يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جەھەتتە، سىز «ياۋروپا سەۋىيىسى» گە يېتەلەمسىز؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-14 17:28:18

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جەھەتتە، سىز «ياۋروپا سەۋىيىسى» گە يېتەلەمسىز؟ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت بارات«ئىككى ئايلانمىلىق ھەر تەرەپكە تۇتىشىدىغان» 2000 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئوم...

    يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جەھەتتە، سىز «ياۋروپا سەۋىيىسى» گە يېتەلەمسىز؟

     

                                        تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت بارات

     

    «ئىككى ئايلانمىلىق ھەر تەرەپكە تۇتىشىدىغان» 2000 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، چۇڭچىڭ شەھىرى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئەمەلدارلار مۇنداق دېيىشتى: 2015- يىلىغا بارغاندا، ئۆز جايىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى 3000 كلومېتىرغا يەتكۈزىمىز، «ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 1 كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول توغرا كېلىدىكەن. چۇڭچىڭدا 32 مىليون ئادەم بار. 3000 كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول توغرا كېلىدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، ھازىرقى ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېتىشىۋالىمىز.» (13- ئۆكتەبر «چۇڭچىڭ سەھەر گېزىتى»).

       جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا يەنە باشقا بىر تۈرلۈك چەتئەللەرنىڭ يوللىرىغا ئوخشىمايدىغان رېكورت بار. ئۇ بولسىمۇ، ھەق ئېلىش سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

       2007 – يىلى «خەلق گېزىتى» مۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان ئىدى: پۈتۈن دۇنيادا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول 140 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن بۇنىڭ 100 مىڭ كىلومېتىرى جۇڭگودا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە %70 نى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا ھەق ئېلىنمايدۇ. ئەمما، جۇڭگودا كۆپ ساندىكىلىرىدە ھەق ئېلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگوغا مەركەزلەشكەن. قاتناش مىنىستىرلىكى 40 كىلومېتىر ئارىلىقتا بىر ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلىشنى بولسىمۇ، بىراق، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالىي دەرىجىلىك تاشيوللاردا 20 كىلومېتىر. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ئارىلىقتا بىردىن ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلىشنى بېكىتتى.

       يېقىندىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىشتا، ھەر قايسى جايلاردىكى بىر مۇنچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئېغىر قىستاڭچىلىق ۋە توسۇلۇپ قېلىش كۆرۈلدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يوللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدا ئۆز ماشىنىسى بىلەن ساياھەتكە چىققانلارنىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئېلىش بەك كۆپ ھەم قالايمىقان بولۇپ، قاپسىلىپ قېلىشنى سۈنئىي كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن دەم ئېلىشتىكى سەپەرگە چىقىش چىقىمىدا يول ھەققى ماي ھەققىدىن ئېشىپ كەتكەن. مۇنچىۋالا كۆپ ھەق ئېلىش پونكىتلىرى، بىر قانچە 10 يىلدىن ئاشقان «ھەق يىغىپ قەرزنى قايتۇرۇش» ئالدىدا، كىشىلەر نارازى بولۇپ: بۈگۈنكى كۈندە يوللار بارغانسېرى كۆپىيىپ، بارغانسېرى كاتتىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يوللارغا چىقىپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدۇق – دېيىشمەكتە.

       مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جەھەتتە ياۋروپا سەۋىيىسىگە يېتىش» نى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغان بولساق، بۇ جاراڭلىق خىتابنامىنىڭ نېمىشكە كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شۇنداق، بىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىمىزنىڭ مۇساپىسى جەھەتتە مەيلى ئومۇمىي مۇساپىسى بولسۇن، ياكى ئوتتۇرىچە مۇساپىسى بولسۇن، ناھايىتى ئاسانلا ياۋروپا سەۋىيىسىگە يەتكىلى بولسىمۇ، بىراق، ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان ھەقسىز مۇلازىمەت جەھەتتە، بىز باشقىلارغا مەڭگۈ يېتەلەيمىز.

       يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىر تۈرلۈك تېخنىكا ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن مۇساپە سانىنى سېلىشتۇرماستىن، بەلكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق، قۇرۇق ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، مۇساپە ھەرقانچە ئۇزۇن، ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ھەر قانچە كۆپ بولغان بىلەن، كىشىلەر ئۇنىڭدا ماڭالمىسا، ئۇ شەرەپلىىك ئىش ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جەھەتتە ياۋروپا سەۋىيىسىگە يېتىش» دېگەننى تىلغا ئالمايلى، ئالدى بىلەن «دۇنيا بويىچە %70 ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول جۇڭگودا» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتەيلى.(ساۋلىن)

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.