مەڭگۈلۈك ۋاشىنگتون

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:40:36

مەڭگۈلۈك ۋاشىنگتون(مۇنارجان تەرجىمىسى) ئامېرىكىدا تارىخىدا ۋاشىنگوتون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇلۇغ نەمۇنە ۋە مەنىۋى ئۈلگىلەرنى ئېچىپ بەرگەن ئادەملەر ھېسابلى...

    مەڭگۈلۈك ۋاشىنگتون

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      ئامېرىكىدا تارىخىدا ۋاشىنگوتون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇلۇغ نەمۇنە ۋە مەنىۋى ئۈلگىلەرنى ئېچىپ بەرگەن ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ.

    يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىپتىدائىي شەكلى كۆپ ھاللاردا ئەڭ بالدۇر «دۆلەت ئاتىسى» نىڭ ئېتقادى ۋە تەپەككۇرىدا ئەكىش ئېتىدۇ. ئادەتتىكى مىللىي ئازادلىق قائىدىسى بويىچە ئېيىتقاندا، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئەڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا ئىگە، تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئادەم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى ئادەملا بۇ ئورۇنغا مۇناسىپ كېلىدۇ. بۇ ئادەم شەكسىزكى، ئامېرىكا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەرنىڭ باش لامچىسى بولغان جورجى ۋاشىنگتون.

    ئۇنداقتا، دۆلەت قۇرۇلغاننىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا شۆھرىتى زور بۇ گېنېرال ئاسانلا قولغا كېلىدىغان ئەڭ ئالىي ھوقوق ۋە خەلقنىڭ قوللىشى ئالدىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇرۇشتا جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كۈرەش قىلغان تۆھپىكار ئەزىمەتلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئامېرىكىدا ئەينى چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئۇرۇشۇش، قىرغىنچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى تىنچ شارائىتتا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىدى، زور كۆلەملىك ھەربىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارمىيىنى قانداق قىلغاندا دۆلەتكە ھەقىقىي پايدىلىق تىنچ ۋە مۇقىم، ئىچكى سىياسىي كۈچلەردىن خالىي بىخەتەر كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ يامان سۈپەتلىك سىياسىي ۋە مۇستەبىتلىك تراگېدىيىسىدىن ساقلىنىشتا ئەڭ چوڭ ھالقا بولالامدۇ؟

    مۇشۇنداق بىر زور تارىخىي پەيىتتە، ۋاشىنگتون ئۆزىنى تولىمۇ سالماق تۇتتى. ئۇنىڭغا مەلۇم، ئۇلار ئەمدى ئۆيىگە قايتىشى كېرەك! لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكى ئازاب ۋە خىجىللىق بىلەن تولغان: دۆلەتنى قۇتۇلدۇرغان بۇ جەڭگىۋار قوشۇن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھىچقانداق ھەققە ئېرىشمىگەن، دۆلەت مالىيىسى بولسا قۇرۇقدىلىپ قالغانىدى. ھەربىي تەمىناتنى تارقىتالمايۋاتقان ئەھۋالدا، ئورۇنلىشىش پۇلى، پىنسىيە پۇلى دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىك ئىدى، ئۇنى ئېغىزدىن چىقارماقمۇ بىر گەپ ئىدى.

    ۋاشىنگتون بۇ ئىشنى قىلالىدى. ئۇنىڭ ھازىر قولىدىن كېلىدىغىنى، ئۆزى سەككىز يىل قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا توپلىغان بارلىق ئىناۋەت ۋە شان-شۆھرىتى بىلەن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈشنى تىلەش ئىدى. شۇ كۈنى ئۇ كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقتى. ئۇ ئاخىر تولىمۇ تەستە ئېغىز ئاچتى:

    -دۆلەت سىلەرنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يامان نىيىتى يوق، لېكىن دۆلەتتە پۇل يوق... سىلەر ئىلگىرى قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئەمدى بۈگۈندىن باشلاپ، ياخشى بىر گراژدان بولۇشنى ئۆگىنىشڭلار كېرەك...

    شۇنداق قىلىپ، ئىلغا بىر ئىدىيە مانا مۇشۇنداق تنىچلىق ئىچىدە ئەمەلىيلەشتى.

    ۋاشىنگتون ئۆزىمۇ ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش «ياخشى بىر گراژدان بولۇشنى ئۆگىنىش» قارارىغا كەلدى. «مەن ھازىر ئۇرۇش ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولدۇم، ئەمدى بۇ ئۇلۇغ سەھنىدىن چىكىنىپ چىقىمەن ھەمدە پارلامېنت بىلەن خوشلىشىمەن. مەن ئۇنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل كۈرەش قىلدىم...ئەمدى تەيىنلىنىش ھوقوقىنى تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىمەن.»

    شەخس، ھوقوق، ھەربي قوشۇن، ھۆكۈمەت دۆلەت... سىياسىي پرامىدانىڭ ئەتراپىدا باشتىن-ئاخىر ئېنىق بولماي ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ مەسىلىلەر ۋاشىنگتوننىڭ يۈرەكلىكلىكى ۋە ئاجايىپ گۈزەل يېڭى تەپەككۇرنىڭ تۈرتكىسىدە ئېنىق بولۇپ كەتتى.

    بۇنىڭدا كېيىنكىلەر بىر نەرسىنى مەڭگۈ ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك: بارلىق ھوقۇقنى خۇدا ۋە خەلق بېرىدۇ؛ قورالنىڭ پاكلىقى ئۇنىڭ پەقەت دۆلەتنىڭ ۋە گراژدانلارنىڭ بەختىنى قوغداشتا؛ ھەربىي قوشۇن ھەرگىزمۇ شەخس ياكى كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكى ئەمەس. گراژدانلار جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پەقەت دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ، ئىچكى سىياسى ئىشلارغا ئىشلتىلمەيدۇ؛ داھىي بولغان ئادەم ئالدى بىلەن لاياقەتلىك گراژدان بولۇشى، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ھەرۋاقىت ئاۋاز قوشۇشى كېرەك، ھوقوق بولسا باسقۇچلۇق ۋەزىپىنىڭ ئورۇنلىنىشى بىلەن ۋاقتىدا توختايدۇ. مۇتلەق ھوقوق بىر خىل چىرىكلىك. توختاپ قالغان ھوقوق بىر جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىمۇ توختىتىپ قويىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا، ھوقوق ئىگىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنى ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل-مۇۋاپىق پەيتتە ھوقوقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

    ئىنسانيەت تارىخىدا كاتتا شەخىسلەرنىڭ نامى ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن ۋاقىت، ھەقىقەتەن ۋە ئەخلاقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغانلىرى ساناقلىقلا. ھاياتلىقتىكى بىر شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاشىنگتون، پاك سەمىمىي، دانالىقى بىلەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆچمەس نام قالدۇرۇپ كەتتى.

    ئېلبېرت خۇببارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ____ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.