زەھەرلىك يىلان

يوللىغۇچى : kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-13 00:26:04

زەھەرلىك يىلانبىر كۈنى، مەن بىر يىلان تۇتقۇچى مۇتەخەسسىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن:- زەھەرلىك يىلان نېمە ئۈچۈن زەھەرسىز يىلاندىن قىممەت بولىدۇ؟-دەپ سورىدىم.- زەھەرلىك يېلاننىڭ دورىلىق قېممىتى ز...

    زەھەرلىك يىلان


    بىر كۈنى، مەن بىر يىلان تۇتقۇچى مۇتەخەسسىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن:

    - زەھەرلىك يىلان نېمە ئۈچۈن زەھەرسىز يىلاندىن قىممەت بولىدۇ؟-دەپ سورىدىم.

    - زەھەرلىك يېلاننىڭ دورىلىق قېممىتى زەھەرسىز يىلانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ زەھەرلىك يىلان ئاز ئۇچرايدۇ...

    - يىلان تۇرىدىكىلارنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك يىلان كۈچتۈڭگۈرلەردىن ھېسابلانغاچقا، زەھەرسىز يىلانغا قارىغاندا ياشاش ئىمكانىيتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەكىسچە سانى نېمىشقا ئاز بولىدۇ؟-دېدىم مەن چۈشەنمەي.

    - يىلاننىڭ زەھەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارىسىلا كۇپايە. ئادەمنى كۆرۈپلا قاچقىنى ئادەتتە زەھىرى يوق يىلان؛ ئەكىسچە ئادەمنى كۆرۈپلا قاچماي ھۇجۇم قىلغىنى زەھەرلىك يىلان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ «زەھەر» دىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالى بولغاچقىلا تايانچىم بار دەپ ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ خالىغانچە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىۋېرىدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا، ئۆزىنى يۇشۇرۇشنى ئەمەس بەلكى ھۇجۇم قىلىشنى ياىشى كۆرىدۇ ۋە خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىپ ھەممە جايدا ئۆزىگە دۈشمەن تېپېۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىغا، ئۆچ ئېلىشىغا، كۆرگەنلا يەردە تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈشىگە سەۋەپچى بولىدۇ... ھازىر زەھەرلىك يىلانلارنىڭ سانى بارغانچە ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ.. ھەتتا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

    باشقىلارغا يامانلىق قىلىش قارىماققا باشقىلاغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە نابۇت بولىدىغىنى دەل ئۆزىدۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زەھەرلىك يىلان