مەن دېھقانمۇ؟(فېليەتون)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-22 22:30:00

مەن دېھقانمۇ؟ (فېليەتون) خۇڭ چاۋجۈن ئىلگىرى جاپىڭۋانىڭ «مەن دېھقان » دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا جاپىڭۋانىڭ يېزىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. جاپىڭۋا 19 يېشىدا يېزىنىڭ تەۋسىيە قىلى...

       مەن دېھقانمۇ؟

    (فېليەتون)      خۇڭ چاۋجۈن

        ئىلگىرى جاپىڭۋانىڭ «مەن دېھقان » دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا جاپىڭۋانىڭ يېزىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. جاپىڭۋا 19 يېشىدا يېزىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، شۇندىن كېيىن شەھەرلىك بولۇپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:” ھەقىقى جاپا يېزىدا، ھەقىقىي راھەت جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولىدۇ.“ جاپا دېگەندە راھەت نېمە قىلىدۇ، جاپىڭۋا ھەقىقى جاپانى تېتىپ كۆرمىگەن، دېھقاننىڭ جەۋر جاپاسىنى ھەقىقى تېتىپ كۆرمىگەن گەپ.
       جاپىڭۋا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «مەن دېھقان» دەيدۇ، ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بەلكىم تەشۋىق قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە جاپىڭۋا دېھقان ئەمەس. مەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي يۇرتقا قايتىپ سەككىز يىل كەتمەن چاپتىم، يېزىدىن ئايرىلغاندا 30 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەن ئىدىم. مۇبادا 80 يىل ئۆمۈر كۆرسەم، ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى يېزىدا يېزىدا ئۆتكەن بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى ھازىرغىچە دېھقان دېيەلمەيمەن، مېنىڭ ھازىرقى كەسپىم ۋە كىرىمىم بىلەن ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم مۇتتىھەملىك قىلغان بولىمەن. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەندە دېھقاندا بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيە يوق، مەن سەككىز يىل كەتمەن چاپقىنىم بىلەن، يەنىلا بەزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى پىششىق بىلمەيمەن، بەزىلىرىنى ھەتتا بىلمەيمەن، مېنى ئەمگەك كۈچى دەپ ھېسابلىغاندىمۇ مەن 10 نومۇرغا لايىق دېھقان بولالمايمەن. بىر ئۆمۈر كەتمەن چاپقان دادام ماڭا: دېھقان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، 24 مەۋسۈمنى پىششىق بىلىش، دېگەنىدى.
         ئىلگىرى مەن 24 مەۋسۈمنى بىراقلا يادقا ئېيتىپ بېرەلەيتتىم، مەۋسۈملەرنى پىششىق بىلگەندىلا دېھقانچىلىقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. «پاقا كۇكىرىدى، ئۇرۇق يەر سېغىندى» دېگەن بۇ ماقال تېرىم ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىشتا نۇرغۇن بىلىملەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك، مەسىلەن: «بۇلۇتلار قاسراقلىنىپتۇ ئاسماندا ، دانلىرىڭنى تەييارلا ئاپاتاپقا قاقلاشقا» بۇ ئەتىسى ھاۋانىڭ ناھايىتى ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى، زىرائەتلەرنى ئورۇش، قاقلاشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر دېھقاننى ئىمتىھان بەرگۈچى دېسەك، ئۇنداقتا يەرنىڭ ئۆزى ئىمتىھان قەغىزى بولىدۇ. بىر دېھقاننىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ ئېتىزىدىن قانچىلىك ھوسۇل چىققانلىقىغا باغلىق.
        ئەينى چاغدا مەنمۇ ھەقىقى دېھقان ئىدىم ، شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئالغان ھوسۇلۇم ھامان پېشقەدەم دېھقانلارنىڭكىدىن ئاز بولاتتى. ھازىرمۇ گەرچە ئاياقلىرىمدىن ئېتىزلىقنىڭ لايلىرىدەك ساددىلىق، چىرايىمدىن سەھرانىڭ توپا پۇرىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مېنىڭ تېرەم كەتمەن چاپقان چېغىمدىكىدەك قارا ئەمەس، ماغدۇرۇممۇ ئۇ چاغدىكىدەك بەردەس ئەمەس، ئۇ چاغلاردا 75كلوگرام ئاشنى بىمالال كۆتۈرەتتىم، ھازىر 25 كلوگرام ئۇننىمۇ كۆتۈرەلمەيمەن. ئاۋازىمدىن سەھرا دېئالىكتى يوقالمىغان، چىرايىمدىن سەھرا پۇرىقى يۈتمىگەن بىلەن، شەھەرنىڭ مۇھىتىدا يۈرۈپ دېھقانچىلىقنى ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىم، ھەتتا 24 مەۋسۈمنىمۇ تولۇق ساناپ بېرەلمەيمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلەمدىم؟! مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن بىر ئاسىيمەن. مەن سەھرادىن يۈز ئۆرۈپ قېچىپ چىققان، شەھەردە ئوقۇپ، يېزىقچىلىق قىلىپ يېزىدىن ئايرىلىشقا جېنىمنىڭ بېرىچە پۇرسەت ئىزدىدىم. ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم، يېزىدىن ناھىيىلىك پارتكومغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ دۆلەت كادىرىغا ئايلاندىم. ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى ناھىيىگە بېرىشىمنى ئۇقتۇرغان چاغدا مەن تېخى ئېتىزلىقتا شال مايسىسى كۆچۈرۈۋاتاتتىم، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقى تىزىمنىڭ ئۈستىگىچە تۈرۈلگەن ئۈستۋاشلىرىم لايغا مىلەنگەن ئىدى. ئەگەر ھازىرقى ۋاقىت بولغان بولسا ھەممە كىشى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان تۇرسا مەندەك يا پۇلى يوق، ياكى ئارقا تېرىكى يوق، ئازراق بىر نېمە يازالايدىغان نامرات ئوقۇغۇچى بىلەن كىمنىڭ كارى بولاتتى دەيسىز؟ 20 يىل ئىلگىرى دېھقانلار زور تۈركۈمدە ئىشلەمچى بولۇپ ئەمەس بەلكى ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ئەسكەر بولۇش، كادىرلىققا ئۆستۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن شەھەرگە كىرەتتى. ھازىرمۇ بۇ يوللا توسۇلۇپ قالمىدى، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن تاقىۋېتىلدى.
       ھازىر گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشتىكى بىر يولى بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ زىيادە يۇقىرى ئوقۇش ھەققى بۇ يولدىكى بىر ئېگىز توساق بولۇپ قالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلمەسلىك بىلەن بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالماۋاتقانلار خېلى نۇرغۇن، بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان دېھقانلارمۇ يوق ئەمەس. قاتمۇ-قات توسۇق نورمال ئىجتىمائىي ئوبوروت يولىنى ئېتىپ قويۇپ، جۇڭگودىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئوبوروتنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىۋەتتى، ھەتتا قاتماللىشىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يۇقىرىغا يۆتكىلىش كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈمىدى بولۇپ، ئاۋام يۇقىرىغا يۆتكىلىش پۇرسىتىگە تەلپۈنىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئارزۇ رىئاللىقتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر كونسېرتتا غەربتىن كەلگەن بىر ياش ناخشىچى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا:”مەن بىر دېھقان ناخشىچى .... “ دېگەنىدى. بىلىشىمچە ئۇ يەر تېرىپ باقمىغان، يېزىدىمۇ ناھايىتى بىر، ئىككى يىللا تۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى دېھقان دېگىنىنى ئاڭلاپ گويا بىر تال چىۋىن يۈتۈۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. يەنە، جاۋ بېنشەنمۇ دېھقان؟! ئەگەر ئۇ دېھقان بولمىسا قانداقسىگە دېھقانلىق ھالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولالىسۇن؟! بۇ كەملەردە دېھقاننىڭ نامىنى سۈيىستىمال قىلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى، مەسىلەن: دېھقان ناخشىچى، دېھقان شائىر، دېھقان كارخانىچى، دېھقان رەسسام ...... دېھقاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقى دېھقان بولىۋەرمەيدۇ، ئۆز سالاھىيىتىنىڭ ئالدىغا ”دېھقان“ نامىنى قوشۇۋېلىشى پەقەت مۇشۇ زور پەرقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەكچىلا خالاس. بۇ ئارقىلىق بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىنى چوڭ كۆرسەتكىلى بولار، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا بۇ بارلىق دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئادەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كەمسىتىش كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋاتىمىز. ئەينى چاغدا مەن دېھقان بولمايمەن دېگەن ئىرادىگە كەلگەچكىلا يېزىدىن قايتىپ كەلگەنمەن، ئەمدىلىكتە شەھەردە ياشاپ ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم، بۇ ئۆز-ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغانلىق ۋە دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولمامدۇ؟! سەھرادا مېنىڭ ئەينى چاغدا بۆلۈپ بەرگەن يېرىم، ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرىم بار، كىندىك قېنىممۇ يېزىغا تۆكۈلگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن. گەرچە مەن” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ، ” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولساممۇ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدىمۇ پەقەتلا «سەككىز يىل كەتمەن چاپقان» دېيەلىدىم. دېھقان – نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىختىن بېرى تورلۇق ئاڭلىنىپ كەلگەن نام، ئۇ بەئەينى تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان زىرائەتتەكلا ئاددى، ئەمما پۇختا. ئەگەر ھازىر مەن ئۆزۈمنى دېھقان دەپ ئاتىىۋالسام چوقۇم دېھقانغا قاتتىق بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىمەن.

     (خۇڭچاۋجۈن ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ئەسلى«جاڭنەن شەھەر گېزىتى» گە بېسىلغان، كېيىن «جۇڭخۇا فېليەتون تورى» غا يوللانغان) «جۇڭخۇا فېليەتون تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى بۇ يازما ئىجادىيەت تورى ۋە ئارغۇغا تەئەللۇق، يۆتكەپ ئىشلەتمەڭ!

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:42:32]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق