[بوزقىر] ئۈچ كىلومېتىرلىق ئىسلاھات

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-01 08:26:56

ئۈچ كىلومېتىرلىق ئىسلاھاتبوزقىر تەرجىمىسى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،شەندوڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇشتا مەمۇرلارنىڭ ئۈچ كىلومېتىر دائىرىدە ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن ۋېلىسپىت مىنىشى كېرەك...

     

    ئۈچ كىلومېتىرلىق ئىسلاھات
    بوزقىر تەرجىمىسى
     
     
         ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،شەندوڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇشتا مەمۇرلارنىڭ ئۈچ كىلومېتىر دائىرىدە ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن ۋېلىسپىت مىنىشى كېرەكلىكىنى بەلگۈلىگەن. ھەمدە دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق 24ئىدارىگە 100ۋېلىسپىتنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن.بۇ ئىش ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ ، قىزىق نۇقتىلىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
     
        بەزىلەر بۇ تەدبىر قارىماققا شۇنداق يېقىشلىق بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن گۇمانلانغان.ھەتتا بەزىلەر چاق-چاق تەرىقىسىدە مۇنداق دېگەن:سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئەمدى پۇلنى بۇزۇپ-چاچمىغان ۋېلىسپىت قالدىمۇ؟ئەشۇ ۋېلىسپىتىڭلارنى كىملەرمۇ مىنەر؟بۇ خىل قارا يۇمۇر تۈسىنى ئالغان ئۆتۈنۈشلەر بىر خىل ئەندىشە ئېڭىدىن دېرەك بەرمەي قالمايدۇ.
     
        مۇبادا رەھبەرلەر سىرىتقا ئىش بېجىرگىلى چىقسا ئۇنىڭغا ۋېلىسپىت سەپلەپ بېرىلسە جەزمەن قاملاشمىغان ئىشتەك تۇيۇلۇپ قېلىشى ئېنىق.ۋەھالەنكى،چەتئەللەردىكى مەمۇرلار سىرىتلارغا ئىش بېجىرگىلى چىقسا بۇنداق ئىشلارغا ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدۇ.نىيو-يورىك شەھرىنىڭ باشلىقى ۋانكىر.بولۇنبوك سىرىتلارغا چىققاندا مېتروغا ئولتۇرىدىكەن.ھەتتا ئۇ بۇ جەھەتتە مېدىيەلەرنى نازارەت قىلىشقا قورىقماي تەكلىپ قىپتۇ.ھەتتا ئۇ بىر قېتىم مېتروغا چىققاندا ئاخىرقى بېكەتكىچە ئۆرە تۇرۇپتۇ،ھېچكىممۇ بۇ شەھەر باشلىقىغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەپتۇ.بۇنداق ئىشلار  بۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ئوبرازىنى قىلچە خۇنۈكلەشتۈرمەيدىغانلىقى ئېنىق.
     
         دۆلىتىمىزنىڭ خوشنىسى  كورىيەنىڭ پايتەختى سېئولدا 10مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار.ئەمما سېئول شەھرىنىڭ 2007-يىلىدىكى ماشىنا ئىستاتىسكىسىغا قارىغاندا پۈتۈن شەھەردە ئارانلا 47 ھۆكۈمەت ماشىنىسى باركەن.بۇنىڭ ئىچىدە ئازغىنە شەھەر رەھبەرلىرىگە سەپلەپ بېرىلگەن ماشىنىلار ئاران تۆتلا ئىكەن.يەنە كېلىپ ئەشۇ «ئەمەلدارلارنىڭ ماشىنىلىرى»بىر كۈنلۈك ھۆكۈمەت ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن دەرھال شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرىشى زۆرۈركەنكى،شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە قەتئىيلا يول قويۇلمايدىكەن.ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش كورىيەدە باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە ھېساپلانمايدىكەن.
     
             ئۈچ كىلومېتىرلىق دائىرىنىڭ سىرتىغا چىققاندا ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى كىممۇ باشقۇرالىسۇن؟ماشىنا ئىسلاھاتىدا ۋېلىسپىت مېنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ،ئاممىنىڭ كۆزىنى ئۈچ كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدىلا غەلەت قىلغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. ماشىنا ئىسلاھاتى چەتئەللەردە مەسىلە ھېساپلانمىغان بېلەن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە كونامەسىلە بولۇپ قالدى.زادى مەسىلىنىڭ نېگىزى نەدە؟قارىغاندا بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ باقمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى توللۇق تونۇپ يەتكەندىلا ئۇنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغىلى بولسا كېرەك ئەتىمالىم.
     
    http://news.xinhuanet.com/comments/2011-06/21/c_121563364.htm
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.