نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئەسلى تىكىستى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 08:57:26

نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئەسلى تىكىستىنوبېل(سىۋېتسىيە)مەن -ئىمزا قويغۇچى ئالفرېد بۇخارېد نوبېل ، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى جاكارلايمەنكى ، تۆۋەندىكى قۇرلار مىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى ...



    نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئەسلى تىكىستى
    نوبېل(سىۋېتسىيە)

     



    مەن -ئىمزا قويغۇچى ئالفرېد بۇخارېد نوبېل ، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى جاكارلايمەنكى ، تۆۋەندىكى قۇرلار مىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى قەپقالغان مال – مۈلۈكلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىشغا دائىر ۋەسىيەتنامەمدۇر .
    مەن ۋەسىيەتنامەمنى ئىجرا قىلغۇچىدىن قىپقالغان مال-مۈلكىمنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن :
    يۇقۇرقى مال-مۈلكۈم نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇلسۇن ، ئاندىن بىخەتەر ، ئىشەنىچلىك جايلارغا مەبلەخ قىلىپ سىلىنسۇن ؛ مۇشۇ مەبلەخ بىلەن بىر فوندى جەمىيەت قۇرۇلسۇن ، فوندتىن كىلىپ چىققان ئۆسۈم بىلەن ھەر يىلى ئالدىنقى بىر يىلدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئادەملەر مۇكاپاتلانسۇن ، مەزكۇر ئۆسۈم بەش ئۈلۈشكە ئايرىلسۇن ، تەقسىملىنىشى مۇنداق بولسۇن ؛


    بىر ئۈلىشى فىزىكا ساھەسىدە زور بايقاش ئىلىپ بارغان ياكى زور كەشپىيات قازانغانلارغا بىرىلسۇن ؛
    بىر ئۈلىشى خىمىيە ئىلمىدا  زور بايقاش ئىلىپ بارغان ياكى يىڭىلىق ياراتقانلارغا بىرىلسۇن ؛
    بىر ئۈلىشى فىزئىلوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە زور بايقاش ئىلىپ بارغۇچىلارغا بىرىلسۇن ؛
    بىر ئۈلىشى ئەدەبىيات ساھەسىدە غايىۋىلىككە ياتىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغۇچىلارغا بىرىلسۇن ؛
    ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۈلىشى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە دوسلۇقنى ئىلگىرى سۈرگەن ، مۇتىزىم قوشۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى بىكار قىلغان ، شۇنىڭدەك تىنچلىق يىغىنىنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىغا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياكى زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بىرىلسۇن .


    فىزىكا مۇكاپاتى بىلەن خىمىيە مۇكاپاتىنى ستوكخولم شىۋېتسىيە خانجەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارقاتسۇن ؛ مىدىتسىنابىلەن فىزئىلوگىيە مۇكاپاتىنى ستوكخولم كارولىن تىببى ئىنىستىتۇتى تارقاتسۇن ؛ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكخولم ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى تارقاتسۇن ؛ تىنىچلىق مۇكاپاتىنى نورۋىگىيە پارلامېنت سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بەش كىشلىك كومىتېت تارقاتسۇن .


    مۇكاپاتقا ئىرىشىشكە تىگىشلىك نامزاتلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىتا ئارتۇقچە ئويلىنىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ . بۇ دىگەنلىك مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، مەيلى سىكاندىناۋىيەلىك بولسۇن ، كىمنىڭ شارائىتى توشسا شۇ مۇكاپاتلانسا بولىدۇ ، دىگەنلىكتۇر . مەن يەنە شۇنى جاكارلايمەنكى مۇشۇنداق مۇكاپات تارقىتىش مىنىڭ زور ئارزۇيىمدۇر .....


    بۇ مىنىڭ بىردىنبىر ئىناۋەتلىك ۋەسىيەتنامەم . مەن ئۆلگەندىن كىيىن ، مال – مۈلكىمنى بىر تەرەپ قىلىشغا دائىر ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر ۋەسىيەتنامە بايقالسا بىردەك ئىناۋەتسىز .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.