ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 18:47:25

ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى مۇزلىغان چاغلىرىڭدا ئۇ بىر باھار . ئىسسىغان چاغلىرىڭدا ئۇ سەلكىن شامال . ئۇ خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنىپ تاپماي سىنى سۆيۈپ تۇرىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ قولىدىكى زۇلپ...

      ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى

     

    مۇزلىغان چاغلىرىڭدا ئۇ بىر باھار . ئىسسىغان چاغلىرىڭدا ئۇ سەلكىن شامال . ئۇ خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنىپ تاپماي سىنى سۆيۈپ تۇرىدۇ.
        ئوغۇزخاننىڭ قولىدىكى زۇلپىقارنى تۆمۈرچى سوققان ، نوھنىڭ كىمىسىنى ياغاچچى ياسىغان ، چىڭگىزخاننىڭ ئوقياسىنىمۇ ھۈنەرۋەن تەييارلىغان . ئۇلار دۇنياغا ئاتامان بولۇپ شانۇ – شەۋكەتلىك ئالتۇن تەخىتكە ئولتۇرغاندا ، تۇنجى بولۇپ ئەسلىگىنى ئاتا- ئانا .
        بىلەمسەن ئاتىنىڭ قەلبى ئازاپلانسا ، زىمىن كۆزىدىن قان ئاقىدۇ ، ئانا ياش تۆكسە ، ئاسمان ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ.
    دۇنيانىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە يىپنىڭ بىر ئۇچى ئاتىنىڭ قولىدا ، يەنە بىر ئۇچى ئانىنىڭ قولىدا بولىدۇ . يىپنىڭ ئۈزۈلىشى «قىيامەت» نىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
       ئۇ ئاتىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بۆشىكىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنىڭ چىھرىدە نامايەن بولدى ؛ ئۇ ئانىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قىش قۇچىقىدا خىرامان ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئويغاتتى.
        بەخىت توغرىسىدا سۆزلىگەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن . بىراق ئۇلار بەخىتكە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بىرەلىگىنى يوق، ئەگەر ئۇلار كۆرسىتىپ بېرەلىگەندە ، يۇمران بالىلار بىھۇدە يىتىم بولماس ئىدى . كوچىدا بۇردا نانغا زار بولغان تەلەيسىز بالىنىڭ گۆھەر كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش سىرغىماس ئىدى .
    كۆكرىگىگە ئوق تەككەن تۇپراقنىڭ ئۈنسىز قايغۇسىنى دېڭىز دولقۇنلىرى سۆزلەيدۇ ، يارىلانغان قۇشنىڭ كۆز يىشى دەرەخ يۇپۇرماقلىرىدا جىلۋە قىلىدۇ، ناۋادا بىر قۇش دەرىخىڭگە قونۇپ ناۋا قىلىپ بەرسە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا ؛ سەمىمى بىر ئادەم ئىىشىكىڭ ئالدىدا سالام قىلىپ ئۆتسە، ئۇنىڭغا ئىززەت – ئىكرامىڭنى بەر . بىلگىنكى ،ياخشىلىق زىمىننىڭ مول بايلىقى.
       ناۋادا مەن زىمىستان قىش، قار – مۇز ئىچىدە زۇلمەت كېچە قاباھەتلىك چۈش قوينىدا تۇرۇپ قالساممۇ، يەنىلا ھايات تۇرالايمەن، چۈنكى مەندە بۈيۈك ئېتىقاد ، ئىشەنچ ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز سۆيگۈ – مۇھەببەت بار بەزىدە شاد- خۇراملىققا قارىغاندا قىيىنچىلىق ۋە ئازاپلىنىش كىشىنى كۆپرەك ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشتۈرۈپ قويىدۇ،.

    قورام تاشنىڭ يۈرىكىدىن بۇلدۇقلاپ چىققان زۇمرەت سۇ دېھقاننىڭ ئېتىزىنى سۆيۈپ ئارمىنىغا يىتىدۇ، يادىن ئېتىلغان ئوقنىڭمۇ نىشانى بار. بىر سۆزۈم بار : ئەي ئوغۇل خاتىرجەم ياشاي دىسەڭ ئاتا- ئانا روھىغا داغ تەككۈزمە . بىلەمسەن ؟ يۈرەككە قورۇق چۈشمەيدۇ، ۋاھالەنكى يۈرەككە دەز كەتسە يەملىگىلى بولمايدۇ. ھايات مۇساپىسىدە ئۆزۈڭنى ئەڭ لىللا چۈشىنىدىغان، ئۆزۈڭنى ئەڭ پاكىز سۆيىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭدۇر؛ ئاتا سەن ئۈچۈن مەدەتكار، ئانا سەن ئۈچۈن مىھرىبان پەرىشتە، پەقەت ئۆزۈڭگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچ ، ساناقسىز تىرىشچانلىقلا سىنى ھەممىگە ئىرىشتۈرىدۇ، شۇندىلا سەن سامادىكى قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇيەسسەر بولالايسەن .
      سەن ئۆز چىرىقىڭنى قوغدا، قاراڭغۇلۇقتا قالمايسەن. ئاتا - ئانا بىر ۋەتەن ئۇنى سۆي ، ئۇ سىنى قوغدايدۇ ؛ ئاتا- ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى ، ئۆچمەس مەشئەل ،ئۇ سىنىڭ يولۇڭغا مەڭگۈلۈك نۇر بىرىدۇ.

     

    مەنبە: ۋارسلار مۇنازىرىسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.