ئەسلىمە

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-09-14 19:39:07

.گەرچە ھازىر 50 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ئۇ كاچاتنى خاتا تەگدى، دەپ ئويلايمەن، ئادىل بولمىدى، دەپ ئويلايمەن.

    ئەسلىمە
    پەرھات مۇھەممەت تەرجىمىسى
     
    بۇ سالقىن تۈزلەڭلىك قويۇق تۇمان، مەيىن شامال، ئىللىق قۇياش نۇرى بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلى بۇ يەردە ئۆتكەن، بۇ يەردە شېكەر قومۇش ۋە ئالما بار. قوناق ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىن چۈجە ۋە كۈركە توخۇلارنى ئېتىزلىققا ھەيدەيمىز، ئېتىزدە ئۇلار چېكەتكە يەيدۇ. ئۆيدىكى قىيا-چىيا قىلىشىۋاتقان بالىلار، نېمىلەرگىدۇ ئالدىراپ كوتۇلداۋاتقان ئانام، ھەممىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتام، كەسكىن ئاكام...ھەممىمىز ئالدىراش بولساقمۇ خۇشال ياشايتتۇق، تىمتاس گۇگۇمنى مۇزىكا ساداسىغا تولدۇراتتۇق. كىملەردۇ ئىسكىرىپكا چالسا، كىملەردۇ نەينى غىڭشىتاتتى، يەنە كىملەرنىڭ بارماقلىرى پىيانو تىللىرى ئۈستىگە قونۇپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ناخشا توۋلايتتۇق.
    -بالىلىقىڭىزدىكى ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان ئەسلىمىڭىز قايسى؟-سورىدىم بىر كۈنى كەيلىدىن.
    -ئۈچ ياش چاغلىرىدىمغۇ دەيمەن-،دېدى ئۇ ئەسلەپ مۇلايىم ئاۋازدا،-بىر قېتىم مەن ئانام قاچا يۇيۇۋاتقاندا ياردەملەشمەكچى بولۇپ، ئۈستەلدىكى گۆش ئالىدىغان يوغان كۆك گۈللۈك تەخسىنى ئالدىم. ئۇ تەخسىنى بوۋام گوللاندىيەدىن ئەكەلگەن ئىدى. مەن تەخسىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ قاچا-قۇچا ئىشكاپىغا سلاماقچى بولدۇم. بۇ تەخسە خېلى چوڭ بولغاچقا، پولنى كۆرەلمەيتتىم. شۇڭا پولدىكى چوقچىيىپ قالغان بىر تاختايغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتام، تەخسە چېقىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، دادام كاچىتىمغا بىرنى سالدى. قىرقىراپ يىغلاپ كەتتىم، ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس، بەلكى يۈرەك ئازابىدىن يىغلىغانىدىم، چۈنكى مەن ئانامغا ياردەم بەرمەكچى ئىدى. گەرچە ھازىر 50 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ئۇ كاچاتنى خاتا تەگدى، دەپ ئويلايمەن، ئادىل بولمىدى، دەپ ئويلايمەن.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەسلىمە