بىر ئاۋازنىڭ رولى

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-13 03:19:00

بىر ئاۋازنىڭ رولى 1645-يىلى ئولۋىر كىرومۋېل بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن پارلامېتقا دۆلەت قوغدىغۇچىسى بولۇپ سايلىنىپ، ئەنگىلىيىنى ئىدارە قىلغان. 1649-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن بۈيۈك بېرتانىيە پادىشاھى...

    بىر ئاۋازنىڭ رولى

           1645-يىلى ئولۋىر كىرومۋېل بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن پارلامېتقا دۆلەت قوغدىغۇچىسى بولۇپ سايلىنىپ، ئەنگىلىيىنى ئىدارە قىلغان.
    1649-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن بۈيۈك بېرتانىيە پادىشاھى چارلىز 1-نىڭ كاللىسى ئېلىنغان.
    1776-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئامېركىنىڭ دۆلەت تىلى بولۇپ قالغان، ھەمدە گېرمان تىلى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
    1800-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئامېركا مۇئاۋېن پىرىزدېنتى ئان لونپۇ دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋەتەنگە ئاسيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ پىرىزدېنتى بولالمىغان.
    1845-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن تېكساس جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بولۇشتىن قېلىپ ئامېرىكىنىڭ بىر شىتاتىغا ئايلانغان.
    1850-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئورىگون ئامېرىكىنىڭ بىر شىتاتى بولۇپ بېكىتىلگەن.
    1859-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ماركوس موتتو ماسساچۇستىس شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقىغا تەيىنلەنگەن.
    1868-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ 17-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ئاندىنۋېر جونسون ئەيىبلىنىشتىن بىكار قىلىنىپ، ئۆز پىرىزدېنتلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان.
    1875-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن فىرانسىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن.
    1876-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن رۇتېرفۇرىد بۇرجاند ئامېركىنىڭ پىرىزدېنتى بولغان.
    1889-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ۋاشىنگىتون ئامېركىغا بىر شىتات قىلىپ بېكىتىلگەن.
    1890-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئىداخو ئامېركىنىڭ ئامېركىغا شىتات قىلىپ بېكىتىلگەن.
    1925-يىلى گېرمانىيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى گېتلىر بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ناتىسستلار پارتىيىسىنى تىزگىنلىگەن. 1941-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى ھەربىي ۋەزىپىنى ئۆتەش تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان.
    1944-يىلى ياپونىيەپارلامېنتىدا بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ھاۋا ھۇجۇمى سوۋېت ئىتىپاقىغا ئەمەس، ئامېرىكىغا قىلىنغان.
    1960-يىلى ھەربىر سايلام رايونىدا بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن كېنىندى ئامېركىنىڭ پىرىزدېنتى بولۇپ سايلىنىپ نىكسون مەغلۇپ بولغان.
    1977-يىلى بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ئان ئاربو مىچىگان شەھرىگە شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
        سىزنىڭ ھەممە ئىشنى قىلالاشىڭىز ناتايىن، لېكىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچىسىنى سىز چوقۇم قىلالايسىز . بەلكىم بىر ئاۋاز ۋاقتى كەلگەندە سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-6 15:57:54]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق