سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 13:50:34

سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز

    سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز
    ف.ئوسلېر
     
    نەچچە يىل ئىلگىرى، نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئېمىلى ئىسىملىك بىر قىز تۇراتتى، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئۆكۈنۈپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى تەن ئالغان ئدى. ئۇنىڭ غايىسى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ھەر بىر بويىغا يەتكەن قىزنىڭ ئارزۇسى: يەنى كۆڭلىدىكىدەك كېلىشكەن بىر شاھزادە  بىلەن توي قىلىپ، بىر ئۆمۈر ئۆتۈش ئىدى.
    يامغۇر يېغىۋاتقان بىر چۈشتىن كېيىن، تەلىيى كاج ئېمىلى داڭلىق بىر پىسخولوگنى ئىزدەپ بارىدۇ، پىسخولوگ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:« ئېمىلى، مېنىڭ ئامالىم بار. بىراق سىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك: ئەتە ئەتىگەندە يېڭى كىيىم سېتىۋېلىڭ، بىراق كىيىمنى ئۆزىڭىز تاللىماڭ، سىز پەقەت پرىكازچىكتىن سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە سېتىۋېلىڭ. چۈنكى سىز باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. ئارقىدىنلا چېچىڭىزنى ياساتقىلى بېرىڭ، چاچ پاسونىنىمۇ ئۆزىڭىز تاللىماڭ، ساتىراشتىنلا سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياسىتىڭ. ئاندىن كېيىن سەيشەنبە كەچتە مىنىڭ ئۆيۈمدە كەچلىك ئولتۇرۇش بار، كېلىپ قاتنىشىڭ...».
    ئېمىلى بېشىنى چايقىدى، پىسخولوگ چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقاپ:« سىز كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتناشساممۇ خۇشال بولالمايمەن دېمەكچىمۇ؟ ئەمما مەن سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرىمەن. كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلار كۆپ، بىراق ئۆز ئارا تونۇشىدىغانلار ئاز. سىز كەلگەنكەنسىز ھەممە كىمگە ئەتراپلىق ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك. قايسى بىر يىگىتنىڭ يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرسىڭىز ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشىڭىز كېرەك...» دېدى.
     «يىگىت؟ سالام قىلىش؟»
    «توغرا، ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سالام قىلىسىز، سىز ماڭا ۋاكالىتەن ئۇنى قارشى ئالىسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ماڭا ياردەملىشىپ مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش. چۈشەندىڭىزمۇ؟»
    ئېمىلى جىددىيلەشتى، پىسخولوگ داۋاملىق مۇنداق دېدى:« كۆپچىلىك تولۇق كېلىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلارغا يەنە نېمە  قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. مەسىلەن، بەك تىنجىق بولۇپ كەتسە دېرىزىنى ئېچىڭ؛ كىمنىڭ قەھۋەسى بولمىسا ئۇنىڭغا قۇيۇپ بېرىڭ. ئېمىلى، قاراڭ، ماڭا چوڭ ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك!».
    سەيشەنبە كۈنى، ئېمىلى چاچ پاسونىنى ئۆز لايىقىدا قىلىپ كىيىملىرى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، پىسخولوگنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا ئىدى. ئۆزىنى ئۇنتۇپ پەقەت باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايتتى. ئۇ تېتىك ، سېخىي بولۇپ، چىرايىدىن يېقىملىق كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئۇ كەچلىك ئولتۇرۇشتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئولتۇرۇشتىن تارقىغاندا ئۈچ يىگىت ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
    ھەپتە ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئۈچ يىگىت ئېمىلىنى قىزغىنلىق بىلەن قوغلاشتى. ئېمىلى ئارىسىدىن بىرەيلەننى تاللاپ، ئۆزىگە تويلۇق ئۈزۈك تاقاتقۇزدى.
    توي مۇراسىمىدا بىرەيلەن بۇ پىسخولوگقا:« سەن مۆجىزە ياراتتىڭ» دېدى، پىسخولوگ:«مۆجىزە ھېسابلانمايدۇ، بۇ بەكمۇ ئاددىي: ئادەم دائىم ئۆزىنىلا ئويلىماسلىقى، ئۆزىگىلا ئىچ ئاغرىتماسلىقى كېرەك، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇشى، باشقىلارنىڭ دەردىگىمۇ دەرمان بولۇشى كېرەك. كىم ئۇنى گۈزەللەشتۈردى؟ ئۇ ئۆزى» دېدى.
    مەنبە: «ياشلار تەرمىلىرى». ئوكيان تورى(www.okyan.com)دىن لوقمان تەرجىمە قىلدى.
    \
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى
    : okyanqamus

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۆجىزە