كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ(مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-15 08:41:53

كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ(مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق)بىر ئامېرىكىلىق ئايال دوختۇر جەنۇبىي ئافرىقىغا ياردەمگە بېرىپتۇ. ئېرى لىنكولن ئۇنى كۆرگىلى بارماق بوپتۇ. ئايال دوختۇر ئېرىگە يازغان خېتى...

    كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ(مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق)


    بىر ئامېرىكىلىق ئايال دوختۇر جەنۇبىي ئافرىقىغا ياردەمگە بېرىپتۇ. ئېرى لىنكولن ئۇنى كۆرگىلى بارماق بوپتۇ. ئايال دوختۇر ئېرىگە يازغان خېتىدە تۇرىۋاتقان جايى (جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ تولىمۇ جىمجىت-زېرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن ياردەمگە كەلگەنلەرنىڭ بۇ زېرىكىشلىك تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتماقچى ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ.

    ئۇ خېتىدە يەنە  بۇ يەردە ئاز سانلىق يەرلىك كىشىلەر ۋە قاقاسلىقلاردىن باشقا ھېچقانداق كۆرگىدەك نەرسە يوقلۇقىنى، بېرىش-كېلىش، كۆڭۈل ئېچىش دىگەندەك ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، يولدىشىنىڭ پۇختا تەييارلىق بىلەن كېلىشنى ئېيتىپتۇ.

    لىنكولن بۇنىڭغا تازا چىنپۈتمەي نىشانلىغان يېرىگە بارغاندىن كېيىن، بۇ جايدىكى تۇرمۇشنىڭ ئۆز تەسەۋۋرۇرىدىكىدىنمۇ ناچارلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ ئايالى بىلەن قاقاس-جەزىرە ئىچىدىكى ئاددىي كەپىدە ياشاپتۇ، يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى بىلمەيدىكەن، تەرجىمان تېخى يوق، بۇ قۇملۇق جەزىرىدە يول مېڭىش ئاندىن تەس. تەرجىمانلارمۇ پەقەت كېسەللەر كەلگەندە پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، كېسەل يوق چاغدا تەرجىمانلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن.

    پاراڭلاشقۇدەك ئادەم، قىلغۇدەك ئىش يوق. كەپىدىن چىقسىلا تاپتاقىر ساي. كەچلىكى ھەممە جاي قارا سىياھ قۇيىۋەتكەندەك قاپقاراڭغۇ، پەنەر چىراقتىنمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن. بارى نېمە دىسە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىلەن بىزەڭ پاشىلار ئىكەن...

    لىنكولن شۇ چاغدىلا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بۇ جاينى تەرك ئېتىپ باشقا جايغا كەتكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. ئەسلىدە ھېچكىممۇ بۇنداق زېرىكىشلىك جىمجىتلىققا كۆنەلمىگەن ئىكەن-دە؟ تەلىيىگە لىنكولىننىڭ تەييارلىقى باركەن- بېكار ۋاقىتلىرىدا ئوقۇغىلى خېلى كۆپ كىتاب ئېلىۋالغان ئىكەن...

    شۇ كۈنلەردە لىنكولن بىر كىتابتىن "كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيسىز" دىگەن ئېسىل بىر جۈمىلىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.

    لىنكولىن كىتابنى قويۇپ، ئافرىقىنىڭ كۆز يەتكۈسىز دالىلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، بۇ يىشىمنى تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىپتۇ. ئەجىبا بۇ يەكۈن مۇشۇ جايغىمۇ ماس كېلەرمۇ؟ بۇ يەردە بېيىغىلى بولامدۇ؟ كىشىلەردە ئىقتىسادىي ئاڭ، ئىقتىسادىي كاللا بارمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دىمەك تەس.

    ئەلۋەتتە، لىنكولىن بۇ يىشىمنىڭ ھەقىقەتكە ئايلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ-دە ...

    "كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيسىز" دىگەن گەپنى توغرا تاپمىسىمۇ، ئەمما سىناپ باقماق بوپتۇ. "ئۆزۈم قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ باقاي" دىگەن ئوي بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ.

    كىم بىلسۇن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك بىر قاتار بايقاشلارغا ئېرىشىپتۇ. ئۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ مەلۇم شەيئىلەرگە بولغان كۆرۈش نوقتىسىمۇ ئۆزگىرىپ، ئۆزى ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان يېڭىچە دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان- ھېس قىلىپ باقمىغان يېڭى يېڭى ھېس-تۇيغۇلارغا كەپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ قول-ھۈنەر ئىشلىرىنى تونۇپ يېتىپتۇ.  بۇ قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى باشقا جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ سۇ قىلىپ باقسامچۇ، دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ، شۇنداقلا بۇ جاينىڭ توپىسىنىڭ تولىمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئېسىل ساپال بۇيۇم ياساشقا باپ كېلىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇنىڭ ئويلىغانسىرى كاللىسى يۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇ يەردە بىر خىل چىغ بولۇپ، تاشقى جاراھەتلەرنى ساقايتىشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رولى بارلىقىنى، زەخمىلەنگەن جايغا سۈرتۈپ قويسا جاراھەت ئېغىزىنىڭ ناھايتى تېز پۈتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋاپتۇ.

    لىنكولن بۇ بايقاشلىرىدىن چەكسىز شادلىققا چۈمۈپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ زېرىكىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بولالمايلا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسرەيدىغان بوپتۇ.

    ئافرىقا ئۆزگەرمىگەن، قاقاسلىقلار، دالىلار شۇ پېتىچە، يەرلىكلەر تېخىمۇ شۇنداق، يۇلتۇزلارمۇ يەنە شۇ بۇرۇنقى يۇلتۇزلار. ئۆزگەرگىنى پەقەتلا لىنكولن. ئۇنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە لىنكولن ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى داڭدار ماگىناتقا ئايلىنىپتۇ. ئۇ ئافرىقا بازىرىنى ئېچىپلا قالماي، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپتۇ. نۇرغۇن ئېسىل، جەلىپكار ئۇيۇنچۇقلارنى ئىجاد قىپتۇ. لىنكولىنمۇ كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئادەم. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزگەرتكىنى باشقىلار ياكى تاشقى دۇنيا ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت.

    دۇنيا ئىلىم-پەن جەمئىيتى 500 چوڭ نۇقتىلىق ئىلىم-پەن تۆھپىلىرىنى باھالاش پائالىيتىدىكى تەكشۈرۈشىدە، ئىنتايىن كۆپ ساندىكى ئىلىم-پەن بايقاشلىرىنىڭ رېئال دۇنيادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.  دەل بىزنىڭ قاتمال قاراشلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئاشۇ ئىلىم-پەن بايقاشلىرىدىكى ئەڭ موھىم، ئەڭ جاپالىق مەسىلىلەر ئىكەن. نەزەر دائىرىمىز-تونۇشىمىز بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزغا ماس ھالدا ئۆزگىرىۋاتامدۇ-يوق؟

    ئىنسانىيەت جەمئىيتى پەيدا بولۇپ ھازىرغىچە ئالىملارنىڭ ھەر كۈنى قىلىۋاتقان ئىزدىنىشلىرىنىڭ %90 ى "كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش" مەسىلىسىدىن ئىبارەت. قىيىنى، ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ قىيىنى دەل كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت مۇشۇ نوقتىدا. كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەمدۇق-يوق؟ ئەگەر كۆز قاراش، تونۇشلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلىسەكلا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىزگە ۋە بىزگە دۇچار بولىدىغىنى چەكسىز كائىناتتىكى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولىۋاتقان سان-ساناقسىز مۆجىزىلەردىن ئىبارەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.