جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-19 18:28:40

دۇنيادىكى بەزىبىر كۈلپەت-دىشۋارچىلىقلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بەزى كىشىلەر تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ، ئىسسىنغۇدەك پاناھ جاي تاپالمايدۇ، شۇ سەۋەب ياشاشتىنمۇ ئۈمىد ئۈزۈلىدۇ.


    جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكى

    لابۇلۇيېر [فرانسىيە]
    راھىلە نوردۇن تەرجىمىسى
     
    دۇنيادىكى بەزىبىر كۈلپەت-دىشۋارچىلىقلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بەزى كىشىلەر تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ، ئىسسىنغۇدەك پاناھ جاي تاپالمايدۇ، شۇ سەۋەب ياشاشتىنمۇ ئۈمىد ئۈزۈلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر يېڭى پىشقان مېۋىلەرنى يېيەلەيدۇ، ئۇلار تەبىئەت ۋە مەۋسۇم قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ ھالدا مېۋە يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، خۇمارىنى بېسىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزى ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى باي بولغانلىقى ئۈچۈنلا يۈز ئائىلىنىڭ تاماق پۇلىغا بىر تەخسە قورۇمىنى بۇيرۇتۇشقا پېتىنالايدۇ. كىم بۇ خىل ئۇچچىغا چىققان ئەخمىقانە ھادىسىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنى خالىسا، شۇ كۈرەش قىلسۇن. ئەگەر مۇمكىن بولسا، مەن تەلەيسىزلەردىن بولغۇم يوق، يەنە تەلەيلىكلەردىنمۇ بولغۇم يوق. ئەل قاتارى ياشىسام، ماڭا شۇ كۇپايە.
    كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كۈلپەتلەرگە قارىتا، كىشىلەر ئۆز بەختىدىن نومۇس ھېس قىلىدۇ.
    بىز ئېتىزلاردا قورۇنۇپ يۈرگەن «ھايۋانلار» نى ئۇچرىتىمىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىشىلىرىمۇ، ئەركەكلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ تېرىلىرىمۇ قارا ياكى كۈل رەڭدە بولۇپ، قۇياشنىڭ تەپتىدە پارقىراپ كەتكەنىدى. ئۇلار ھارغىن تېنىنى سۆرەپ يەر ئاغدۇراتتى، توپا يۇمشىتاتتى، گويا ئۇلار شۇ تۇپراققا باغلانغاندەكلا. ئۇلار گەپ قىلالايدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنداق چۈنكى ئۇلار ئادەم. كەچقۇرۇنلۇقى ئۇلار تولىمۇ ۋەيرانە كۈلبىسىگە قايتىدۇ، قارا بولكا، سۇ ۋە تۇرۇپ بىلەن قورسىقىنى ئەستەرلەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلارنى ئۇرۇق تېرىش، يەر ھەيدەش-ئوتاش ۋە ھوسۇل ئېلىشتىكى تۈرلۈك جاپالاردىن ئازاد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى تېرىغان ھوسۇلدىن ئېرىشكەن بولكىغا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق.
    ئەگەر تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى خىل ئادەمنىڭ تەقدىرىنى-چوڭ ئەرباب بىلەن ئاۋام پۇقرانىڭ تەقدىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، كېيىنكىسى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان، ئالدىنقىسى بولسا ئاچ كۆز، ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا ئاچ كۆز. بىرى تۇغۇلىشى بىلەنلا پايدىلىق ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يەنە بىرىدە كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يامان غەرەز يوشۇرۇنغان. ئالدىنقىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاددي-ساددا قوپاللىق ۋە تۈز كۆڭۈللۈك بولسا، كېيىنكىسىنىڭ ئەدەپلىك، سىلىق-سىپايە تاشقى قىياپىتى ئىچىگە قۇۋلۇق-شۇملۇق ۋە چىرىكلەشكەن جاھاندارچىلىق يوللىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. پۇقرالار ئەقىل پاراسەتلىك بولمايدۇ، ئەمما چوڭ ئەربابلاردا ۋىجدان بولمايدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ كۆرۈمسىز بولسىمۇ، ماھىيىتى ئاق كۆڭۈل، ئاددىي-ساددا، كېيىنكىسىنىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال. چوقۇم تاللاش كېرەك بولسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئاۋام پۇقرا بولۇشنى تاللايمەن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جەمئىيەت باي پۇقرا