قىزلار ،كۆرسەڭلار زىيان تارىتمايسىلەر!!!

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-23 16:08:00

يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى يىگىتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ھېسسىياتىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۈۋەندىكىلەر ئارقىلىق ،ئۇنى...

    يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى يىگىتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ھېسسىياتىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

    ئۇنداقتا تۈۋەندىكىلەر ئارقىلىق ،ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى سىناپ كۆرۈڭ؛

     [1] ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ھېچقانداق مۇھىم ئىشى بولمىسىمۇ ، سىزگە تېلېفون بېرىشنى ئۇنتۇمايدۇ. مەيلى سىز ئىشلەۋاتقان ياكى ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان بۇلۇڭ، قارشى تەرەپ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن بولسىمو، ھېچقانداق سەۋەپسىزلا سىزگە تېلېفون بېرىدۇ ،بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان قايناق ھېسسىياتىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى.

     [2] ئۆزىمۇ ھېس قىلالمىغان ھالدا باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمىگەن سىرلىرىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. قارشى تەرەپ سىز بىلەن بىللە بولغاندا ئۆزىنى ئىنتايىن ئەركىن ھېس قىلىدۇ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى قاتارلىقلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئېيتىپ بېرىدۇ.

     [3] دوسىتلىرىڭىزغا ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

     [4] سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى كۈزىتىدۇ،كۆز ئالدىدا نۇرغۇن گۈزەللەر تۇرسىمۇ ، ئۇنىڭ كۆزىگە سىزدىن باشقىسى كۆرۈنمەيدۇ.

     [5] ئۇچرىشىشقا دەل ۋاقتىدا بارىدۇ،سىز بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۇ بىر كۈن دېگۈدەك تەييارلىق قىلىدۇ.

    [6] ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن بېكىتىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، سىز بىلەن ئۇچراشماقچى بولغاندا، ۋاقتىڭىز چىقماي قېلىشى ياكى باشقا ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.

     [7] سىزنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، سىزنىڭ توختىماي ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرىدۇ، سىزنى بىزار قىلىدۇ، ئەمما نىمىگە ئاچچىقىڭىز كەلگەنى ئۆزىڭىزمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيسىز.

     [8] سىزنىڭ ئۇنتۇپ قالغان، مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرىڭىزنى ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ ، سىزنى توختىماي پاراڭلىشىشقا چاقىرىدۇ، سىز بىلەن كۆپ ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، ئەمما ئەتىسىلا سىزنى يەنە ۋاقىرىدۇ .

    [9] سىزنى باشقۇرماقچى، سىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئۆزىگە ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ، سىزدىن ھايا قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى كەمچىلىكىنى سىزدىن يۇشۇرىدۇ.

    [10] كەسپىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئادەم تەبىئىتىدىكى ياخشى كۆرۈشنى بىلىش، ئىزچىللىق، ئەستايىدىللىق دىگەندەك تۇغما خاراكتىرلار ھەممە نەرسىگە ئورتاق بولىدۇ، كەسىپنى ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ قىزبالىنى ياخشى كۆرەلىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس...كەسپى جەھەتتە ئالا كۆڭۈل بولغان ئادەم قىزلارغا تېخىمۇ ئالا كۆڭۈل بولىدۇ. تەييارلىغۇچى ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال. مەنبە: «شىننجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق