دۇنيارىڭدىن يىتسەم بىر كۈنى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-12 16:27:03

يەنە بوران بولۇپ جىسمىم بىر كۈنلەردە ئۆچۈپ كەتسە دېڭىزلار ئارا، كوچا-كويدا كۆرگەن سىيمانى ئوخشىتامسەن سۆيگۈلۈك ماڭا؟!

    دۇنيارىڭدىن يىتسەم بىر كۈنى
    يى مىڭ
    گۈلەندەم مەمەت تەرجىمىسى

    يىتتۈرۈۋەتسەڭ مېنى بىر كۈنى، پۇشايماندا يۈرەرمۇ روھىڭ؟ دۇنيارىڭنى ئىزدەپ تالاي رەت، ھەربىر ياپراق، ھەربىر گىياھتىن سوراپ مېنىڭ يىتكەن جىسمىمنى ياشقا مىلىنىپ يۈرەرمۇ كۆزۈڭ، ئاھ ئۇرارمۇ مىسكىن خىيالىڭ؟!
    ئەگەر بۇ دۇنيانىڭ بورانلىق چۆلى بىر كۈنلەردە غالجىرلىشىپ يىتتۈرۈۋەتسە پېقىر گەۋدەمنى، ياش تۆكەرمۇ ئەزىز تۈنلىرىڭ؟ كېتىۋېتىپ ئۇزاق يوللاردا ئادەم دېڭىزى لەڭ ئۇرغان جايدا، يەتسەم بىردىن يادىڭغا بوپ قۇياش، گاھ ئىزىڭدا توختاپ ئەي دۇنيا، تاڭ قالارمۇ سىرلىق شۇ روھىڭ؟
    ئەجەل يېتىپ ماڭا بىر كۈنى يىتۈپ كەتسەم دۇنيارىڭدىن گاھ، چۈشۈڭ ئىچرە بىخ ئۇرۇپ بىردىن تارتىۋالسام سېنى ئۇيقۇدىن، تۈن كېچىنىڭ سۈكۈتلىرىدىن ئىزدەپ ئاجىز تىنىقلىرىمنى خىيال ئىچرە يۈرەمسەن ئىلاھ؟ جىسمىڭ يۈرسە ئۇيقۇ چۆلىدە، ئۇيقۇسىز روھى كۆزۈڭ بىرلە ئالبومىڭغا تاشلامسەن نىگاھ؟
    شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ناۋادا، يىتۈپ كەتسەم قەلبىڭ چۆلىدە، كېچە-كۈندۈز قاقماستىن كىرپىك، خاتىرەمنىڭ تاتلىق بېتىدىن ئىزدەپ يۈرەمسىز ياشلىق ئوتۇمنى؟ باياۋاندا، چۆلدە، ساھىلدا قېپقالغان تۇتۇق ئىزىمنى، گويا بىلىپ تۇتىياھ زەمزەم، بېرىپ قويامسەن باغرىڭنى بىر رەت يۇتۇۋاتقان تەشنا جېنىمغا؟!
    گاھ ناۋادا بىر كۈنلەر كېلىپ قۇشقا ئايلانسا روھىم كارۋىنى، تاپالماستىن ئورمانلار ئىچرە، دەل-دەرەخنىڭ ئاجىز غولىدىن تېپىۋېلىشنى ئويلايسەن بىردىن، مەن قالدۇرغان ھايات ئىزىمنى؟ ھەربىر تىنىق ھەم ھەر سىرلىرىڭ ئوقۇيالارمۇ بىر ئۆمۈر جېنىمدىن ئەزىز كۆرۈپ يادلاپ چىققان شېئىرىمنى؟!
    ئەگەر يىتۈپ كەتسەم سۆيگۈڭنىڭ چەك-چېكى يوق ئوكيانلىرىدا، سېلىپ قىزىل يۈرەك ئىچىگە ئاشۇ مەن تەشنا يۇمران قولۇڭنى، ماتىلارسەنمۇ دۇنيارىڭ ئىچرە مېنى سېغىنىپ ئۆكسۈپ ياتقان ئەسلىمەڭنى ھەمدە ۋەدەڭنى؟ سىيلاپ-سىيلاپ قويامسەن گاھى ئاينى ھۈركىتكەن ئاشۇ زېرىكىشلىك تۈنلەرنى؟! بىلىپ تۇرار قەلبىم بەلكى كېلىۋاتقان شامالغا سىڭگەن ئىپار ھىدىڭنى، چۈنكى ماڭا ئايان قەلبىڭنىڭ ماڭا تۆكۈلگەن سۆيگۈ قىيانى.
    گاھ تۇلپاردەك قۇياشنى مىنىپ ئۇچۇپ كەتسەم مەڭگۈلۈك يەرگە، ياشلىرىڭنى تۆكەمسەن بىردىن مەن سېغىنغان ئازابسىز دۇنيا؟! ئېزىپ قالسام ئاچلىق چۆلىدە تۆمۈر ئاياغ كىيگىنىمگە ئاھ، ۋىسال قۇشى بولۇپ يېتەمسەن مېنىڭ ئاشۇ يىتكەن گەۋدەمگە بولۇپ زەمزەم ياكى تۇتىياھ؟!
    يەنە بوران بولۇپ جىسمىم بىر كۈنلەردە ئۆچۈپ كەتسە دېڭىزلار ئارا، كوچا-كويدا كۆرگەن سىيمانى ئوخشىتامسەن سۆيگۈلۈك ماڭا؟! تۇتقىنىڭدا ئۇنىڭ قولىنى چاقماق بولۇپ روھىڭ تەلقىنى، گۈلدۈرماما بولۇپ ئۇ سىيما سىلكىۋەتسە يۇمشاق قولۇڭنى، «نېمىشقا؟» دەپ تۆككىنىڭچە ياش قۇچاقلامسەن مەن قالدۇرغان مەڭگۈلۈك سىرنى؟ (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)


     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيقۇ چۆل