تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -03

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 11:49:23

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -03تارىخىي ۋە تىلى مىڭلارچە يىللىق ئۆتمۈشكە سوزۇلىدىغان خەلقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلەر بىلەن قورشالغان ئۆتمۈشلىرى بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تارىخى قەھرىمانلىقلىرى...

     



     

      تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -03

      تارىخىي ۋە تىلى مىڭلارچە يىللىق ئۆتمۈشكە سوزۇلىدىغان خەلقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلەر بىلەن قورشالغان ئۆتمۈشلىرى بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تارىخى قەھرىمانلىقلىرىنى شېئىر ھالىتىدە بايان قىلىدىغان ۋە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ داۋاملىشىپ كەلگەن بىر خىل ژانىرنى داستان دەپ ئاتايمىز. داستانلار ئىپوس خاراكتېرىگە ئىگىدۇر.

      تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ يىلتىزى داستانلىرىمىزنىڭ قاتلاممۇ قاتلام چوڭقۇرلۇقلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. داستان يىلتىزى تارىخنى چىقىش قىلىدىغان، ئىلھامىنى تارىختىن ئالىدىغان بىر خەلق ئەدەبىياتى مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى چاغلاردىكى تۇرمۇش ۋە ئېتىقادلىرىنى داستانلىرىمىزدا ئەينەن ئۇچرىتىش مۇمكىن. تۈرك تارىخى بۈيۈك داستان قەھرىمانلىرى، داستان قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تولغان.

      تۈرك داستانلىرىنى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك داستانلىرى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك داستانلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتېگورىيە ئاستىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز.

      ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك داستانلىرى:

    1-   يارىتىلىش داستانى

    2-   ئالپ ئەرتوڭا داستانى

    3-   شۇ داستانى

    4-   ئوغۇز قاغان داستانى

    5-   بوزقۇرت داستانى

    6-   ئەرگىنەقۇن داستانى

    7-   تۈرىلىش داستانى

    8-   كۆچ - كۆچ داستانى ... قاتارلىقلاردۇر.

      ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك داستانلىرى بولسا:

    1-   ماناس داستانى

    2-   چىنگىزخان داستانى

    3-   تىمۇر داستانى

    4-   سېيىت باتتال غازى داستانى

    5-   دانىشمەن غازى داستانى

    6-   ئالپامىش داستانى

    7-   ئەدىگە داستانى

    8-   كۆرئوغلۇ داستانى... قاتارلىقلاردۇر.

      بۇ داستانلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورتاق داستانلىرىدۇر. بۆرىدىن تۈرىلىش، بۆرىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىش، تۆمۈرچىلىك، قورال ياساشتىكى ماھىرلىق، ئازادلىق يۈرۈشلىرىگە ئاتلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە يېيىلىش، بۈيۈك كۆچۈشلەر، ئۇرۇشلار داستانلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا تۈرك قەبىلىلىرى ئايرىم – ئايرىم دۆلەت، ھۆكۈمدارلىق ۋە خانلىق قۇرغاندىن كېيىن، ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ قانچىلىغان داستانلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشىدىغان بولساق تۈركلەرنىڭ داستانلىرىنىڭ سانى كۆپتۇر. مەسىلەن، پەقەت قازاق تۈركلىرىنىڭلا 600 دىن ئارتۇق داستانى بار. بۇلارنىڭ داستانلىرىغا كىرىش كۆپلەپ ۋاقىت ئالىدۇ.

      شۇنىڭ ئۈچۈن، پىروگراممىمىزدا پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن داستانلار ئۈستىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمىز.

    .......................................................................................

     يارىتىلىش داستانى: پۈتۈن تۈرك داستانلىرىنىڭ باشلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تۈرك مىللىتىنىڭ زېمىن ۋە ئاسماننىڭ يارىتىلىشىغا دائىر تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر داستان بولۇپ، شامانىزىم ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

      يارىتىلىش داستانى مىللىتىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىش كۈنلىرىنىڭ داستانى بولۇپ، ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بارلىق تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا يىللارچە ياشاپ كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا ئىلاۋىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ھازىرقى كۈندىمۇ بۇ داستاننىڭ ئىزلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلار رادلوف ۋە ۋېرتبىتسكى تەرىپىدىن ئىككى ئايرىم شەكىلدە ئىسپاتلاپ چىقىلدى.

      ئالپ ئەرتوڭا داستانى؛ يارىتىلىش داستانىدىن كېيىنكى ئەڭ مەشھۇر تۇنجى تۈرك داستانىدۇر. مىلادىدىن ئىلگىرىكى تۈرك – ئىران ئۇرۇشلىرىنى ۋە ساقا ھۆكۈمدارى ئالپ ئەرتوڭانىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئالپ ئەرتوڭا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ساقا ھۆكۈمدارىدۇر. بۇ ئەپسانىنىڭ باي پارچىلىرىغا پىردەۋسىنىڭ شاھنامىسىدە ئورۇن بېرىلگەن. شاھنامىدە قەھرىمان تۈرك ئالپ ئەرتوڭا ‹ئەفراسياپ› دەپ بايان قىلىنغان. مەيلى مەھمۇد كاشىغەرى ياكى يۇسۇپ خاس ھاجىپ بولسۇن ئەفراسيافنىڭ ئالىپ ئەرتوڭا ئىكەنلىكىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئەسكەرتكەن. ئالپ ئەرتوڭا داستانىنىڭ تولۇق تېكىستى ئۆز ۋاقتىدا توپلانمىغان بولغانلىقى ئۈچۈن زامانمىزدا يوق. لېكىن بۇ داستاندىن ئاجراپ كەتكەن، كۈچلۈك ئېھتىماللىق بىلەن ئاخىرقى قىسمىغا ئائىت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر قوشاق 11- ئەسىردىكى شەكلى بىلەن ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دا مەۋجۇت بولۇپ، ئالپ ئەرتوڭا توغرىسىدىكى بېيىتتا مۇنداق دېيىلىدۇ:

    ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،

    يامان دۇنيا قالدىمۇ .

    پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،

    ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر .

     

    بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى،

    قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى .

    مەڭزى، يۈزى سارغايدى ،

    سۈرتۈلگەندەك زەپىران .

    .......................................................................................

      شۇ داستانى: شۇداستانىغا نامى بېرىلگەن ‹شۇ› نىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىرلەردە ياشىغان بىر ساقا ھۆكۈمدارى دەپ قارالماقتا. بۇ داستاننىڭ ھېچقانداق بىر يازما تېكىستى يوق بولۇپ، پەقەت ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دا بۇ ئەپسانىگە ئائىت رىۋايەتلەر ۋە قىسقا بولسىمۇ بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن. داستان ماكېدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ئىران ئارقىلىق ئاسىياغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئەسنادا تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۇرئەت قىلالماي، بىر كېچە ھۇجۇم قىلغان تۈركلەرگە مەغلۇب بولغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

    .......................................................................................

      ئوغۇز قاغان داستانى:مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209- يىلى بىلەن 174- يىللىرى ئارىسىدا ھۆكۈمدارلىق قىلغان مەتە خاننىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك داستان بولۇپ، تۈرك داستانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى ۋە ئەڭ كۆپ تونۇلغىنىدۇر. ئوغۈز قەبىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن بۇ داستاننىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مەنبەلەردىكى نامى ‹ئوغۇزنامە› دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قاراپ، مىللىي بايراملاردا، خۇسۇسەن ئۇرۇشقا چىقىش ئالدىدا ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇڭلۇق ئاھاڭدا ئېيتىلىدىغان بۈيۈك بىر نەزمى ئەسەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى بۇ داستاننىڭ تولۇق تېكىستى يوق.

      زامانىمىزدا ئوغۇز قاغان داستانىنىڭ ئۈچ ۋارىيانتى بار بولۇپ، بىرىنچىسى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرىگە ئائىت بولغان شەكلىدىدۇر. بۇ شەكىلنىڭ يازما نۇسخىسى ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن بولۇپ، پارىژ مىللىي كۈتۈبخانىسىدا ساقلانماقتا.

      ئىككىنچىسى تارىخچى رەشىدۇددىننىڭ ‹جامىئۇتتەۋارىخ› ناملىق ئەسىرىدە ئورۇن ئالغان ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى شەكلىدۇر. ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ‹شەجەرەئى تەراكىمە› ناملىق ئەسىرىدە ئورۇن بېرىلگەن ئۈچىنچى بىر نۇسخىمۇ بار. بۇ نۇسخىمۇ ئىسلامىي ئەقىدىلەرگە كۆرە بېكىتىلگەن ئوغۇز قاغان داستانىنىڭ ئىسلامىي ۋارىيانتى بولۇپ، باش ۋە ئاخىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈپ قالغان يەرلەر بار. دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى بۇ داستاننىڭ پارچىلىرىدىن ئىبارەت.

      ھۇن خاقانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان، 26 پادىشاھلىقنى ئۆز بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرگەن مەتە خاننىڭ دۇنياغا كېلىشى، قاۋۇل بىر يىگىت بولۇپ ئۆسۈشى، قەھرىمانلىقلىرى، ئۆيلىنىش ۋە قاغان بولغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىشى، ئاندىن ئوغۇللىرىغا دۆلەتنى بۆلۈپ بېرىشى قاتارلىقلارنى “ئوغۇز قاغان داستانى” دىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. 

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.