تارىختىكى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان جازالاش ۋاستىلىرى

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:28:20

تۆۋەندىكى جازالاش ئەسۋاپلىرى تارىختىن بۇيان جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ،ئەخلاقسىزلىق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار ئارىسىدا...

    تۆۋەندىكى جازالاش ئەسۋاپلىرى تارىختىن بۇيان جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ،ئەخلاقسىزلىق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش رولىنى ئوينىغان.                                                                   
      1 . ئۈچەينى سۇغۇرغۇچى غالتەك
     

     
                                               
    جىنايەتچى تىرىك ھالدا ئۇستەلگە باغلىنىلىپ،قورساق قىسمى پىچاق بىلەن جازالىغۇچىنىڭ قولى پاتقۇدەك دائىرىدە كېسىلىدۇ.ئاندىن ئىلمەك بىلەن كىچىك ئۈچىيى ئاشقازاننىڭ تېگىدىن  پىچاق بىلەن ئاجىرتىلىپ چىقىرلىپ غالتەككە چىگىلىدۇ. غالتەكنىڭ ئاستا-ئاستا يۈرۈشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ جازالانغۇچىنىڭ ئۈچەيلىرى بىر دىيۇم بىر دىيۇمدىن سۇغۇرلۇپ چىقىدۇ.بۇ جازا گەرچە جىنايەتچىلاردىن ئۇچۇر ئىگەللەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بولسىمۇ،لېكىن جازا ئىجرا قىلىش باشلىنىش بىلەنلا مەناسىنى يوقۇتىدۇ.چۈنكى بۇ خىل جازادا ھېچكىم ئامان قالمايدۇ.يەنى جازالانغۇچى چەكسىز ئازاپلىنىپ ۋە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.                                           

      2.قوزۇق 
     


                                         

    قوزۇققا قېقىش جازاسىنىڭ ئاساسلىق مەناسى بولسا ئۇچلۇق قوزۇقنى بەدەندىكى مەلۇم ئورۇنغا سانجىپ تېشىۋەتمەكتۇر.بۇ خىل جازانىڭ ئالاھىدىلىكى گىرافىكلىقلىقدا بولسا كېرەك. جازالانغۇچىنىڭ ئاشقازان ياكى كۆكرەك بوشلۇقىدىن ئۇچلۇق قوزۇق سانجىلىدۇ(بۇ خىل جازا قوزۇقى مەخسۇس ياسالغان بولۇپ،ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ،يان تەرىپىگە بولسا ياغاچ مىقلار قېقىلغان ).ئەگەر قوزۇق جازالانغۇچىنىڭ ئارقا تەرەت يولىدىن دەل جايىغا سانجىلسا،پۈتۈن بەدەننى تېشىپ ئۆتۈپ،ئاخىرىدا ئاغزىدىن تېشىپ چىقىدۇ.رەھىمسىز جازالىغۇچىلار جازالانغۇچىنى دەرھال ئۆلمەيدىغان بىر ئۇسۇلدا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ.يەنى جازالانغۇچىنىڭ بىر تەرەپكە سېرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر قانچە قوزۇقلار بىلەن بەدىنى تو ختۇتۇلۇپ تەڭپۇڭلۇق ساقلىنىلىدۇ.شۇنچىكىم بىر تىپىرلاش ياكى مىدىراش قوزۇقلارنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرى كىرىپ كىتىشگە سەۋەپ بولىدۇ.بۇ خىل جازادا جىنايەتچى نەچچە كۈن ناھايىتىمۇ قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.   

      3.رامكا جازاسى                                                                          
            

    بۇ خىل رامكا ياغاچتن ياسالغان بولۇپ،ئىككى تەرىپىگە دۈگىلەتمە ئورۇنتۇلغان.جازالانغۇچى رامكىغا ياتقۇزۇلۇپ،قول ۋە پۇت بېشغىشلىرى قىمىرلىيالمىغىدەك قىلپ  ئىككى دۈگۈلەتمىگە باغلىنىلىدۇ. بۇ ئىككى دۈگۈلەتمە قارشى يۆلىنىشتە   تاكى جازالانغۇچىنىڭ بېغىشلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئاستا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

    بۇ ئۇسۇل جىنايەتچىلەردىن ئۇچۇر ئىگەللەش ۋە ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان بولۇپ،جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن باشقا جىنايەتچىلەرمۇ ئېلىپ چىقىلپ ئۆزىلىرىنى قانداق جازا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ.

    جازالانغۇچى سۆزدىن قالسىمۇ ،دۈگۈلەتمە توختىتىلماي ئايلاندۇرۇلۋىرىدۇ ھەمدە ئاخىردا جازالانغۇچىنىڭ بىلەكلىرى قولتۇقىدىنلا چاچراپ چىكىتىدۇ.بۇ خىل جازا رامكىسىنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ،يۈز قىسمىدا تېشىغا چىقىپ تۇرغان مىقلار جازالانغۇچىنىڭ دۈمبىسىگە كىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ،ئىككى تەرەپكە تارتىلغاندا تېرىلىرى سويۇلۇپ،مۇسكۇللىرى تىتىلىپ كېتىدۇ.    

         4.سىرتىماق                                                                                 
     



    جازالانغۇچى تۈز يۈزلۈك تاختىغا ياكى مېتال توقماققا دۈمبىسى تىرىلگەن ھالدا باغلىنىدۇ.بوينى خۇرۇم،زىخ ياكى مىتال باغ بىلەن كەينىدىكى چاق ياكى غالتەككە باغلىنىدۇ.چاق جازالانغۇچىنى ئازاپلىغان ھالدا ئاستا-ئاستا ئايلاندۇرۇلىدۇ.جازالانغۇچىنىڭ بوينى سۇنۇپ نەپىسى بوغۇلۇپ ئۆلىدۇ.بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ بەزىلىرىگە تىغ ۋە چۇچا قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،چاق ئايلانغاندا بويۇن ئومۇرتقۇسىنىڭ تېزراق ئۇشتۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرلىتىدۇ.     
        5.قامچا  


     قامچا تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان جازر تۈرى بولۇپ،قەدىمكى رىمدا،ئامىركا ئىچكى ئۇرۇشىدا (قۇللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ) كۆپ ئىشلىتىلگەن. بۇ جازا ئىسلام دۆلەتلىرىدە ۋە بىر قىسىم شەرىق دۆلەتلىرىدە ھېلىھەم قوللىنىلماقتا.

    قامچىنىڭ تۈرى ھەرخىل بولۇپ،ئاساسلىقى ئات قامچىسى بىلەن توققۇز ئۆرۈمىلىك قامچىدىن ئىبارەت.بەزى قامچىلارنىڭ ئۇچىغا مېتال پارچىلىرى بىلەن ئۇچلۇق نەرسىلەر ئورنىتىلغان.قامچا زەربىسى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ،جازالانغۇچىنىڭ قامچا تەككەن يەرلىرىنىڭ گۆشلىرى چاچراپ چىكىتىدۇ.ئادەتتە بۇ خىل جازادا جازالانغۇچىنىڭ بىر كۆزىنى قۇيۇۋىتىش چوقۇم ئىجرا قىلىنىدۇ.جازالانغۇچى قانسىراپ شۈك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكۈچە قامچا ئۇرۇلىدۇ.  

        6.ئىسپانىيە ئۆمچۈكى                                                                    
           

    بۇ ئۈسكۈنە مەخسۇس ئاياللارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ،ئۇچلۇك قىسمى ئالدى بىلەن قىزدۇرۇلۇپ.ئاندىن جازالانغۇچى ئايالنىڭ كۆكرەك قىسمىغا سانجىلىدۇ.قىززىق مېتال گۆشنى تېشىپ ئۆتكەندە كۆكرەك بەدەندىن ئېتىلىپ ئاجىرلىپ كېتىدۇ.بۇ خىل جازانىڭ ئوبىكتى زىناخۇر ئاياللار ۋە قەستەن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغۇچىلار بولىدۇ.

    بۇ ئەسۋاپنىڭ باشقىچە ئىشلىتىلىشىمۇ بولۇپ،جازالانغۇچىنىڭ كۆكرەك،قورساق ياكى ھەر قانداق بىر يېرىگە قىززىتىلىغان ئىسپانىيە ئۆمچۈكى سانجىلىدۇ. .ئاندىن بۇ ئۈسكۈنە بىلەن تورۇسقا ئېسىپ قويۇلىدۇ.جازالانغۇچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى جازا ئەسۋابى سانجىلغان يارا ئېغىزىغا چۈشكەنسىرى تېرە-گۆش بارا-بارا تارتىلىپ ئاخىرى شۇ يارا ئېغىزىدىنلا پارچىلىنپ كېتىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا جازالانغۇچى ھەددىدىن زىيادە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. 
            7.قىسماق                                                                                       
      
     
    بۇ جازا جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگودا ئىشلىتىىلگەن بولۇپ،جازالانغۇچىنىڭ بارماقلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن جازا ئەسۋابىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن،بارماقلىرى ئاستا ئاستا ئوشتۇلىدۇ.بۇ خىل جازانىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،چەكسىز ئاغرىق سېزىمىدىن باشقا،تەكرار ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.بىچارە جازالانغۇچى قايتا قايتا ئېلىپ بېرىلغان جازا تۈپەيلى بارماق سۆڭەڭلىرى ئۇۋۇلۇپ كېتىدۇ. 

            8. ۋېنتا                                                                                         
      
     
    جازالانغۇچىنىڭ باش بارمىقى بۇ ۋېنتىنىڭ ئىچىگە ئېلىنىدۇ.ۋېنتىنىڭ ئۇچلۇق چىشلىرى بارماققا پېتىپ تۇرىدۇ.ۋېنتا بۇرالغاندا بارماقلار ئۇۋۇلۇنۇپ كېتىدۇ.بۇ ئەسۋاپ ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن كىشىگە ئەكىلىدىغان ئازابىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.گەرچە بۇ جازا باشقىلاردەك بەك ۋەھشى بولمىسىمۇ،لېكىن قولىڭىزنى ئىشىك قىسىۋالغان چاغىدىكى ئاغرىقىنى ئەسلىسىڭىز ۋە ئۇنى ئەڭ چەكسىز جەھەتتە تەسەۋۋۇر قىلسىڭىزلا بۇ ئەسۋابنىڭ كارامىتىنى ھېس قىلالايسىز. 
     
        9. ئارا


    بۇ جازا ئاساسى جەھەتتىن غەيرى دىندىكىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان.بۇ ئارىنىڭ ئىككى بېشىغا ئۆتكۈر چىش ئورنۇتۇلغان بولۇپ،بىر بېشى ئېڭەكنىڭ ئاستىغا يەنە بىر بېشى تۆش سۆ ڭەككە تىرەلگەن ھالدا جازالانغۇچىنىڭ بويۇن قىسمىغا ئورۇلىدۇ.بۇ خىل جازادا جازالانغۇچى چوقۇم بېشىنى تىك تۇتۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا ئارا سانجىلىپ كىرىپ جاننى قاقشىتىدۇ.بۇ خىل جازانىڭ ئالاھىدىلىكى جازا ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ قان كۆپ چىقمايدۇ.جازالانغۇچى ئۇيقۇسىزلىق ۋە زىيادە ھارغىنلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ.    
            10. ئېغىزدۇرۇق      

     
    بۇ ئەسۋاپ 1500-يىللىرى ئەنگىليە ۋە شوتلاندىيەدە بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ،19 -ئەسرنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلىتىلگەن. ئېغىزدۇرۇق بولسا شۆپۈك ئېغىز ،جاۋۇلداق  ۋە غەيۋەتخور ئاياللارنىڭ بېشىغا كەيدۈرلۈپ قۇيۇلدىغان تۆمۈر قاپقاق بولۇپ،ئېغىز تەرىپىگە بىر سۇڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۇچلۇق مىق ئورنۇتۇلغان بولۇپ،بۇ ئايالنىڭ تىلىغا سانجىلىپ تۇرىدۇ.ئېغىزىنى شۇنچىلىكىم بىر مىدىرلىتىش ئۇچلۇق مىخنىڭ تىلغا سانجىلىشىنى ئىلگىرلىتىپ،ئاخىرى تىلنى كېسىپ تاشلايدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن شۇ ئايالنىڭ ساختىپەز ئېغىزى بويسۇندۇرۇلغان بولىدۇ.بۇ يەتمىگەندەك،بۇ ئايال بوينىغا ئارقان باغلىنىپ،پۈتۈن بازارنى ئايلاندۇرۇلۇپ سازايى قىلىندۇرۇلىدۇ،كىشىلەر ئۇنى تىللاپ،مەسخىرە قىلىدۇ. پۇخادىن چىقمىغانلىرى ئۇنى تاش بوران قىلىدۇ ياكى قاتتق نەرسىلەر بىلەن تازا ساۋايدۇ.

     مەنبە--

    -     http://listverse.com/2010/07/18/10-additional-gruesome-torture-devices/  

           Lady-Uyghur  -تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جازالاش قوراللىرى