ۋىناسچە ئىستىراتىگىيە ( ئاياللارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشلىرىنىڭ سىرى)

يوللىغۇچى : Rose يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-16 12:33:05

ئاياللارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشلىرىنىڭ سىرى 1. نۇرغۇن ئاياللار بىر يەرگە كەلسىلا ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا دەرد تۆكۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، بۇ بەكمۇ پاسسىپ ...

    ئاياللارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشلىرىنىڭ سىرى

     1. نۇرغۇن ئاياللار بىر يەرگە كەلسىلا ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا دەرد تۆكۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، بۇ بەكمۇ پاسسىپ روھى ھالەت.
    2. بىز ئاياللار كونكرىت نىشانلىرىمىز ئۈستىدە دىققىتىمىزنى يىغىپ تۇرۇپ ئويلانمايمىز، ئەتراپىمىزدىكى ئەھۋاللارنى كۆپرەك ئويلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ياشاۋاتقان تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەكتەك، بەخىتتىن ھەممە ئادەم تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەكتەك ئويلاپ كېتىمىز. بۇ خىل ئادەت ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى لايىھىلىشىمىزگە توسالغۇ بولىدۇ.
    3. خىزمەتداشلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورىنتىڭ، ئەمما دوسىت بولماڭ. بەك يېقىنلىشىپ كەتسىڭىز ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل مۇناسۋەت ئادەتتە《 يېقىنلىق مۇستەبىتلىكى》 دەپ ئاتىلىدۇ.
    4. ئاۋۋال خىزمەت تېپىپ، ئاندىن ئەر تېپىڭ. بۇ تەرتىپنى ھەرگىز ئالماشتۇرۇپ قويماڭ. بۇ تەكلىپ ئاڭلىماققا رومانتىكتەك قىلىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قىزىقلا بىر ئىش. ھازىر، ئورتاق ئىنتىلىش بىلنە ئورتاق نىشان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تىكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئاساسى بولۇپ قالدى.

    ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: سىزنى بەختىلىك قىلىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى چوقۇم بىلىڭ.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق نەرسىنىڭ بەخىتلىك قىلالايدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ ۋېناسنىڭ سىرنىڭ تۇنجى قەدىمى ھەم سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىغا ماڭغانلقىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمى. مەسىلە: سىزنى بەخىتلىك قىلىدىغان نەرسە نىمە؟ سىز قانداق ئەھۋال، قانداق كەيپىيات ۋە قانداق ۋاقىتتا ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر بىلەن ئىناق ئۆتىسىز؟
       نۇرغۇن ئاياللار تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىشقا مايىل، ھېچقانداق مەنپەئەت قوغلاشمايدۇ. ئەمما، ئۇلار بۇ دۇنيادا ھەممىلا ئىشنى مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم دۇنيادا مۇكەممەل ئادەمنىڭ يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنداق ئاياللار مۇكەممەللىككە يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاخىر مەغلۇپ بولىدۇ.
       ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنى بايقايدىغان بولۇڭ.

      
      ئالدى بىلەن بىز بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىدىكى مېخائېل ئارگىل ئىسىملىك بىر پىسخكا ئالىمى بەخىت ئىلمىنى تەتقىق قىلغان.
        ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپ سانلىق بەخىتلىك ئادەملەردە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار ئىكەن: ئۇلارنىڭ نۇرغۇن دوسىتلىرى، تونۇشلىرى بولىدىكەن، خوشال- خورام ياشايدىكەن؛ تۇرمۇش پوزىتسىيسى ئاكتىپ ئىكەن. كۆپ سانلىقلىرى تاشقى مىجەز بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئارلىشىشىقا ئامراق ئىكەن، خىزمەتتىن خوشاللىق تاپىدىكەن.
       بەخىتلىك ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدۇ، ئۇلار كەيپىياتتىكى بۇ خىل تۇراقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزى ئۈچۈنلا بەخىت ئىزدەپ قالماي، باشىقلار بىلەنمۇ بەخىتنىڭ پەيزىنى تەڭ سۈرۈشنى بىلىدۇ. ئۇلار مۇكەممەللىكىنى دەپ ئۆزىگە بېسىم قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەندىشلەردىن خالىي. ۋىناسنىڭ نەسىھىتى: باشقىلارنى ماختاپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. باشقىلارنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەر بىزگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھېسسىيات تەسىرچانلىققا ئىگە نەرسە، مەيلى ئاكتىپ ھېسسىيات ياكى پاسسىپ ھېسسىيات بولسۇن ھەممىسى شۇنداق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، باشقىلارنى ماختاپ، تەقدىرلەپ تۇرىدىغان ئادەملەر ھېسداشلىققا باي ئادەملەر. ئەگەر ھەممىمىزدە ئاشۇنداق باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھالەت بولىدىغان بولسا، ئىدارىمىزدىكى رىقابەتلەرنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى خېلى پەسەيگەن، ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. ۋېناسقا ئايانكى: ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىلغان گەپنىڭ رولى چوقۇم كۆرىلىدۇ.
       ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ. پىسخىكا ئالىمى مېخائېل: بەخىتنىڭ چېكىگە يەتكەن ۋاقتى 《 بەخىتنىڭ سىرتقا يامرىغان ۋاقتى》 دېگەن. ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەككە يېقىنلاشقان ۋاقتى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەڭ بەخىتلىك سېزىدىغان ۋاقىتى. بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز چېكىگە يەتكەندە، مەسىلەن: ئۇزۇنغا يۈگۈرگەندە، بەدەن ئەڭ ياخشى ھەركەتتە تۇرغاندا ئۆزىمىز ئۆزىمىزدىن ئېشىپ كېتىۋاتقاندەك ھالەتكە كېلىمىز. ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: ئىلھامنى قۇبۇل قىلىپ ئىقتىدارىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ. ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: بەخىت مۇۋەپپەقىيەتتىن كېلىدۇ. ۋېناسنىڭ نەسىھىتى: كىمكى دائىم ئېھتىيات قىلىپ يۈرىدىكەن، ئۇ تۇرمۇشنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇۋەپپەقىيەت