سىز نورمال ھاماقەتمۇ

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-05 23:35:00

سىز نورمال ھاماقەتمۇ ئەسلى ئاپتورى شىكەييۈەن( تەيۋەن) روشەنگۈل مىجىت تەرجىمىسى ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مەسىلىنى قىياس قىلىپ باقايلى: مەلۇم بىر كۈنى، سىز ئىشتىن چۈشۈپ كوچا ئاپتۇبۇسى ساقلىدىڭىز، ...

    سىز نورمال ھاماقەتمۇ

     ئەسلى ئاپتورى شىكەييۈەن( تەيۋەن)

     روشەنگۈل مىجىت تەرجىمىسى

       ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مەسىلىنى قىياس قىلىپ باقايلى: مەلۇم بىر كۈنى، سىز ئىشتىن چۈشۈپ كوچا ئاپتۇبۇسى ساقلىدىڭىز، گەرچە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئاپتۇبۇس كەلمىدى. بۇ چاغدا، خىزمەتدىشىڭىز شياۋ بەيمۇ بېكەتكە كەلدى ھەم خېلىدىن بېرى ئاپتۇبۇس كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، بىتلىكتە تاكسىغا ئولتۇرۇپ مېڭىشنى ئېيتتى. سىزنىڭچە بۇ ياخشى چارە ئىدى، بىراق ئىككىڭلارنىڭ يولۇڭلار قارمۇ قارشى يۆلىنىشتە بولۇپ، بىرگە مېڭىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شياۋ بەي تاكسىغا ئولتۇرۇپ كەتتى. سىزچۇ؟ مۇبادا مۇشۇ يەردىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ قايتسىڭىز 30 يۈەن، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ قايتسىڭىز2 يۈەن خەجلەيسىز، ئۇنداقتا نېمىگە ئولتۇرىسىز؟ نورمال ئەھۋالدا، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدىم، يەنە بىر دەم ساقلىسام نېمە بوپتۇ، دەپ ئويلاپ داۋاملىق ساقلايمىز. دەرۋەقە 10 مىنۇتتىن كېيىن ئاپتۇبۇس كېلىشى مۇمكىن.سىز ۋە سىز بىلەن ئاپتۇبۇس ساقلىغانلار كىشلەر قىستىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. گەرچە، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قىستاڭچىلىقتىن بىر ئاز چارچاپ قالغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما 28 يۈەننى تېجەپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن خوش بولىسىز. مەسىلىگە بەرگەن جاۋابىڭىز مۇشۇنداقمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا سىز«نورمال ھاماقەت». سىز ئۆزىڭىزنىڭ غەيرىي ئىدراكىي تۇيغىڭىزغا ئىشىنىپ، تۇرمۇشىڭىزغا ئىدراكىي مۇئاملە قىلىشنى ئۇنتۇغان ھېساپلىنىسىز. ئالدى بىلەن سىزگە غايىب بولغان تەننەرخ دېگەن ئۇقۇمنى تۇنۇشتۇرۇمەن. غايىب بولغان تەنەرخ ئاللىبۇرۇن يۈز بەرگەن، بىراق قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان تەنەرخلەرنى، جۈمىلىدىن پۇل، ۋاقىت، زېھىن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەركەت تەدبىرى نەزىريەتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كىشلەر مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغاندا، مەزكۇر ئىشنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىزلىقىنى كۆزدە تۇتقاندىن سىرىت، يەنە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشقا سېلىنما سالغان ياكى سالمىغانلىقىنى نەزەرگە ئالىدىكەن.بۇ «غايىب بولغان تەنەرخ ھەققىدىكى خاتا تونۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچۇرايدىغان مىسال شۇكى، مەلۇم بىر ئائىلە پەرزەنتىگە پىئانىنو چېلىشنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ پىئانىنو سېتۋالدى، لېكىن بۇ بالا بىرقانچە كۈندىن كېيىن پىئانىنودىن زېرىكتى. ئائىلە باشلىقى سالغان مەبلىغىنىڭ بىكارغا كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پەرشەنتنى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تېغىمۇ يۇقىرى بولغان كۇرۇسقا تىزىملاتتى ۋە زورلاش ۋاستىسىنى قوللاندى. ئاخىردا بالىدا پىئانىنودىن بىزار بولۇش روھىي ھالىتى شەكىللەندى. دېمەك، ئائىلە باشلىقى بىردەملىك ھاياجىنى ئۈچۈن سالغان سېلىنمىسى ۋەجىدىن غايىب بولغان تەنەرخ پاتقىقىغا پېرىپ قالىدۇ، ھەتتا بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە خوشاللىقىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدۇ، غايىب بولغان تەننەرخ ھەققىدىكى خاتا تونۇش تۇپەيلى ئۇلار پىئانىنو سېتۋىلىشتىكى تۈپ مۇددىئاسى ‏ـــ بالىنى شاد -خورام چوڭ قىلىش ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە يەنە توختىلىپ باقايلى، سىز ئاپتۇبۇس ساقلاشقا نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلغاندىن كىيىن، بۇنداق قارغۇلارچە كۈتىۋىرىشتىن ۋاز كېچىپ، دەرھال تاكسىغا ئولتۇرۇپ راھەتلىنىپ ئۆيگە قايتىشىڭىز كېرەك. شىاۋبەي بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پەرقى: سىز خېلى بىرھازا ئاپتۇبۇس ساقلىدىڭىز، شۇڭلاشقىمۇ يەنە داۋاملىق ساقلاشقا رازى بولىسىز، خالاس. ئەلۋەتتە، مەنمۇ «نورمال ھاماقەت» لەرنىڭ بىرى. ئۆتكەندە نام كارتۇشكىسى ئىشلىتىشكە توغرا كەلدى، مەن قۇلايلىق بۇلۇش ئۈچۈن يېقىن ئەتىراپتىكى بىر گۈزەل سەننەت دۇكىنىغا بۇيرۇتتۇم. نام كارتۇشكىسى پۇتكەندىن كىيىن قارىسام، ئارقا تەرەپنىڭ رەڭگى تازا ياخشى چىقمامتۇ. خوجايىن مەندىن كەچۈرۈم سوراپ، قايتا بېسىپ بېرىدىغانلىقى ئېيتتى. گەرچە مەن بۇدۇكاننىڭ مۇلازىمىدىن گۇمانلانغان بولساممۇ، بىراق مەن باشتا مۇشۇ دۇكاننى تاللىغاندىكىن بوپتىلا دەپ قوشۇلدۇم. ئاردىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىكىن بارسام، خوجايىن مەتبەئە ماشىنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، تېزلا رىممۇت قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆڭلىمدە ئۇلاردىن نارازى بولغان بولساممۇ، لېكىن بوغۇلۇق بولدى، يەنە ساقلاي دەپ ئويلىدىم. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بارسام، خوجايىن مەتبەئە ماشىنىسى رېنمۇت قىلغاندۇق، يەنە بۇزۇلۇپ قالدى،دېدى. مېنىڭ ئەرۋاھىم ئۇچتى، لېكىن ساقلاشتىن باشقا ئامال بولمىدى. سەۋىر قاچام توشقاندا نام كارتۇشكىسى پۈتتى. گەرچە، يەنىلا كۆڭۈلكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن تاكالىشىپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ نام كارتۇشكىسىدىن تازا قانائەت قىلمىغان بولساممۇ، ئەمما«غايىب بولغان تەنەرخ» قايتىدىن خالاس بولدۇم. ئالدىنقى مەزگىلدە، پاي چېكى باھاسى بەك چۈشۈپ كەتتى، بىر دوستۇم بەرداشلىق بېرەلمەي، قولىدىكى پاي چەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەن باھادا سېتۋەتتى. ئۇزۇن ئوتمەي، پايچىكى بازىردا ئۆرلەش ئالامىتى كۆرۈلدى، ئۇ سېتىۋەتكەن پاي چىكىنى مىڭ بىر پۇشايماندا قايتا سېتۋالدى. مەن ئەجەپلىنىپ، نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكى پاي چىكىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى سورۇسام، ئۇ ئۆزىنىڭ پاي چىكىنىڭ ئۆسىشىگە ئىشىندىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا باھاسىنىڭ زىيادە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. زىياننىڭ كىشىگە كەلتۇردىغان ئازابى ئوخشاش قىممەتتىكى پايدىنىڭ كىشىگە ئاتا قىلدىغان خۇشاللىقىدىن زور بولىدۇ. «زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش» روھىي ھالىتى تۈپەيلى، ھېلىقى پايچى دوستۇم زىيان ئالدىدا ئىرادىسىنى يوقىتىپ، ئۆزى ئۆسىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلغان پاي چىكىدىن ۋاز كەچكەن. گەرچە ئۇ دائىم مەبلەغ سېلىشتا يىراقنى كۆزلەشنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما زىيان ئالدىدا يەنىلا ھۇدۇققان. كىشلىك ھاياتتا بۇنداق ئىشلار ناھايتتى كۆپ، بەزىدە كىشلىك ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەبلەغ سېلىش ھىساپلىنىدۇ. ئالى مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياخشى كۆرمەيتتى، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ بېسىم تۈپەيلى يەنىلا كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇنلاندى. ئىشقا چۈشكەن كۈنىدىن تارتىپلا كەسىپ ئاملاشقانلىقىنى ئېيتقاننىدى. بىراق، ھازىرغا قەدەر سەككىز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا شۇ ئورنىدا ئازاپلىنىپ، ئاغىرىنىپ ئىشلىمەكتە. مەن ئۇنىڭدىن نىمىشقا يۆتكىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ «شۇنچە ئۇزۇن ئىشلەپتىمەن»، «يېشىم بىريەرگە بېرىپ قاپتۇ» دېگەندەك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىشلەر ھەر ۋاقىت دىقىتىنى بىۋاستە سەۋەپكە قارىتىدۇ. ئۆزىنىڭ پۇرسەت تەننەرخىگە بولسا سەل قارايدۇ. كۈتۈش ئىچىدە، ئەمىليەتتە نۇرغۇن پۇرسەتلەر قولدىن كىتىپ قالىدۇ. كىشلىك ھاياتتىكى قىزغىنلىقمۇ خورايدۇ. ئۇنداقتا، سىز ھازىردىن باشلاپ «نورمال ھاماقەت»بولامسىز ياكى ئىرادىلىق تەدبىر بەلگhلىگىچى بولامسىز؟ ئەلۋەتتە، شۇنى كۆسىتىش كېرەككى، بىزنىڭ ئاشۇ «نورمال»ھېسىيات تۇيغىمىزمۇ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەل قىلىدۇ. ئالايلۇق، ئايلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇلىنى بىراقلا تۆلىۋىتىش سىزنىڭ چېنىقىشىغىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. -------«تەرمىلەر»2008-يىللىق8-سانى دىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق