خېرشوف نىمە ئۇچۇن سىتالىنغا ئۆچ ؟

يوللىغۇچى : tohtaji يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-05 21:47:00

خېررېشوف نىمە ئۇچۇن ستالىنغا ئۆچ بولۇپ قالغان؟ خېررېشوف ستالىن ھايات ۋاقىتدا،ئۇنى "ئۆز دادام"دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەچكە، ستالىن ئۇنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تەربىيىلىگەن. ...

    خېررېشوف نىمە ئۇچۇن ستالىنغا ئۆچ بولۇپ قالغان؟

          خېررېشوف  ستالىن ھايات ۋاقىتدا،ئۇنى "ئۆز دادام"دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەچكە، ستالىن ئۇنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تەربىيىلىگەن. بىراق ستالىن ۋاپات بولغاندىن كىيىن، خېررېشوف ستالىنغا قارشى چىققان،ھەتتا ستالىننىڭ جەسىتىنى لېنىن قەبرىستانلىقىدىن يۆتكىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. خېررېشوف زادى نىمە ئۇچۇن ستالىنغا شۇنچە ئۆچ بولۇپ قالغان؟

          لېئانېدنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشى

          رۇسىيە  ك گ ب  ئىككىنچى باش ئىدارىسىنىڭ سابىق بىرنچى مۇئاۋىن باشلىقى ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن مايور ئوچىلوف ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ سىرنى ئېچىپ تاشلىغان.گەرچە بۇ بىرلا ئادەمنىڭ قارشى بولسىمۇ ئەمما يەنىلا كىشىلەرنىڭ تەھلىل قىلىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

          ئوچىلوفنىڭ ئېيتىشىچە،خېررېشوف كۆپ يىللاردىن بۇيان ستالىن قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۇزۇمنىڭ ئاسىيسى سۈپتىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ كەلگەن. خېررېشوف تەختكە چىقىپلا ، ئۆزىنىڭ پرىنسىپغا سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى سىناپ باقماقچى بولغاندەك پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورنىنى يېڭىلىغان. بەزىلەر سۈرگۈن قىلىنغان، بەزىلەر قولغا ئىلىنغان، ھەتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ستالىنغا زەھەرلىك قولىنى سۇنغان. خېررېشوف نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، ئۇ دەل ئوغلى ئۈچۈن ئۆچ ئالغان.

          خېرشوفنىڭ تۇنجى ئايالدىن بولغان بالىسى لېئانېد.خېررېشوف باندىتلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۇم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۇش قارار قىلىنغان. كىيىن پەقەت خېرشوفدەك ئوكرائىنا كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ بىرنچى قول شۇجىسى بولغان دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، جازادىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالغان. كىيىن لېئانېد  كۇيبىشېۋودا يەنە ئىش چىقىرىپ قويغاندىن كىيىن، خېررېشوف سىتالىندىن ئۇنى كەچۈرىۋىتىشنى ئۆتۇنگەن.ستالىن ئۇنىڭ تەلۋىگە ماقۇل بولغان.بۇ دەل ئۇرۇش پارتىلغان مەزگىل بولغاچقا،لېئانېد  جىنايەتى بىلەن ئالدىنقى سەپكە ماڭغان.ھەمدە بىر ئۇچقۇچى بولغان.بىر قېتملىق ئۇرۇشتا،لېئانېد ھەيدىگەن كۆرەشچى ئايرۇپىلان نىمىسلار بار تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ،نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ.كىيىن  لېئانېدنىڭ نىمىسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىق خەۋىرى كەلگەن.ئەڭ ئاخىردا ئۇ نىمىسلارغا تەسلىم بولۇپ،دۇشمەننىڭ قولدىكى بىر كوزۇرغا ئايلىنىپ قالغان.ستالىن بۇنى ئۇققاندىن كىيىن: ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي، لېئانېدنى نىمىسلارنىڭ قولدىن "ئوغۇرلاپ"، موسكىۋاغا قايتۇرۇپ كىلىش  توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۇرگەن.گېرمانىيگە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن"خائىنلارنى تازلاش ئەتىرتى" لېئانېدنى نىمىسلارنىڭ قولدىن قۇتۇلدۇرۇپ،موسكىۋاغا قايتتۇرۇپ ئىلىپ كەلگەن. لېئانېدنىڭ ئىگەللەنگەن جىنايى پاكىتلىرىغا ئاساسەن،موسكىۋا ھەربىي رايۇن ھەربىي ئىشلار سوتى ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

          لېئانېد ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ

          خېرشۇف سىتالىندىن ئىككى رەت ئوغلىنى كەڭچىللك بىلەن بىر تەرەپ قىلشنى ئۆتۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ستالىن سىياسى بىيرۇنىڭ يىغىننى چاقىرىپ، بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. يىغىندا "خائىنلارنى تازلاش ئەتىرتى"نىڭ باشلىقى ئاباكۇموۋ   لېئانېدنىڭ جىنايى پاكتلىرنى ۋە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكىمنى تونۇشتۇردۇ.

          موسكىۋا ئوبكوم ۋە شەركومنىڭ شۇجىسى شېرباكوف تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلگىنى تەكىتلەيدۇ. ئارقىدىن بېرىيە سۆز قىلىدۇ. ئۇ لېئانېدنىڭ كىيىۋ ۋە كۇيبىشېۋدىكى جىنايى پاكىتلىرنى ئىگىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ئىككى ئىشنى تىلغا ئېلىپ،ئۇنىڭغا ئاللىقاچان ئىككى قېتىم كەڭچىللىك قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.چاگاننوۋىچ ۋە مولتوفلارمۇ ئۆزلىرنىڭ كۆز قارشنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ھەممە بىردەك ئەسلىدىكى ھۆكۇمنى كۈچكە ئىگە قىلش كىرەك دەپ قارايدۇ.ئەڭ ئاخىردا ستالىن ئىپادە بىلدۇردۇ. ستالىننىڭ قارار چىقىرىشىنىڭ باشقىلارغا قارغاندا  تەسىرەك بولۇشنىڭ  ئىھتماللىقى كۆپرەك ئىدى. چۇنكى ئۇنىڭ چوڭ ئوغىلى ياكوفمۇ نېمسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ستالىن ئۆزىنىڭ قارارىنى ھۆكۈمنامىگە يېزىپ، خېرشوفقا بىرىپ، مۇنداق دەيدۇ:"يولداشلارنىڭ پىكىردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قوللاش كىرەك. ناۋادا مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالسام، بىر ئاتا بولۇش سۇپتىم بىلەن قاتتىق ئازابلانغان ھالدا بۇ ئادىل ھۆكۈمنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم"

          خېررېشوف ئوغلى ئۇچۇن ئۆچ ئالغان

          خېررېشوف تەختىكە چىققاندىن كىيىن ، ئۆزىنى نارازى قىلغان كىشلەردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ تەخىتكە چىققان ئىككىنچى كۈنىلا، موسكىۋادىكى شېرباكوفنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان شېرباكوف رايۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شېرباكوف خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇلىنى بۇزۋەتكەن. ئارقىدىنلا بېرىيەنى قولغا ئالغان.  سوت ئۇنى "جاللات ۋە خەلقئارا جاھانگىرلىكنىڭ جاسۇسى"دىگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۇمگە ھۆكۈم قىلغان. ئەمما بېرىيە دىلۇسنىڭ تەكشۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلنىش ماتىرىيالىنى ھىچكىم كۆرمىگەن.

          سوۋىت كومپارتىيسنىڭ 20-قۇرۇلتىيدا، خېررېشوف سىتالىندىن ئۆچ ئىلىشنى باشلىغان. ئۇ سىتالىننى زالىم پادىشاھ ، خەلقنى قۇل قىلغۇچى دىگەن. شۇندىن ئىتبارەن ستالىنغا قارشى تۇرۇش ھەركىتى پۇتۇن مەملىكەت مىقىياسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى گ ك پ مۇھاپىزەتچىلەر باش ئىدارىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لىيتنانت گىنرال  دوكايېۋ 1996-يىلى "موسكىۋا-كېرمىۋېل سارىيى-مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرتى "ناملىق بىر پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ،ئۇ مەزكۇر كىتاۋىدا خېرشوفنىڭ 20-قۇرۇلتاي چاقىرلىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە يېقىنلىرىغا دىگەن مۇنۇ گىپىنى نەقىل كەلتۇرگەن:"گەرچە ستالىن ئالىقاچان بىر جەسەدگە ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما مەن يەنىلا ئوغلۇمنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ قانداقلىقىن ئوبدان كۆرستىپ قويىمەن "مانا بۇ بىر جۇملە سۆز ئۇنىڭ ستالىنغا قارشى تۇرۇش مەقسىدىنى تولۇق ئاشكارلاپ بىرىدۇ.

          بىراق خېرشوف1964-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى ، ھېندۇنۇزىيە زۇڭتۇڭى سوخارنو بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قارا دېڭىز ساھىلىگە ئارام ئىلىشقا كەتكەن مەزگىلىدە، بېرژېنۋنىڭ موسكىۋادا سىياسىي ئۆزگۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى خيالىغمۇ كەلتۈرۇپ باقمىغان ئىدى. موسكىۋاغا قايتىپ كەلگەندە ئۇنى كۈتۇپ تۇرغىنى "پىنسىيگە چىقىش ئىلتماسى"غا قول قويۇشلا ئىدى.

          بەختىگە يارىشا ئۇ "شەرەپ "بىلەن پىنسىيگە چىقىپ، ھاياتنى ساقلاپ قالدى.1971-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۇنى ،خېررېشوف ھايات مۇساپىسنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ ئىلگىرى سوۋىت كومپارتىيىسى مەركىزى كومتىتىنىڭ باش شۇجسى بولغان بولغاچقا ،قائىدە بويىچە ئۇنى قىزىل مەيداندىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلەر قەۋرىستانلىقىغا قويۇش كىرەك ئىدى. بىراق خېررېشوف ھايات ۋاقىتدا ستالىن بىلەن بىر يەردە يېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىيتقان ، ئۇنىڭ ئۇسىتگە   بىرژېنۋمۇ ئۇنىڭ قەۋرىسنى قىزىل مەيدانغا قاتۇرشقا قوشۇلمىغانلىقى ئۇچۇن ، يېڭى ئىلاھ ئايال قەۋرىستانلىقىغا قويۇلغان. قارغاندا،خېررېشوف تاكى ئۆلگىچە سىتالىنىنى كەچۈرمىگەن، ھەتتا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ستالىن بىلەن بىر يەردە يېتىشنى خالمىغان.

     ---------------------------------------

    قەشقەر كونشەھەر ناھىيە ئاۋات يېزا ئوتتۇرا مەكتەپدىن توختىھاجى يۈنۈس تەرجىمسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق