1992-يىللىق نوبېل فىزىكا ساھىبى- گىئورگى چار

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-11 18:36:00

گېئورگى چارپاك فىرانسىيلىك فىزىكا ئالىمى بۇلۇپ، ئۇ كۆپ لېنيىلىك ئوڭ تاناسىپلىق تەكشۈرگۈچنى كەشىپ قىلغانلىغى ۋە زەررىچە تەكشۈرگۈچنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىگى ئۈچۈن، 1992-يىل نوبىل فىز...

        گېئورگى چارپاك فىرانسىيلىك فىزىكا ئالىمى بۇلۇپ، ئۇ كۆپ لېنيىلىك ئوڭ تاناسىپلىق تەكشۈرگۈچنى كەشىپ قىلغانلىغى ۋە زەررىچە تەكشۈرگۈچنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىگى ئۈچۈن، 1992-يىل نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. چارپاكنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى گېرشا بۇلۇپ، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى كۆچمەنلىكتە ئۆتكەن. ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ پەلەستىنگە كەلگەن. ئەمما پەلەستىن ئەينى چاغدا ناھايتى قالايمىقان بۇلۇپ، ئۇلار تۇرمۇشنىڭ بۇنداق  جاپا-مۇشەققەتلىك بولدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىككى يىلدىن كېيىن ئامالسىز سارنىغا كۆچۈپ كەتكەن.
    1931-يىلى گېررىشاغا نسبەتەن ئازاپلىق بىر يىل بولغان. چۈنكى بۇيىلى، ئاپىسى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن فىرانسىيگە بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمما چارپاكنىڭ بۇيەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ئۇ ئامالسىز ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان دوستلىرى ۋە كۆنۈپ قالغان سارنىدىن ئايرىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا فىرانسىيگە كەلگەن. فىرانسىيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئىسمىنى گېئورگى چارپاكقا ئۆزگەرتكەن.
       فىرانسىيگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ  تۇرمۇشى ناھايتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بۇلۇپ، تۆت جان بىر بالىخانىدا قىسىلىشىپ تۇرغان. بالىخانا قىش كۈنلىرى ناھايتى سوغۇق ، ياز كۈنلىرى دىمىق ئىسسىق بۇلۇپ، پاشىنىڭ ماكانى ئىدى. چارپاك ھەركۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۆيىدىكى بىردىنبىر چىراغنىڭ يورۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەيتى.ئاپىسى دائىم ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ ئىش قىلاتتى. چارپاك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاپىسى تەپكەن كىيىم تىكىش ماشىنسىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغان پېتى ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى.
       ئۆيدە كىتاپ كۆرگىلى بولمىغاچقا، چارپاك باغچە مۇھىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا نۇرغۇن ئورۇندۇقلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، كىتاپنى ئېلىپ باغچىغا كىتاپ كۆرگىلى بارىدۇ. ئەمما، باغچىدىكى ئورۇندۇقلارغا ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىلا ئولتۇرغىلى بولاتتى، چارپاكنىڭ نەدىمۇ ھەق تاپشۇرغىدەك پۇلى بولسۇن! ئورۇندۇققا ئولتۇرغانلاردىن ھەق ئالىدىغان ئوتتۇرا ياش بىر ئايال بۇلۇپ، ئۇ باغچە ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشىنى كۆرسىلا، ھەق ئالغىلى كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، چارپاك ئۇ ئايالدىن يىراقراق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەتتى.
    بالىلىق دەۋرىدىكى كۆچمەنلىك ۋە غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن تۇرمۇش چارپاكنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنى كەلگۈسىگە باغلايدىغان قىلىپ قويغان بۇلۇپ، ئۇ ئارزۇ- ئارمان بىلەن جاپا-مۇشەققەتنىڭ زىچ باغلىنىشلىق بولدىغانلىقىنى بىلەتتى. مانا، بۇ گۆدەك چارپاكنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تونۇشى ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردىكى تۇرمۇشتىكى جاپا- مۇشەققەتلەرگە قارىتا ئۇنىڭ ئالدىن تەييارلىقى بولغاچقا، ئۈچ يىللىق تۈرمە ھاياتىمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدىنى تەۋرىتەلمىگەن. ئەكسىچە ئۇ بىر قەيسەر ئادەم بۇلۇپ چىققان.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق