بىر ئىستاكان چاي

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-13 10:08:19

چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمى-قېيىن ئانىدۇر. ئاچچىقى كېلىپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا دىققەت قىلىنمىغاندا تېشىپ كېتىدۇ.

     \
     

    بىر ئىستاكان چاي
     
    (تەرجىمە ئەسەر)

        چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمى-قېيىن ئانىدۇر. ئاچچىقى كېلىپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا دىققەت قىلىنمىغاندا تېشىپ كېتىدۇ.
        چەينەكنىڭ ئۈستى قىسمى-كېلىندۇر. ئاستى قىسمى قاينىغانچە ئۇنىڭ ھارارىتى ئاشىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاي تاۋلىنىپ، ياخشى دەملىنىشكە باشلايدۇ.
        ئىستاكان-كېلىننىڭ يولدىشىدۇر، چەينەكنىڭ ھەر ئىككى قىسمىدىن يېتەرلىك نېسىۋىنى ئالىدۇ. بىر قىسمىنى قېيىن ئانىسى تولدۇرىدۇ، بىر قىسمىنى كېلىن. بۇ سەۋەب تۈپەيلى دەنگە (تەڭپۇڭلۇق) بەك مۇھىمدۇر. چاينىڭ سۇس ياكى قېرىق بولۇشىمۇ بۇنىڭدىندۇر.
        چاينىڭ شېكىرى. چاينىڭ شېكىرى بولسا بالىلاردۇر، تەم كىرگۈزەر، ئەمما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە چاينىڭ لەززىتىنى بۇزىدۇ. شېكەرسىز چايغا ئۆگۈنۈپ قالغانلارغا بولسا بىرسمۇ ئارتۇق كېلىدۇ.
        چاي قوشۇقى. چاي قوشۇقى بولسا، ئەرنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىدۇر. ئارىلاپ-ئارىلاپ كېلىدۇ، قوچۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، ئىگىز-پەس قىلىۋېتىپ كېتىدۇ.
        قېيىن ئاتىغا كەلسەك: ئىستاكاننىڭ ئاستىدىكى چاي تەخسىسىدۇر. چاينىڭ سۈيىگە، چېيىغا ھېچ ئارىلاشماس. بىر تەرەپتە ئولتۇرار. پەقەتلا تۈكۈلگەن چايلارنىڭ ئەتراپقا ئېقىپ، زىيان كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما ئارىلاپ-ئارىلاپ بوشۇتۇپ تۇرۇش لازىم. بولمىسا تېشىپ، ھەممە ئىشنى بۇزار.
        چاي سۈزگۈچى: ئائىلىنىڭ قولىدىكى ئەھمىيەت بېرىدىغان نەرسىلەردۇر. ئائىلىنى سىرىتتىن كېلىدىغان ھەر خىل خەتەرلەردىن قوغدار. ئەگەر تۈشۈكلىرى چوڭ بولۇپ قالسا، چاينىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ.
        چاينى قايناتقان ئوت بولسا: مېھرى-مۇھەببەتتۇر. ئۇ بولماي تۇرۇپ، ئائىلە ئىچىدە مېھرى-مۇھەببەت بولماس.
        قىسقىسى، بىر ئىستاكان چاي ئائىلىدۇر. ئۆز تەمى بىلەن ئىچىلگەن بىر ئىستاكان چاينىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان نەرسە يوقتۇر.
     
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.