ھەر بىر بالا-بىر ۋەتەن

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-03 11:28:37

مۇرەببى ئاشۇ ئىنسانلارنى ئاسراش ۋە پەرۋىشلەش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر.

     
    ھەر بىر بالا-بىر ۋەتەن

        بۇ  ۋەقە ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. 4-سىنىپقا رەھبەر ئىدىم. بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىم  ھەققىدە شىكايەت قىلدى. سىنىپقا بوغۇلۇپ كىردىم، كەيپىياتىمنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلارمۇ جىم بولۇشتى، قوپال ھالدا بىر قانچە ئېغىز تەنبىھ بەردىم.ھە دېگەندە قاپىقىمنى ئاچالماي دەرسنى باشلىيالماي تۇرىمەن. ئۇلار ھەم ، مەن ھەم سۈكۈتتە، شۇ پەيىتتە مۇراد دېگەن ئوقۇغۇچۇم قول كۆتۈردى:
    -ھە نېمە دەيسەن ؟-دېدىم زەردە بىلەن.
    ئۇ دېرىزىگە ئويچان تىكىلگەنچە ئاۋۋال ئۇزۇن《ئۇھ》تارتتى، كېيىن:
    -بۈگۈن ھاۋا ھەجەپ يامانغۇ؟-دېدى ھەسرەتلىك ئاۋازدا.
    يەنە نېمە دەركىن دەپ قاراپ تۇرسام، ئاشۇ خامۇشلىغىنىچە ئۈن دېمەي يەنە ئولتۇرۋالدى. ئەجەپ ھالەت، «جەھلىم چىقىپ تۇرغاندا ھاۋانى نېمە دەپ ئوتتۇرغا قويسەن؟» دېسەم بالىنىڭ  ئوبرازى سۇنىدۇ. ئۇ ياخشى بالا. ھەزىلگە ئايلاندۇرسام، سىنىپقا قىلغان شۇنچە كۆپ سىياسىتىم بىكار كېتىدۇ. شۇ چاغدا بالىلار ئارىسىدىن ئۆزۈمنىڭ ناھەق ئاچچىقلىنۋاتقانلىقىمنى ئاڭلىدىم. ئاخىرى ئۈزەمنى سەل بېسىپ ئاچچىقلىنمايغىنە:
    -نېمىسىنى دەيسەن، بۈگۈن ئېغىر كۈن بولدى. سىزلەرنى ھەم قىيناپ قويدۇم، كەچۈرۈڭلار،-دېدىم سىلىقلىق بىلەن. شۇ تەرزدە ئۆزۈمنى ھەم ئەيىبلەپ ھەم ئۆزۈمچە ئازاپ بىلەن تۇرىمەن. شىكايەت ئۈچ ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئىدى، قالغان يىگىرمە سەككىزدەك بالىدا نېمە گۇناھ؟  45مىنۇت داۋامىدا ئۇلارنىڭ كەيپىنى بۇزۇشقا نېمە ھەققىم بار؟ بۇ بالىغۇ بىغۇبارلىق بىلەن يۈرۈگىنىڭ سىقىلىشىنى دەۋالدى. ئەمما ،بىچارە ياشلارنىڭ ئازاپ بەرگۈچىسى بىز، ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتىرىگە چىداپ ياشايدۇ. بىز ئەقىللىق چوڭلار تاشتەك ئېغىر تەبىئىتىمىزنى كىچىككىنە نارسىدە جانلارغا يۈكلەپ ئۆتىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ؟ بۇ گەپ ئاتا-ئانىلارغا ھەم تېگىشلىكتۇر. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە ھەم دائىم ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ھالىتى، يۈرگىنىڭ كۆتۈرۈش-كۆتۈرۈلمەسلىگى بىلەن كارىمىز  يوق. بالا ھەم ھەمىشە خۇرسەن يۈرمەيدىغۇ؟ ئۇنى ھەم ئويلاندۇردىغان ئۆز دۇنياسى بار. شائىر ئابدۇللاھ ئارىپوفنىڭ بىر يازمىسىدا «ھەر بىر ئىنسان -بىر ۋەتەن، ئۇنىڭ چىگراسىنى بۇزۇپ كىرىۋېرىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق》دېيىلگەنىدى. مۇرەببى ئاشۇ ئىنسانلارنى ئاسراش ۋە پەرۋىشلەش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر.
      ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ «قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر» ناملىق روھىي ساغلاملىق دۇردانىلىرىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوقۇتقۇچى