ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرڭ

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-09 23:39:00

ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرڭ ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، جانلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئېرىشكىلى ۋە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى ھاسىل قى...

    ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرڭ

          ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، جانلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئېرىشكىلى ۋە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. 

          سىز ساغلام، كۈچلۈك بەدەنگە ئىگىمۇ؟ ياكى سالامەتلىكىڭىز تازا دېگەندەك ئەمەس، كۈچ - قۇۋۋىتىڭىز كەمچىلىك بولۇپ، ئاسانلا ھېرىپ - چارچامسىز؟ بۇ يەردە دېيىلگەنلەر يېمەكلىك بىلەن كېسەل داۋالاش ياكى ھەرىكەت بىلەن كېسەل داۋالاش ئەمەس، مەن دوختۇر ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ تونۇشتۇردىغانلىرىم تېببىي ساۋاتلارمۇ ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم ھەر كۈنى ساغلام، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالدا ياشاشتىكى تۇرمۇش شەكلى! بۇ ئۇسۇللار پەقەت قەغەز يۈزىدىلا دېيىلگەن گەپلەر بولماي، بەلكى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىم. مەن تەنھەرىكەتچى ئەمەس، تېنىم ئانچىلىك بەك قاۋۇلمۇ ئەمەس، ئەمما سالامەتلىك ئەھۋالىم ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. كۈچ - قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇ كەمگىچە جىسمانىي كۈچۈمدىن قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى. مېنىڭ بۇنداق ساغلام، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇشۇم تۇرمۇشتىكى «روھىي قائىدە» ۋە دىنىي دەستۇرلاردا ئېيتىلغان «مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت» كە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىمدە! بۇ قانۇنىيەتلەر ماڭا ياردەم بەردى، مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن دائىم ياخشى، ساغلام تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئېتىقادقا ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۈگۈنكى كۈندە ئالدىنقى قاتاردىكى دوختۇرلارمۇ ئېتىقاد ئاساسى مۇھىم ئامىل دەپ قارىماقتا. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدىغىنى دوكتور خېربېرت.مىنسوننىڭ ماقالىسى: «مەن دىن ياكى پەلسەپەنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىم ئىلىم - پەن ئارقىلىق كۆزىتىپ ئېرىشكەن، ئېتىقاد شەكىللەندۈرگەن ئۈنۈم ۋە ھادىسە. ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئېتىقادقا پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئىخلاس قىلغانلار تۆۋەندىكى ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيدۇ:

        1. باش ئاغرىيدىغان ئەھۋال تۈگەيدۇ. يۈرەك كېسىلىنىڭ ئازابى يېنىكلەيدۇ(ئادەتتە، كۈچلۈك ئېتىقادقا ئىگە بولسا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئازابىنى %80 يېنىكلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ) .

        3. ئىجادچانلىقنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ بەزى «روھىي توسالغۇغا ئۇچراش» ئەھۋاللىرىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولىدۇ.

        4. ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

        5. نەپەس ئېلىش قىيىن بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

        6. تۆۋەن قان بېسىمى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

        7 . راك كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

        8. قورقۇش روھىي ھالىتىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

        9. خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

      10.كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، قىزىققانلىق قاتارلىق كېسەللەرنى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق كېسىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

        11.روھىي بېسىمنى ئازايتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، چوقۇم شانلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئېتىقادنى ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرغاندا، ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. «پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ»دىن ئېلىندى ئاپتورى: رومان.

      پېيىر (ئامېرىكا) تەرجىمە قىلغۇچى: شۆھرەت مۇھەممىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق