سانلار تەھلىلى

يوللىغۇچى : ayturk يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-13 14:05:00

سانلار تەھلىلى نۆل - گۇمراھلىقنىڭ مەڭگۈلۈك قەسىدىسى ئاي كۆزىدە قۇياش مەرسىيىسى بىر - ئىنسان روھىنىڭ يۈكسەك مەنزىلى ، ياراتمىشنىڭ چەكسىز بىر سىرى ئىككى - يوقىلىشنىڭ روشەن رىسالىسى، شەيتان بىلەن ئ...

    سانلار تەھلىلى

    نۆل - گۇمراھلىقنىڭ مەڭگۈلۈك قەسىدىسى ئاي كۆزىدە قۇياش مەرسىيىسى

    بىر  - ئىنسان روھىنىڭ يۈكسەك مەنزىلى ، ياراتمىشنىڭ چەكسىز بىر سىرى

    ئىككى  - يوقىلىشنىڭ روشەن رىسالىسى، شەيتان بىلەن ئادەمنىڭ يېڭى ئەپسانىسى

    ئۈچ - مەن، سەن، ئۇ

    قەدىم، ھازىر، كەلگۈسى

    بابىل، ئەرەب، شەرق

    مەڭگۈ ئۇچراشماس سىزىقلار ئارا

    روھ تۇرۇشى بولماقتا ئاستا

    دۇنيادىكى قاغىلارقارا

    تۆت

    مەغرىب،مەشرىق،شىمال ۋە جەنۇب

    ئاق، كۆك،قارا، قىزىل

    تەرەپلەر دوقمۇشىدا رەڭلەر توقۇنۇشى

    بىر-بىرلەپ يېمەكتە ئۆز گۆشىنى ئۆزى

    بەش

    بارماق بىلەن چۆرگىلەپ دۇنيا

    رەڭ تۈزمەكتە قەدىمىي ئىرا

    ئالتە

    ئالتە كۈنلۈك ئالەمكەن دەيمىز

    قاچان ئۆلۈشنى ئەسلا بىلمەيمىز

    ئۆز روھىمىزنى قۇياشتىن ئىزدەيمىز

    كېچىكىپ تونۇشقا كۆنۈپ كەتكەنمىز

    يەتتە

    بۇ كائىنات ياقتۇرار تاقنى

    ئىزدەپ يۈرەرمىش قەلبى ساپساقنى

    ياقتۇرمايمىز كۈلرەڭ پاتقاقنى

    يولۇقتۇرمايلى روھىي ئاقساقنى

    سەككىز

    باي بولۇشنى ئىزدىگەن بورھان

    چەكسىز چوقۇنارمىش يوقلۇققا پىنھان

    ھەقىقەتكە قايىتمىغان ئىنسان

    روھىيەت چۆلىدە بولماقتا سەرسان

    توققۇز

    ئىنسانىيەت ئۈچۈن يىپيېڭى ئىرا

    تولغاق بىلەن تۆكۈلدى نۇرلار

    بارلىق ئانىلارغا سالام ئېيت دۇنيا!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق