ئۈچ تال ئالقات

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-02 14:35:19

ئۈچ تال ئالقاتئاپتۇرى : چېڭ خەيتەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىنمەن بىر ئۆسۈملۈكشۇناس .كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىمدا قانداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلغانلىقىم- تىرىشىپ ئوقۇغانلىرى...



     

    ئۈچ تال ئالقات

     


    ئاپتۇرى : چېڭ خەي
     
    تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن
     
     
    مەن بىر ئۆسۈملۈكشۇناس .

     كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىمدا قانداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلغانلىقىم- تىرىشىپ ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە سىرداشقۇسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تازا بىر كەپسىز « شەيتانچاق» ئىدىم .

    يۇرتىمىز تاغ باغرىدىكى كىچىككىنە بىر مەھەللىدە بولۇپ ، ئۇ يەردە تاغ ، تاغ سۇلىرى ، بولۇپمۇ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى جىلغا، ئورمان، خىلمۇ-خىل دەرەخلەر،  تىيىن، بۆجەنلەر بار ئىدى،  بىر خىل قوڭغۇز بار ئىدى ... بىز بۇ قوڭغۇزنى پارقىراق قوڭغۇز دەيتتۇق، قانىتىنىڭ تېشىدا ئىككى تال پارقىراق،يۇمىلاق قاسرىقى، قاسراق ئۈستىدە سېرىق سىزىقچىلار بولۇپ قارىماققا ئالتۇن قالقاندەك كۆرۈنەتتى، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ ياۋا تېرىق يوپۇرمىقى ئىچىگە كىرىۋالاتتى ، لېكىن مەن يەنىلا تېپىۋالاتتىم-دە ، ئاستاغىنە بېرىپ، يۇپۇرماق بىلەن قۇشۇپ «كاپلا» قىلىپ تۇتۇۋالاتتىم، ئۇ ئالقىنىمدا بىچارىلەرچە ۋىڭىلدايتتى ، ئەمما مەن ئانچە پەرۋا قىلمايتتىم، تىرنىقىم بىلەن يوپۇرماقتىن تۆشۈك تېشىپ قۇياتتىم ، تۆشۈكتىن قېچىشقا تەمشەلگەندە يەنە تۇتۇۋالاتتىم ... بۇ ئورمانلىق مىنىڭ باغچام بولۇپ قالغان ئىدى.

    كېيىن دادام مىنى مەجبۇرىي مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى . ھەر كۈنى تار، كىچىك پارتىدا كىتابتىكى ئىمىر-چىمىر خەتلەرگە قاراپ ئولتۇرۇۋېرىپ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتكەچكە ، پارتىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ئوينايتتىم، ھەر قېتىمدا مۇئەللىم كۆرۈپ قېلىپ قاتتىق تەنقىدلەيتتى .

    مەن ئورمانلىقنى ، تىيىنچاقنى بەكلا سېغىنغاچقا مەكتەپتىن قېچىپ، ئورمانلىققا كىرىپ كېپىنەك قوغلاپ ، قۇش تۇخۇمى ئوغىرلاشنى ئۆگىنىۋالدىم ... ئەپسۇس ، بۇ ئىشىمنى دادام بىلىپ قېلىپ قاتتىق بىر تەستەك سالدى، تەنقىد ۋە تەستەك يەپ، يۇۋاشلاپ، يەنە مەكتەپكە باردىم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئورمانلىقتىن ئۆتكەندە يەنە خۇيۇم تۇتتى.

    3- ئاي، باھار ئەمدىلا كىرگەن چاغ، ئورمانلىقتىكى ھەممە مەۋجۇدات كىشىنى مەپتۇن قىلغىدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن، قۇياشمۇ تال-تال نۇرلىرىنى سېخىيلارچە تاراتماقتا ... يۇغان بىر كېپىنەك پېشانەمگە سۈركىلىپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى، مەن قوغلىدىم ، سومكام كاسامغا «گۈپ-گۈپ» قىلىپ ئۇرۇلۇپ ، ئىچىدىكى دەپتەر، قەلەم ، ئۆچۈرگۈچلىرىم چۈشۈپ قالسىمۇ پەرۋاسىز قوغلاۋەردىم، كېپىنەك ئۇچۇپ-ئۇچۇپ بىر تۈپ مامكاپقا قوندى، ئەمدىلا تۇتاي دېيىشىمگە، ئالدىمدىكى چاتقاللىقتىن بىراۋنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالدىم-دە چۆچۈپ « بۇيەرگە مۈكۈۋالغىنى كىم بولغىيتتى ؟ داداممىدۇ ياكى مۇئەللىممىدۇ ؟ »  دېگەنلەرنى ئويلىدىم ، يۇغان بىر تۈپ تېرەكنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ ،قويۇق ئۆت- چۆپلەر ئارىسىدا ماراپ تۇردۇم .

    ھېلىقى كىشى ئاستا ئورنىدىن تۇردى، قىيىن دەرىخىدىن ياسالغان ھاسا تۇتقان قوللىرىدىن، مەيىن شامالدا تىترەپ تۇرغان تېنىدىنبىر تىرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغىنى «مانا-مەن» دەپ چىقىپلا تۇراتتى . كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، لەۋلىرى ئۈمچىيىپلا قالغان ئىدى .

    مەن ئەمدى ئۇنى تۇنۇۋالدىم-بۇ كىشى مۇشۇ مەھەللىمىزدىكى سەنشۇ تاغام ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئاڭلىشىمىزچە ئۇ سىرتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا پونكىتىدا ئىشلىگەن ، يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىپ باققان ئىكەن .

    ئۇ تېخى ئۈلۈشكۈن ئىدارىسىدىن مەھەللىمىزگە داۋالانغىلى كەپتۇ، ئۇ مىنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى، شۇ تاپتا ئۇ ئوڭ بېكىلىنى كۆتۈرۈپ، قۇلىنى ئاسمانغا سوزدى، قولىدا بىرتال گۈل بولۇپ قارىماققا بىر تال چىراغدەك، تاغام چىراغقا قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى.

    -- قوزام ، بۇياققا كەل .

    توساتتىن ئۇ مىنى چاقىرىپ قالدى، ئەسلىدە مىنى كۆرۈپ قاپتىكەندە.

    -- تاغا، نېمىگە قاراۋاتىسىز ؟

    -- گۈلگە .

    ئۇ يەنە شۇ گۈلگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى ، خىلى ئۇزۇنغىچە مەن بىلەن كارى بولمىدى، بىر ھازادىن كېيىن مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ :

    -- بۇ گۈلنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن ؟

    -- ياۋا پۇرچاق گۈلى، بۇنى كىم بىلمەيدۇ ؟

    مىيىقىدا كۈلۈپ « ئۇنىڭ قانچە تال گۈل بەرگىسى ، قانچە تال ئاتىلىقى بار ؟» دەپ سورىدى .

    بۇ گۈل ھەممە يەردە ئېچىلىدۇ ، قانچە قېتىملاپ دەسسەپ ئوينىغاندىمەن، شۇغىنىسى ھېچقاچان زەن سېلىپ  قاراپ باقماپتىمەن، تاغام بۇنى سورىغاندا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بېرەلمىدىم .

    -- تازىمۇ بىپەرۋا بالا بولۇپسەن .

    ئۇ كۈلۈمسىرىۋىدى، ئاپپاق چىشلىرى كۆرۈنۈپلا قالدى،«ھەي ... » دەپ ئېغىر خورسىنىپ «كىممۇ ئويلىغان، مۇنداق بۇلارىنى ؟ » دېدى-دە مىنى تارتىپ دەرەخ كۆتىگە ئولتۇرغۇزدى- قولىدىكى ياۋا گۈلنى ماڭا تۇتقۇزۇپ .

    -- سىنچىلاپ قارىغىن ، ۋاقىت قالمىدى .

    -- نېمە ؟

    ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ باشقىچە چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .

    -- ۋاقىت قالمىدى ...

    ئۇ بۇ گەپنى يەنە تەكرارلىدى .

    -- نېمىگە ۋاقىت قالمىدى ؟ -- دەپ سورىدىم كۆپ ئويلانمايلا .

    -- مەن بۇ گۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى كۆزەتكەن ،ھەر بىر يۇپۇرمىقىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە ئالتە تالدىن 12 تال تومۇرى بار ...

    سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرىدە باشقىچە بىر نۇر پەيدا بولدى، ئۇرۇقلۇقىدىن بىر بۆرتۈپ چىققان ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كەتتى.

    ھېلىقى يوپۇرماققا قارىسام دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن .

    -- مەن يەنە ، ئەمەن ، شىۋاق، يۆگىمەچ ، مامكاپ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ كۆزىتىپ باققان، ھەر قايسىسىنىڭ كىشىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئۆزىگە خاس سىر-مەخپىيەتلىكى بار ... ئەپسۇس ، مەن بەكمۇ كېچىكتىم .

    -- نېمىگە كېچىكتىڭىز ؟

    ئۇ يەنە خۇرسىنىپ ، ئورمانلىققا قاراپ كېتىپ قالدى.

    ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، دادام- ئاناملاردىن سەنشۇ تاغامنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ، ساناقلىقلا كۈنى قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم .

    تاغامنىڭ گۈللەرگە تويماي شۇنچە قاراپ كەتكىنىنىڭ ،«بەكمۇ كېچىكىپ قالدىم ...»   دېگەن گېپىنىڭ مەنىسىنى بىلگەندەك بولدۇم .

    سەكراتتىكى كىشى بۇ دۇنيادىن، ھەتتا ھەر بىر تۈپ دەرەخ، ھەر بىر تال گۈل- گىياھتىنمۇ مېھرىنى ئۈزۈلمەي قاراپ كېتىدىكەن ...

    بۇ مىنىڭ بالىلىقىمدا ھېس قىلغان كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ سىر ئىدى .

    يەكشەنبە، چۈشتىن كېيىن پۈتۈن ئورمانلىق ،  گۈل-گىياھلار، ئۆت-چۆپلەر تىپ- تىنىچ، ھەتتا سايراشقا ئامراق كىچىك توزلارمۇ چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك، ھەممەياق جىمجىت ، ئازراقمۇ ئۈن-تىۋىش يوق .

    سەنشۇ تاغام يەنە شۇ يەردە ، بىر دۆۋە ئۆت- چۆپ ئۈستىگە تاشلىنىپ يانپاشلاپ يېتىپتۇ . تۇرقىدىن ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەندەك بىلىنەتتى .

    مىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە يېنىمغا كەلدى، چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى، ئىككىمىز بايام ئۇ ياتقان يەرگە بېرىپ ئولتۇردۇق.

    تاغامنىڭ ئالدىدا توپىغا سىزىلغان ھەرخىل رەسىملەر، يەنى : مايماق سىزىلغان مۇنار، ئەگرى- بۈگرى سىزىلغان بىر دۆۋە كىتاب، دەرەخلەر ...ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا بىر تالدىن«0»  سىزىلغان.

    -- تاغا ،سىزغىنىڭىز نېمە بۇ ؟

    -- مەن .

    -- لېكىن سىزگە ئازراقمۇ ئوخشىماپتۇ .

    -- ئوخشايدۇ، ناھايىتى ئوخشايدۇ - دېدى ئۇ ،كۈلۈمسىرەپ، مۇنارنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ .

    -- مەن بالىلىق چاغلىرىمدا ، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بولۇشنى ئارزۇقىلدىم،لېكىن مۇرەككەپ فۇرمىلالاردىن زېرىكىپ، ۋازكەچتىم. بۇ بىر دۆۋە كىتابنىڭ رەسىمى -- مىنىڭ ئىككىنچى غايەم ، يازغۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، بىر قانچە پارچە ئەسەر يېزىپ ئەۋەتسەم، ھەممىسى قايتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن مەيۈسلىنىپ بۇ ئىشنىمۇ قىلغۇم كەلمىدى، بۇ بىر تۈپ دەرەخنىڭ رەسىمى - مىنىڭ ئۈچىنچى غايەم، ئۆسۈملۈكشۇناس بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم ، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش، كىلونلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇرەككەپ، مۇجىمەل بولغاچقا ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكتىم، تۆتىنچى غايەمنى تېخى تىكلەپ بولالمىدىم، تەقدىر ئەمدى ماڭا «بولدى قىل، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىڭ بولدى ...» دەۋاتىدۇ .

    -- بۇ يۇمىلاقنىڭ مەنىسى نېمە ؟

    --- بۇ مىنىڭ ھاياتىمنىڭ نەتىجىسى- ئۈچ دانە نۆل .

    -- ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىڭىز سىزنى تەنقىدلەيدىكەندە .

    -- مىنى تەنقىدلەيدىغان ئوقۇتقۇچى يوق. - سۇس كۈلۈمسىرىدى ئۇ .

    -- ئاۋۇ ياۋا پۇرچاق گۈلى مىنى خىجىل قىلىۋاتىدۇ . ئىلگىرى مەن بەكلا بىپەرۋالىق قىلىپتىمەن، ئۇلارنى چۈشەنمەپتىمەن .

    مەن قاراپ تۇرۇپ كەتتىم، نېمىشقىكىن ، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى .

    كەچ كىرىپ كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغان چاغ، دەل-دەرەخلەر كەينىدىكى قىزىل قۇياش ماشىنا چاقىدەك دومىلاپ ھازىرلا تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى .

    بۇ مەنزىرىگە قاراپ، سەنشۇ تاغام خۇددى قۇياشنى تۇتۇۋالماقچى بولغاندەك ،ئۇرۇق قوللىرىنى ئالدىغا سوزۇپ «قۇياش !» دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى .

    -- قۇياشنى تۇتۇۋالغىلى بولامدۇ ؟ - سورىدىم مەن گۆدەكلەرچە .

    -- بولىدۇ، ئىلگىرى ئۇ ئۈستۈمدە نەچچە مىڭ قېتىملاپ توختىسىمۇ ، مەن تۇتماپتىمەن .

    -- قۇياشتا ئوت بار ، ئۇنى تۇتسا قول كۆيىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟

    -- شۇنداق، ئازراق قىزىق، لېكىن چىدىساڭ تۇتالايسەن، تۇتۇپلا ئالساڭ، ئۇ يۇپ-يۇمىلاق ئالتۇن تەخسىگە ئايلىنىدۇ، ئىچىدە ھەرخىل گۆھەرلەر بار،قۇياش نۇرى مۇشۇ گۆھەرلەردىن تارقالغاچقا شۇنچە يۇرۇق بولىدۇ .- دېدى دە توساتتىن مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، يۈزۈمنى چىمدىدى، ئاغرىقتىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم . ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك :

    -- بۇمۇ بىر قۇياش،  بۇمۇ بىر قۇياش.- دېۋىدى، قورقۇپ قېچىپ كەتتىم.

     كۈز، ھەممە ياق ئالتۇن رەڭگە كىردى، سەنشۇ تاغام ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنى يوقلاپ بېرىپتۇ، ھەتتا -دادام ئاناملارمۇ بېرىپ يوقلاپ كەلدى، لېكىن مەن بارمىدىم، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى غېرىب- بىچارە ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم .

    ئەمما ئۇ مىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، دادامدىن ئۈچ تال ئالقاتنى سوۋغات قىلىپ ئەۋەتىپتۇ، بەلكىم بۇ، سەنشۇ تاغامنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى تېپىشمىقى بولسا كېرەك . پەرىزىمچە ، بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىش بەلگىسى،  ئۈچ دانە ھەسرەتلىك «0» بولسا كېرەك .

    بىراق  «0» يەنە ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى .

    شۇڭا مەن بۇ ئۈچ «0» نى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تىرىشتىم، 1،2،3 ... ھەتتا ئەڭ مۇرەككەپ ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەندىم .

    مەن ئۆسۈملۈكشۇناس بولغاندا ، دادام «بۇ مىنىڭ سىنى بىر تەستەك سالغىنىمنىڭ نەتىجىسى » دەپ قارىدى .

    ئۇنىڭچە «كالا-قوي ئۆلۈمدىن، ئادەم تاياقتىن قورقارمىش .»

    ئەمەلىيەتتە دادامنىڭ بىر تەستىكى پەقەت يۈز تېرەمنى ئازراقلا زىدە قىلالىدى، مىنى ھەقىقىي بويسۇندۇرغىنى ھايات مەنىسىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئۈچ تال ئالقات  ئىدى . 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.