كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-25 16:32:04

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىياڭ شياۋبو ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى مەيلى تەييارلىقىڭ بولسۇ

    كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى
    ياڭ شياۋبو
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     

       مەيلى تەييارلىقىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەننىۋا ئىش پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. قۇياش شەرقتىن چىقمايدىغان بولىدۇ، سەلتەنەتلىك كۈندۈز ۋە كېچە بولمايدۇ، بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت دېگەن ۋاقىتمۇ بولمايدۇ. سەن ساقلاپ كەلگەن ھەممە نەرسە، مەيلى ئۇ ئاجايىپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بولسۇن ياكى ئەستىن چىقىپ كەتكەن نەرسە بولسۇن، ھەممىسى باشقىلارغا قەپقالىدۇ.
    سېنىڭ بايلىقىڭ، نام-شۆھرىتىڭ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ھوقۇقۇڭ پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئېرىشكەنلىرىڭمۇ، قەزر بولۇپ قالغانلىرىڭمۇ تامامەن مۇھىم بولماي قالىدۇ.
    سېنىڭ ئۆچمەنلىكلىرىڭ، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىڭ ۋە ھەسەتخۇرلۇقلىرىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىدۇ. پۈتۈنلەي توختايدۇ. بىر زامانلاردا ئۆتكەن تەڭداشسىز زور ئۇتۇقلىرىڭ ۋە مەغلۇبىيەتلىرىڭ، ئالغان پايدا ۋە تارتقان زىيانلىرىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
    سېنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىڭ ۋە قانداق ياشاۋاتقانلىقلىرىڭمۇ مۇھىم بولماي قالىدۇ. ھۆسن-جامالىڭنىڭ گۈلدەك گۈزەل بولۇشىمۇ ياكى ئىستېداتىڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرۇشىمۇ مۇھىم بولماي قالىدۇ. جىنسىي پەرقىڭ، تېرەڭنىڭ رەڭگى، ئىرقىي پەرقىڭمۇ ئانچە مۇھىم بولماي قالىدۇ.
    ئەمدى قانداق نەرسىلىرىڭ مۇھىم بولۇپ قالىدۇ؟ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىقىڭنىڭ قىممىتى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟
    سېنىڭ سېتىۋالغانلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، ئىجاد قىلغانلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، بەخش ئەتكەنلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭ مۇھىم بولماستىن، قىممىتىڭ مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، ئۆگەتكەنلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
    ھەققانىيەت، خەيرىخاھلىق، قەيسەرلىك ۋە قۇربان بېرىش جەھەتتىكى تۇنجى قېتىمقى ھەرىكىتىڭ باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغان بولۇشى، قۇدرەت تاپقۇزالىشى ياكى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالىشى، ئۇلارنى سېنى ئۈلگە قىلىدىغان قىلالىشى مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ ئىقتىدارىڭ مۇھىم بولماستىن، خاراكتېرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ قانچىلىك ئادەم بىلەن تونۇشقانلىقىڭ مۇھىم بولماستىن، سەن كېتىپ قالغىنىڭدا بۇنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئىكەنلىكىنى قانچىلىك ئادەم ھېس قىلىپ قالغانلىقى مۇھىم بولىدۇ.
    سېنىڭ ئەستە قالدۇرۇشۇڭ مۇھىم بولماستىن، سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى مۇھىم بولىدۇ.
    سېنى باشقىلارنىڭ ئەسلەيدىغان ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشى مۇھىم بولىدۇ، سېنى كىملەرنىڭ ئەسلىشى مۇھىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سېنى نېمە ئۈچۈن ئەسلەيدىغانلىقى مۇھىم بولىدۇ.
    ھاياتىمىز تاسادىپەن بىرەر ئىش سەۋەبىدىن مۇھىم بولۇپ قالمىسۇن، مۇھىتنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇھىم بولۇپ قالمىسۇن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك قىلىشنى تاللىشىمىز كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.