سابىق ئوغرى(سە ئىد ئەھمەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 10:01:05

سابىق ئوغرى(ھېكايە)سە ئىد ئەھمەد [ ئۆزبېكىستان] (بولۇشى مۇمكىن بولغان ھېكايە) مەيلى قېرى،مەيلى ياش بولسۇن ئاغزىغا ئېھتىيات بولمىقى لازىم ئىكەن.ھاشىمجان قىزىپ كېتىپ بىر ئېغىز سۆزلەپ سالدى-يۇ، با...



    سابىق ئوغرى(ھېكايە)
    سە ئىد  ئەھمەد [ ئۆزبېكىستان]


    (بولۇشى مۇمكىن بولغان ھېكايە)

     

     

    مەيلى قېرى،مەيلى ياش بولسۇن ئاغزىغا ئېھتىيات بولمىقى لازىم ئىكەن.ھاشىمجان قىزىپ كېتىپ بىر ئېغىز سۆزلەپ سالدى-يۇ، بالاغا قالدى.


    -كىچىكلىك دەڭلا، ئاتا-ئانام يوق، بازاردا بىر تال قوغۇن ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالدىم. ساقچىدا بىر كۈن ياتتىم. شۇ ئىشلار ئېسىمگە يەتسە خېلىغىچە خىجالەتتە قالىمەن. بۇنىڭغا 41 يىل بوپتۇ.
    بار-يوقى شۇ بىر ئېغىز گەپ. سۆھبەتداشلار ئارىسىدا بىر ئىلمىي خادىم ئولتۇرغان ئىكەن. قاچان، قايەردە، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ قالدى.

     ھاشىمجان 30يىل  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يېقىندا پېنسىيىگە چىققان. ئۇ تېخى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى بولماستىن خىزمەت كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئاز دېگەندىمۇ  ئىككى-ئۈچ مىڭ بالىنى ئوقۇتقان. ئۇ بالىلار ئىچىدىن نەچچىلىگەن پەنلەر كاندىداتى، نەچچىلەپ ئىنژېنېر، دوكتور چىققان ئىدى.

     


    ئۈچ-تۆت كۈندىن كېيىن ھاشىمجاننىڭكىگە ھېلىقى ئىلمىي خادىم كەلدى. بالا تەربىيىسى ۋە قانۇن ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى ۋە گەپ  ئارىسىدا ئۇ ھاشىمجاندىن:
    -ساقچىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە قانداق خۇلاسە چىقاردىڭىز؟ __ دەپ سوراپ قالدى. ھاشىمجان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بىر پەس قىينالدى ۋە :
    -بۇ ئىشقا 40 يىلدىن ئاشقاچقا، ئەينى چاغدا قانداق خۇلاسە چىقارغىنىم ئېسىمدە قالماپتۇ ، __ دەپ جاۋاب بەردى.
    - ھەر ھالدا ،  دېدى  ئىلمىي خادىم.
    -ھەر ھالدىمۇ؟ ھەر ھالدا ئۆزۈمگە تېگىشلىك خۇلاسە چىقارغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئاشۇ ئىشتىن كېيىن قوغۇن يېمەيدىغان بولۇپ قالغانمەن.
    -دېمەك ساقچىلارنىڭ تەربىيىۋى رولىنى ئىنكار قىلمايسىز ؟
    ھاشىمجان سەل غەش بولدى، شۇنداقتىمۇ " ھە ، ئەلۋەتتە "دەپ قويدى.

     


    شۇنىڭ بىلەن پاراڭمۇ تۈگىدى.ئەمما ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئۆيىگە بىر تەكلىپنامە كەلدى. تەكلىبنامىدە "ھۆرمەتلىك ھاشىمجان ئالىمجانوۋ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمىز " دېيىلگەنىدى.
    بۇنداق جايغا، يەنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ياق، دېگىلى بولامتى؟ ھاشىمجان ساقالىنى قىردۇرۇپ، ئېسىل كاستۇمىنى كىيىپ يېتىپ باردى.

     


    ئۇنىۋېرسىتېت كۇلۇبىغا ئادەم سىغماي قالغان ئىدى. ئىشىك  ئالدىدا "تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاپتوبۇس، ئىچكىرىسىدە مۇخبىرلار، تېلېكامېرا كۆتۈرۈشكەنلەر ... ھاشىمجاننى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىشتى، ئاۋۇ كۈندىكى ئىلمىي خادىم سەھنە تۆرىدە ئولتۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا ھاشىمجان ھەيرانمۇ قالمىدى. ئولتۇرغان بولسا ئولتۇرغاندۇر، دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ گەپ باشلىغاندا ھەيرانلىقتىن ئېغزى ئېچىلىپلا قالدى. ئىلمىي خادىم ئىشتىياقى بىلەن ئاۋازىنى گاھ كۆتۈرۈپ، گاھ پەسەيتىپ سۆزلىدى :
    - ... مانا ، ئۇدۇلۇڭىزدا سابىق جىنايەتچىلەر، يولتوسارلار، ئوغرىلار ...
    ھاشىمجاننىڭ كۆزى تىكىلىپلا قالدى. گەپنىڭ داۋامىنى ئاڭلىيالمىدى ، چۈنكى قۇلىقى ۋىڭىلداپ ، بېشى ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئىلمىي خادىم داۋاملاشتۇرماقتا  ئىدى :

     


    - ئەمما بۇ جىنايەتچىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزدە قايتا تەربىيىلەنگەن، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاڭلىق گراجدانلىرىغا ئايلانغان ...
    ھاشىمجان ھالىدىن كەتتى. قانداقلارچە يىغىن تۈگىگەنلىكىنى، قانداقلارچە ئۆيىگە كەلگىنىنى بىلەلمىدى.
    ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى، بىردىنلا ئىلمىي خادىم ئېكراندا پەيدا بولۇپ قالدى. ھېلىقى كۈندىكى فىلىم قويۇلۇپ، " سابىق ئوغرىلار "نىڭ بەشىرىسىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.

     


    ھاشىمجان يەر يېرىلمىغان بولسىمۇ يەرگە كىرگىدەك بولدى. چۈنكى يېنىدا ئىككى نەۋرىسى، كېلىنى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرى شۇ يەردە " سابىق ئوغرى " مۇئەللىملىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشقاندۇر ...
    شۇ گەپتىن كېيىن ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتتى. ھېلىقى ئىلمىي خادىم پەن كاندىداتى ، دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى. بۇ ئىشتىن ئۇنى كاندىدات قىلغان "سابىق ئوغرى " نىڭ خەۋىرى يوق ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.