جۇڭگونىڭ ئىمپورتى دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-25 17:52:02

جۇڭگونىڭ ئىمپورتى دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى ئامېرىكىنىڭ مالىيە مېنىستىرى گايتېنا ئامېرىكا پارلامېنتىدا خەلق پۇلى توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ...

    جۇڭگونىڭ ئىمپورتى دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى

     

          ئامېرىكىنىڭ مالىيە مېنىستىرى گايتېنا ئامېرىكا پارلامېنتىدا خەلق پۇلى توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە جۇڭگو ئىمپورتىنىڭ ئىشىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. 2010 – يىللىق جۇڭگو ئىمپورت مۇنبېرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قاتناشقان 9 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېڭىدىن كۆپەيتكەن ئىمپورت قىلىش كۆلىمى 100 مىلىيارت دوللارغا يېقىنلاشقان ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگو ئىمپورت سودىسىدا ئىگىلىگەن سالمىقىمۇ ئىلگىرىكى %1 چامسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 2009 – يىلىدىكى %8 كە يەتكەن، جۇڭگو يالغۇز دۇنيا بويىچە 1- چوڭ ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا بويىچە 2- چوڭ ئىمپورت قىلىغۇچى دۆلەتكە ئايلانغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى سودا تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، تاشقى سودىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت – قىلىشنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى كەڭلىك ھەم چۇڭقۇرلۇق جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىمپورت تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيىىسنى %9.8 تۆۋەنلەتتى. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان %46.6 لىك ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى سەۋىيىسىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ.

    7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو يەنە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا نۆل تاموژنا بېجى مۇئامىلىسىنى قەدەم – باسقۇچلارغا بۆلۈپ قوللىنىپ، سودىنى قۇلايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تېزلىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىمپورتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى.

    ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ ئىمپورتنى كېڭەيتىشى، يالغۇر ئۆز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان ماددىي ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ غايەت زور بازار پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىنى قوزغىتىدىغان بىر قاتار پىلانلارنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى سىجىل – تېز سۈرئەت بىلەن ئۆستۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ، ئىمپورتقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى يېتەكلىدى. كىرزىس يامرىغان 2009 – يىلى، ئاۋستىرالىيە، برازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىكسپورتىنىڭ ئېشىش سالمىقى يەنىلا %20 تىن يۇقىرى بولۇپ، جۇڭگو بۇ ھەرىكىتى بىلەن، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، برازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 1 – چوڭ ئىكسپورت بازىرىغا ئايلاندى.

    ئامېرىكا تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2010 – يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاۋار ئېكسپورت مىقدارى 2009 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %36 يۇقىرى بولۇپ 2008 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %16 ئاشقان؛ بۇنىڭدىن مۇنداق بىر سېلىشتۇرما كېلىپ چىقىدۇ: ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا رايونلارغا قارىتىلغان تاۋار ئېكسپوت مىقدارى 2008 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %8 ئازايغان.

    جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشاش ئەمەس، ھەر قايسىسىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بۇ ئەھۋال، سودىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز – ئارا مەنپىئەت يەتكۈزۈشى – ئۆز – ئارا مەنپىئەتلىنىشى، تەكشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئاساسىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

    2010 – يىللىق جۇڭگو ئىكسىپورت مۇنبىرىدە، جۇڭگو سودا مېنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن ئىمپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىمپورتىنىڭ قولايلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىستېمىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت 3 جەھەتتە 8 تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىشنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئەمما، جۇڭگو ئىچكى بازارنى داۋاملىق ئېچىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر مۇنچە دۆلەتلەر ئەكسىچە توسالغۇ قۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىكسپورتقا خىلمۇ – خىل چەكلىمىلەرنى قويدى. مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان يۇقىرى تېخنىكا ئىكىسپورت قىلىش جەھەتتىكى كۆپلىگەن چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، 2001 – يىلى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %18.3 ئىگىلىگەن بولسا، 2008 – يىلىغا كەلگەندە %7 كە تۆۋەنلىدى. ئىكىسپورتنى تىزگىنلەش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، يالغۇز ئاتالمىش سودىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەنپىئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار جەھەتتىكى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىكىسپورتنى چەكلەش تۈپەيلىدىن، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا كارخانىلىرى سودىدا 100 مىلىياردلىغان زىيان تارتقان.

    قوش تەرەپ سودىسىدا يولنى ئېچىۋېتىش ھەم راۋانلاشتۇرۇش، سودىدا تەڭ – تەكشى تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولى. خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ قارا تۇمانلىرى تېخى تولۇق تارقىلىپ بولمىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كىلىماتى ئىللىشقا يۈزلەنگەن ھالقىلىق پەيتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بازارنى ئېچىۋېتىشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ جاسارىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر پەقەت قول تۇتۇشۇپ، سودا قۇرۇقچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا سودىسىنىڭ سىجىل، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. (دۇخەيتاۋ)  تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد بارات

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.