ياخشى بىلەن يامان

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-14 16:52:47

بىر بۇتخانىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى، بىر يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بۇت تاراشلاۋاتقان بىر ھەيكەلتىراشنى كۆرۈپتۇ.

     
    ياخشى بىلەن يامان
     
    بىر بۇتخانىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى، بىر يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بۇت تاراشلاۋاتقان بىر ھەيكەلتىراشنى كۆرۈپتۇ. يىگىت بىردەم توختاپ ئۇنىڭغا دىققەت قىپتۇ، شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا يېقىنلا يەردە ھەيكەلتىراش تاراشلاۋاتقان بۇتقا ئوخشاش بىر بۇتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
    -بىر بۇتخانىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى بۇت قويۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟-دەپتۇ يىگىت تازا چۈشىنەلمىگەن تەلەپپۇزدا.
    -ياق،-دەپتۇ ھەيكەلتىراش بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن،-بۇ بۇتخانىغا پەقەت بىر بۇت بولسىلا بولىدۇ، ئەمما 1-بۇت پۈتۈپ قالاي دېگەندە بۇزۇپ قويدۇم.
    يىگىت «بۇزۇلدى» دېيىلگەن بۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ خېلىغىچە سىنچىلاپ قاراپمۇ ئۇنىڭ بۇزۇلغان يېرىنى كۆرەلمەپتۇ، بۇ ھالدىن ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ سوراپتۇ:
    -بۇ بۇتنىڭ نەرىدىن چاتاق چىقتى؟
    -بۇتنىڭ بۇرنىغا يېقىن جايدىن ئازىراق چاتاق چىقىپ قالدى،-دەپتۇ دەپتۇ ھەيكەلتىراش قولىدىكى ئىشنى توختاتماستىن.
    -بۇ بۇتنى قەيەرگە قويماقچى؟-دەپ سوراپتۇ يىگىت. ھەيكەلتىراش يېقىنلا يەردە تۇرغان ئىككى غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى تەگلىكنى كۆرسىتىپ، بۇتنىڭ شۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلدىغانلىقىنى ئىشارە قىپتۇ.
    -ئاشۇنچىۋالا ئېگىز جايغا قويۇلىدىغان بولسا،-دەپتۇ يىگىت تېخىمۇ چۈشەنمەي،-سەل سۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا چاتاقنى كىممۇ بىر قاراپ بىلىۋالالىسۇن؟
    -باشقىلار ئېھتىمال كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن،-دەپتۇ ھەيكەلتىراش قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، ئۇ يىگىتكە كۈلۈمسىرەپ قاراپ،-بىراق مەن ئۇنى بىلىمەندە. ياخشى ياكى يامانلىق ئادەمنى ئىچكى دۇنياسىدا بولىدۇ، ھەرگىز تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس، يىگىت.
    گۈلەندەم مەمەت تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.