئەت ياللۇغى، مەن كىتاپتىن كۆرگەن.
    - پاھ، سىزمۇ كىتاب كۆرىدىكەنسىز-دە.
    - مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن.
    - ئۇۋىلاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
    - سەل تۇرۇپ بۇ يەردىكى قاپارتمىنى ئازراق قىرىپ لوڭقا قويۇپ ئىچىدىكى زەرداپنى چىقىرىۋەتسەك ساقىيىپ كېتىدۇ.
    - ئۇنداقتا سىزگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن.
    - ئۇنداقتا ھازىر قىرىشقا باشلايمەن.
    - ۋايجان، بەك ئاغرىپ كەتتى!
    - ئازراق چىداڭ، ھېلىمۇ ئەسكەرلىكتە تۇرغىنىڭىز!
    - سىز مېنىڭ ئەسكەر بولغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
    - سىز ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ!
    - سىز قانداق بولۇپ بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟
    - خاتالىق ئۆتكۈزۈپچۇ؟
    - قانداق خاتالىق؟
    - ئىستىل خاتالىقى!
    - ئوۋ، بۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەن.
    - ئادەتتىكى ئادەم قىلسا ئىستىل خاتالىقى، چوڭ باشلىق قىلسا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش بولىدۇ.
    - ھا...ھا...بەك قىزىقچىكەنسىز!
    - مەن تېخى ئېيتىشىشمۇ ئويناپ چىققان!
    - ئاياللار ئېيتىشىشىمۇ؟
    - ئاڭلىماپسىز-دە! مەن بىر ئىشتىن سىرتقى ئارتىست، ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام ئاللىقاچان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رەسمىي ئارتىسى بولۇپ قالاتتىم.
    - ئەپسۇس.
    - مەنمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، ئاۋازىمنىڭ قانچىلىك يوقۇرىلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن «چىڭزاڭ ئېگىزلىگى» دېگەن ناخشىنى ئېيتالايمەن.
    - ئۇ ناخشا ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىلىدۇ راست.
    - سىز زادى قانداق ئىستىل خاتالىقى ئۆتكۈزگەن؟ تەپسىلىيرەك ئېيتالامسىز؟- سورىدى شياۋلياۋ.
    -بىز بۇ يەردە پاراڭلىشىۋاتساق، سىز ئۇ يەردە تۇرۇپ پاساڭ قىستۇرسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!
    - بىز قانۇن ئۆگەنگەن، سىزگە ئارتىلغان ناھەق دېلونى ئاغدۇرۇپ بەرسەك ئەجەب ئەمەس.
    - ئۇنى ناھەق دېلو دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    - ھەي، ھەقىقەتەن مەرتكەنسىز.
    - بىز كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرى بولغاچقا مۇشۇنداق بوينىمىز قاتتىق.
    - سىز قانداق بولۇپ گاۋمى دېگەن بۇ كىچىك ناھىيىگە كېلىپ قالدىڭىز؟ بۇ يەر ھەم چەت، ھەم قالاق تۇرسا.
    - باشلىق، بۇ گېپىڭىز توغرا ئەمەس! گاۋمىنىڭ شەرقى چىڭداۋغا، غەربى ۋېيفاڭغا تۇتىشىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق، ئازراقمۇ قالاق ئەمەس.
    - يولدىشىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟
    - ھېچ ئىش قىلمايدۇ، ئۆيدە بالا باقىدۇ.
    - بالىڭىز بارمۇ تېخى؟
    - بار، بىر يېرىم ياشقا كىردى.
    - سىلەر قانداق تونۇشقان؟
    - ئۇ شۇ جايدا ئەسكەر ئىدى.
    - چۈشەندىم، سىلەر قائىدىگە خىلاپ ھالدا مۇھەببەتلىشىپتىكەنسىلەر.
    - توغرا،- دېدى ئۇ،- ئەسكەرلەرنىڭ يەرلىك قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
    - سىزنىڭ يولدىشىڭىز ئۇ يەردە نىمىش قىلىدۇ؟
    - ئاشپەز.
    - ھە، باشلىقلار ئۈچۈن تاماق ئېتىدىكەن-دە.
    - ئۇنىڭ ئۇنچىلىك ھۈنىرى يوق، بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە تاماق ئېتىدۇ، داشقازاننىڭ تامىقى...
    - چۆمۈچ قولىدا دەڭ، قاچىڭىزغا گۆش سېلىپ بېرەمدۇ؟
    - نەدىكىنى، ھازىر كىم گۆش يىيىشكە ئامراق؟
    - ئۇنداقتا قانداق بولۇپ بىر ئادەتتىكى ئەسكەرنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىز؟
    - كېلىشكەن بولغاچقا!
    - قانچىلىك كېلىشكەن؟
    - جاڭ گورۇڭغا ئوخشاپراق قالىدۇ.
    - ھە، ھېلىقى بىنادىن سەكرىۋالغان چولپانغا دەڭ.
    - يولدىشىمنىڭ پىسخىكىسى بەك ساغلام.
    - سىز شۇنداق چىرايلىق ھەم ناخشا- ئۇسۇلغىمۇ قولىڭىز كېلىدىغان تۇرۇپ، بىرەر باشلىقنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمىغانمۇ؟- سورىدى شياۋلياۋ.
    - ھەي، سىز يەنە پاساڭ قىستۇرىۋاتىسىزغۇ؟
    -شۇنداقلا سوراپ قويدۇمغۇ. ئەستا، مېنى مۇتاپ ئۆلتۈرۈپ قويامسىز نېمە؟!
    - كىم سىزنى داننى بۇ يەردە يەپ ئۇ يەردە كاكىلاڭ دەپتۇ.
    - ئوھۇي، يەنە دەككەمنى يىدىم. ئاخىرى ئايال كىشى تەرىپىدىن بىر قېتىم دەككەمنى يېدىم، بۇ بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆمرىگە داغ كەلتۈرمەس-ھە. شۇنداقتىمۇ بەك بىلگۈم بار، ئەجەبا بىرەر باشلىقنىڭمۇ كۆزى چۈشمىگەنمۇ سىزگە؟
    - ئۇلارنىڭ كۆزى چۈشكەن، لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا كۆزۈم چۈشمىگەن.
    - سىزنىڭ بۇنچىلىك ۋىجدانىڭىز بارلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىمەن.
    - سىزگە دېمىدىممۇ؟ بىز دېگەن كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرى.
    -كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھوقۇقدارلارغا مەستانىلەر چىقىدۇ.
    - مەن راستىنلا «سەككىزىنچىسى مىس ھەيكەل» نى كۆرگەنتىم. ئۇ يىلى يازدا، ھېلىقى باشلىق ــــ ئۇ ماڭا تونۇش بىر ئىسىمنى ئېيتتى ـ بىلمىدىم، قايسى پېيى تارتىشىپ قالدىكىن، كونا كىنولارنى تاللاپ قويدۇردى، نېمە ئۇ « دوناي دولقۇنى»، «يەر ئاستى پارتىزانلىرى» دېگەندەك...قاراڭ، زەرداپ چىقىشقا باشلىدى.
    - قولىڭىز بەك كۈچلۈككەن.
    - بىزدەك قولىغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيدىغانلارنىڭ كۈچى بولمىسا بولمايدۇ. لوڭقىدىن يەنە بىرنى قويايلىمۇ؟
    - بولىدۇ. يىڭنە بىلەن بىر نەچچە كۆز ئاچقىلى بولارمۇ؟ لوڭقا قويغاندا زەرداپنى تارتقۇدەك.
    - ئۇنىڭ ھاجىتى يوق، كېلەر قېتىم كەلسىڭىز پۇتىڭىزنى تۇز سۈيىدە يۇيۇپ قوياي، تۇز ياللۇغنى يوقىتىدۇ.
    - تۇز خەلق ئاممىسىغا مەنسۇپ».
    - «چۈنكى دېڭىز خەلق ئاممىسىغا مەنسۇپ».
    - «فاشىستلارنى يوقىتايلى!»
    - «ئەركىنلىك خەلققە مەنسۇپ!»
    - سىلەر نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟- سورىدى ئاق چىشلىق قىز.
    - بىز مەخپىي شىپىر بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز!- دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.
    كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە مەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 7 قېتىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ پۇت يۇدۇردۇم. مەن ئۇنىڭ ئىسمى، يېشى ۋە يۇرتىنى بىلىۋالدىم. يەنە ئۇنىڭ ئېرىنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن قاملاشقان يىگىتكەن، بىر جۈپ غەمكىن كۆزى، ئېگىز قاڭشىرى، تەبىئىي بۈدۈر چاچلىرى «سەككىزىنچى مىس ھەيكەل» فىلىمىدىكى باش قەھرىمان ئىبراھىمغا ئوخشاپراق قالىدىكەن، بولۇپمۇ، ئايالى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقاندا بىر چەتتە تۇرۇپ تاماكا چېكىشلىرى بەكلا ئوخشايتتى. ئۇ سۈزگۈچى يوق تاماكا چېكەتتى، ئىبراھىممۇ دەل ئەشۇنداق سۈزگۈچى يوق تاماكىنى چېكەتتى. ئىبراھىم تاماكىنى كۈچەپ شورىغاندىن كېيىن، تاماكا ئىسىنى ئاغزىدىن قويۇپ بېرىپ يەنە ئۇنى ئىچىگە سۈمۈرەتتى. بۇ ھالەت خۇددى بىر يىلان ئۇۋىسىدىن چىقىپ يەنە ئۇۋىسىغا قايتىپ كىرىپ كەتكەنگە ئوخشايتتى، ئۇمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ساغلام ئىدى. بەدىنىدىن ئاچچىق-چۈچۈك سۈت ھىدى كېلەتتى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 بىلەن 4 نىڭ ئارىلىقىدا ئۇ خېرىدار قوبۇل قىلمايتتى، بۇ ۋاقىت ئۇنىڭ بالىسىغا مەنسۇپ ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتنى «ئوغلۇمنىڭ چۈشتىن كېيىنكى چاي ۋاقتى» دەپ ئاتايتتى. مەن ئۇنىڭغا: «ئېرىڭىزنىڭ جاڭ گورۇڭغا ئوخشايدىغان ھېچقانداق يېرى يوقكەن» دېسەم، ئۇ، «ئوخشىمامدىكەن، مەن قارىسام ئوخشايدىغۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئېرىنىڭ فامىلىسى ۋاڭ، ئىسمى خەيياڭ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا «ئىسمىڭىزدا سۇ بەك كۆپكەن، سىزنى ئۇلۇق ئوكيان دەپلا چاقىراي» دېسەم ئۇ شۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: «ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ مەن ھازىر بىكارلىق تاماق يەۋاتىمەن، خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ قالدىم». « ئۆزىڭىزنى ئۇنداق تۆۋەن كۆرمەڭ، ئائىلىدە بالىغا قاراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتقۇ» دېسەم ئۇ ئاچچىق كۈلگىنىچە،«سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز بەئەينى سىياسىي كومىسسارنىڭ گېپىگىلا ئوخشاپ قالدى» دېگەنىدى. «دېمىسىمۇ ئۇ سىياسىي كومىسسار، ھەتتا سىياسىي كومىسساردىنمۇ چوڭ» دېگەنىدى ئايالى بىر چەتتە تۇرۇپ.
    - شياۋۋاڭ،- دېگەنىدىم مەن ئۇنىڭغا،- ئايالىڭىز ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك، كەلگۈسىدە تۇرمۇشۇڭلار چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
    ئۇ تاماكا كۆتىكىنى ئورمانلىقنىڭ ئارىسىغا تاشلىۋېتىپ، ھەسرەت بىلەن:
    - كەلگۈسى، كەلگۈسى قەيەردە؟- دەپ سورىغان ئىدى.
    ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا پۇت يۇدۇرغىلى كەلگەندە شياۋلياۋنىڭ پۇتىنى يۇيغان ھېلىقى ئايال كۆرۈنمەيتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا سوزۇنچاق يۈز بىر قىز كەلگەن ئىدى.
    - ئاق چىش قىز قېنى؟ - سورىغان ئىدىم ئۇنىڭدىن.
    - قىزىل كارىۋات تەرەپكە كەتتى،- دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى ئۇ.
    - نېمىشقا؟
    - نېمىشقا دەمسىز؟ ئۇ يەردە پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ.
    - بۇ يەردە تاپىدىغان پۇلمۇ ئاز ئەمەسقۇ؟
    - ئۇ يەرگە قارىغاندا كۆپ ئاز.
    - قىزىل كارۋاتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟- سورىغان ئىدى شياۋلياۋ.
    - قەستەن ئىش ئۇقماس بولۇۋالدىڭىز-ھە.
    - مەن راست دېدىم، مەن راست ئىش ئۇقمايمەن.
    - سەل تۇرۇپ ئۆزىڭىز بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ. بۇ ئىشىكتىن چىقىپ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ ئىككى ئەگىلمىدىن ئۆتسىڭىزلا يېتىپ بارىسىز.
    - سىز نېمىشقا قىزىل كارىۋات تەرەپكە بارمىدىڭىز؟
    - مەن ئۇ يەرگە بارسام كىم سىزنىڭ پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قويىدۇ؟
    - توغرا، بارماڭ، ھەرگىز ئۇ يەرگە بارماڭ،-دېگەنىدىم مەن.
    تۈگىدى.

    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.