21-ئەسىردىكى تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-21 12:13:00

21-ئەسىردىكى تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى ئ ىلگىرى تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى 1.كومپىيۇتېرنى بىمالالئىشلىتەلەيدىغان بولۇش2.ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان بولۇش 3. ئەنگىلىزچە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش ...

      21-ئەسىردىكى تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى
     ئ ىلگىرى تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى 1.كومپىيۇتېرنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش 2.ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان بولۇش 3. ئەنگىلىزچە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش 4.قانۇن بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش، 5. ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش  دەپ كۆرگەن ئىدىم . 
        ئىپادىلەش ئىقتىدارى بىر ئادەمنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر ئىقتىدارىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم  كۆرسەتكۈچ بىراق ھەممىلا ئادەمدە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى ناتايىن، مەن بىلىدىغان نۇرغۇن زىيالىلار پەقەت سۆزلىيەلمەيدۇ، ھەتتا بىرەرە سائەت سۆزلىسە نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. قارىغاندا بۇ ئىقتىدار پەقەت دۇنيادا ئەڭ كەم بولۇۋاتقان مۇستەقىل ياشاش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا كېرەك.

        ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئانا تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى بەك مۇھىم بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى بالىلاردا كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىجادى پىكىر قىلىپ يېزىشقا قېرىق بولۇش تۈپەيلى بۇنداق ئىقتىدارى بارلارنىڭ نىسبىتى بەك تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم مەنچە يۇقارقى «تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆلچىمى» گە كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان،  ئىجادى پىكىر قىلىپ يازالايدىغان بولۇشى كېرەك دىگەننى قوشۇپ قويسا بولغۇدەك...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق