توردىكى پەرمان

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-16 10:03:41

بىر ئايدىن بۇيان توردا «پارىخور ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈش پەرمانى» دەپ ئاتالغان چاپلىما تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ بىر ئايدا جۇ ئىدارە باشلىقى كومپېيوتېردا بۇپەرماننى كۆرسىلا قورققىنىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى.

    توردىكى پەرمان

    بىر ئايدىن بۇيان توردا «پارىخور ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈش پەرمانى» دەپ ئاتالغان چاپلىما تارقىلىشقا باشلىدى.

    بۇ بىر ئايدا جۇ ئىدارە باشلىقى كومپېيوتېردا بۇپەرماننى كۆرسىلا قورققىنىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. چاپلىمىداجىتيەن شەھرىدىكى 50 پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئىسمى بار ئىدى. توردىكى ئىسمى «تەڭرى خەنجرى» بولغان چاپلىما چاپلىغۇچى تۈرلۈك ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، بىر يىل ئىچىدەبۇ 50 پارىخور ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان ئىدى.

    بىراق بۇ چاپلىما تارقالغان بۇ بىر ئايدا چاپلىمىدا تىلغان ئېلىنغان كىشىلەردىن جاڭ ئىدارە باشلىقى ھاراق ئۈستىدە، ۋاڭ ئىدارە باشلىقى قىمار سورىنىدا، لى ئىدارە باشلىقى ئاشنىسىنىڭ قۇچىقىدا، جاۋ ئىدارە باشلىقى كۆمۈر گازىدا ئۆلگەن ئىدى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ۋۇ ئىدارە باشلىقى بولۇپ، بىرئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم پىكاپقا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە كېتىۋېتىپ، ھەممىسى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئىسىملىكتىكى 6-سى دەل جۇ ئىدارە باشلىقى ئىدى.

    جۇ ئىدارە باشلىقى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ قوغداشنى ئىلتىماس قىلدى، بىراق ج خ ئىدارىسىدىكى خادىم ئۇنىڭغا:«پەقەت توردىكى بىر چاپلىمىنى دەپ ئادەم ئەۋەتىپ سىزنى قۇغدىساق، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز»دېدى. جۇ ئىدارە باشلىقى يېقىن دوستلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قارشى تەدبىرنى مەسلىھەتلەشتى. كۆپچىلىك بىردەك : «قارىغاندا بۇ‹تەڭرى خەنجىرى› ئادەم ئۆلتۈرۈشتە شەپە چىقارمايدىكەن، قۇتۇلىمەن دەپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن»دېيىشتى.

    جۇ ئىدارە باشلىقى گەرچە قورقۇپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۆلۈمنى كۆتۈپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇ قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئاخىر بىر بىخەتەرجاينى ئويلاپ تاپتى: «تۈرمە!» شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇردى.

    ئىسىملىكتىكى باشقا كىشىلەرنىڭمۇ كۆپ ساندىكىلىرى جۇئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇسۇلى باشقىچە بولسىمۇ، ئوخشاش بىر يولنى تۇتۇپ، ھەممىسى تۈرمىدىن ئىبارەت ئەڭ بىخەتەر جاينى تېپىش ئۈچۈن، بەس-بەستە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتى. بۇ شەھەردە ئوخشاش ئىسىملىك ئەمەلدارلا بەكلا كۆپ بولغاچقا، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلار ناھايىتى تىزلا 50دىن ئىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇشەھەرنىڭ پارتىيە ئىستىلى خىلى پاكلىنىپ قالدى.

    چاپلىمىنىڭ بۇ جايدىكى تەسىرى بەك زور بولۇپ كەتكەچكە ج خ ئورگانلىرى ھەر قايسى تەرەپنىڭ بىسىمىغا دۇچ كېلىپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە مەجبۇرى بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ «تەڭرى خەنجىرى» دەپ ئاتالغان چاپلىما چاپلىغۇچى بىر قېتىم تورغا چىققاندا تۇتۇلدى. بىراق دېلو بېجىرگۈچىلەر ئۇنىڭ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن تولۇق ئوتتورا مەكتەپ 1-يىللىق ئوقوغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالدى. دېلو بىجىرگۈچىلەر سوراق قىلدى:

    ـ سەن نىمە ئۈچۈن بۇ چاپلىمىنى ئېلان قىلدىڭ؟

    ـ قىززىقچىلىق بولسۇن دەپچۇ.

    ـ چاپلىمىدىكى ئىسىملىكنى نەدىن تاپتىڭ؟

    ھەممىسى بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىسىملىرى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرمان