مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 05:30:33

مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت مەسئۇلىيەتچان ئادەم بىزنىڭ ماختىشىمىزغا ئېرىشىدۇ، مەسئۇلىيەتچان بولمىغان ئادەم ئەيىبلىشىمىزغا ئۇچرايدۇ. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مەسئۇلىيەتچانلىق ياخشى خاراكتېرنىڭ بەل...



    مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت

     

    مەسئۇلىيەتچان ئادەم بىزنىڭ ماختىشىمىزغا ئېرىشىدۇ، مەسئۇلىيەتچان بولمىغان ئادەم ئەيىبلىشىمىزغا ئۇچرايدۇ. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مەسئۇلىيەتچانلىق ياخشى خاراكتېرنىڭ بەلگىسى دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىڭ  ماھىيىتى قانداق؟ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ئادەم ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكمۇ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ مەسئۇلىيەت دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە بولغان مەجبۇرىيىتى. مەسئۇلىيەتنىڭ خەت مەنىسى قىلغان ياكى قىلماقچى بولغان ئىشقا جاۋاب بىرىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتكە دائىر تۈپ ئۇقۇملار بىزنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپىمىز ۋە قانۇن تۈزۈلمىمىزنىڭ يادروسى.

    كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر تەرىپىدە مەسئۇلىيەتكە دائىر مەسىلىلەرگە تالاي يولۇقىمىز. مەسئۇلىيەت بىزنىڭ ئائىلىمىزدە، خىزمىتىمىزدە ۋە تىرىكچىلىكىمىزدە مەۋجۇت، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت. ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئاساسلىق تالاش – تارتىشلار ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە دائىرىسىگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇ ئاساسەن مۇنۇ ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىز كىمگە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك؟ بىز قانداق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك؟ بەزى مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت تېخىمۇ يۈكسەك بولغان ھوقۇق _ خۇدا ۋە دۆلەت قانۇنى – دىن كەلگەن. يەنە بەزى مۇتەپەككۇرلار ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت تېخىمۇ يۈكسەك ھوقۇقتىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئىچكى مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن ئادا قىلىدۇ. شۇنىسى ئوبدان مىسالكى، بۇ ھەقتە ئېنىق قانۇن بولمىغان جايدىمۇ، ئەخلاقلىق كىشىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋىرىدۇ. بىز باشقىلارغا بولغان مەجبۇرىيەت ئۈستىدە توختالدۇق.  بىزنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ نامايان بولۇشى كېرەكمۇ، يوق؟ ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيتىمىز باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ بارلىق مەجبۇرىيىتىمىز ئادالەت پرىنسىپىدىن كەلگەن، ئادالەت پرىنسىپىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى «كىشىلەرنىڭ قوشىنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دۇر. قارىماققا، ئارىستوتېلنىڭ  تونۇشى ساۋاتقا ئوخشاشلا ئىنىق، چۈنكى بىزنىڭ ۋەدىمىز ۋە ئەھدىمىز باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەپلاتوننىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىمۇ ئادالەتسىز قىلىۋىتىدۇ. باشقا مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ۋە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

    نېچشىنىڭ قارىشىچە، باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە يالغانچىلىق قىلىش سەمىمىيەتسىزلىك ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سەمىمىيەتسىزلىك. ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىڭ دائىرىسىنى شەخسنىڭ مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبى ۋە جىسىمىگە تەتبىقلىشى ۋە خاتا ئىشلىتىشىگە  قەدەر كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنىڭ دائىرىسى شۇنداق كېڭەيتىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئاساسىي نېمە؟كانت شۇنداق جاۋاب بىرىدۇكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا بولغان مەجبۇرىيىتىمىز ئوخشاشلا ئەقىدە – ئېتىقادنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. ئۇ ئەقىلنىڭ تەشەببۇسى توغرا بولغانىكەن، ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ بولۇش – بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بولىدۇ. ئومۇمى ئەقىدە – ئەخلاق ئاستىدا، بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەم باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئوخشاش بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇرمۇشتىكى توقۇنۇشلار ئۆزىمىز ھەم باشقىلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزدىن تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ئادەم دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. لېكىن، پەقەت بىرلا ئادەم سىغىدىغان سال بار. بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى مەجبۇرىيىتى بىلەن باشقىلارغا بولغان مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بىرىپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ تراگېدىيە دەرىجىسىگە بىرىپ يېتىدۇ. بۇ ھال ھەر ئىككى ئادەمگە ئوخشاش بىر  سۇئالنى قويىدۇ: باشقىلارنى قۇربان قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ قارىشى تەرەپنى قۇتقۇزماقچى بولسا ياكى قارىشى تەرەپنى قۇربان قىلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بىز دراماتىك ۋەقەلەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىمىز، بۇ ۋەقەلەر بىزنى باشقىلارغا بولغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىمىزگە بولغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە قارار چىقىرىشقا دالالەت قىلىدۇ. ئەخلاقىي مەسىلىلەردە مەسئۇلىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىنمۇ ئارتۇق تەڭلىكتە قويىدىغان مەسىلە بولمىسا كېرەك.


     مەنبە: غەربنىڭ تەپەككۇرى ناملىق كىتاب


     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.