ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 23:50:17

ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ، ئوقۇش بېسىمىنى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلە...

     



    ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

     

    «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ، ئوقۇش بېسىمىنى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپكە، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىگە، يەسىلىلەر ھەتتا ھامىلە تەربىيىسىگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.» 2011-يىلى 15-دېكابىر، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ زېچۇ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەشھۇرلار مۇنبىرى»دە يۇقارقى سۆزنى قىلغان.
    ئەينى يىللىرى گۇاڭجۇ لوشى كۆۋرۈكىنىڭ ھەق ئېلىشى ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بەش يىل كۈچىگەنگە ئوخشاش، ۋاڭ زېچۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلق تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ : «ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەكىتلىگەنلىكتەك ئېغىر دەرىجىگە يەتتى» دېگەن.
    بۇنداق بىر كونكىرىت مەسىلە پارتىيەنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ، مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆرلەپ ئوقۇش، مۇسابىقە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل بولماي كەلدى، مائارىپ ئىسلاھاتىمۇ ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇلمىدى. شۇجى ۋاڭ ياڭمۇ ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، مەكتەپلەر ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر يىلى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى سانىنى ھېساپ قىلىشتى. بۇنداق كېتىۋەرسە، مائارىپ ئىسلاھاتىنى مەڭگۈ سىلجىتقىلى بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى مەڭگۈ يېنىكلىمەيدۇ.
    ۋاڭ زېچۇ يەنە: بىر قاتار بېسىمنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە چۈشۈرۈش ئىنتايىن بىمەنىلىك، نۆۋەتتە، پۈتكۈل مائارىپ فاڭجېنىدىكى مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى شۇ يەردىكى، بىز زادى ئىلىمگەر تەربىيەلەۋاتامدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەۋاتامدۇق؟ دېگەن.

     

    مەنبە: ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ 2011-يىل 16-دېكابىر سانى

    تەرجىمىدە: ئابلاجان تۇردى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.