قىزلار تەربىيىسى(ئەلىي نەزىما)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-21 09:08:30

قىزلار تەربىيىسىئەلىي نەزىمائۆزبېكچىدىن ئاغدۇرغۇچى: ۋەلى كېرىم كۆكئالىپقىزلار ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش، ئۆي تۇتۇش، ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىش، كېلىنلىكنى، ئانىلىقنى لايىقىدا ئادا...

    قىزلار تەربىيىسى
    ئەلىي نەزىما
    ئۆزبېكچىدىن ئاغدۇرغۇچى: ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

     



    قىزلار ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش، ئۆي تۇتۇش، ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىش، كېلىنلىكنى، ئانىلىقنى لايىقىدا ئادا قىلىش، ئومۇمەن ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىشى كېرەك؟
    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان تۈركىيە ئالىمى ئەلىي نەزىمانىڭ «قىزلار تەربىيىسى» ناملىق بۇ كىتابىدىن ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىڭىز مۇمكىن.



    ئۆي تۇتۇشنى بىلىش



    قىلىچ تۇتقان سەركەردىدىن يىڭنە تۇتقان ئايال ئارتۇقتۇر. (شەرق ھېكمەتلىرىدىن)
    ئۆي ئىشلىرى، ئۆيدىكى ئەزالارغا قاراش، تېگىدىن ئېيتقاندا بىر ھۈنەر بولۇپ، بۇ خوتۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياش قىزلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىشكە كىرىشىشى زۆرۈردۇر، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ھۈنەردۇر.


    بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىشتىن مەقسەت، مۇمكىن قەدەر ئاز خىراجەت بىلەن كۆپ بايلىق ۋە مال تاپقانغا ئوخشاش، بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگەن خوتۇن ئۆز نۆۋىتىدە چېۋەرلىك بىلەن ئىش قىلىشنى، ئېھتىياتچانلىق، پاكلىق، كۆركەم تەرتىپ، ئىشچانلىق، ئۆينىڭ پايدىسىغا تىرىشىشقا ئوخشاش بىر نەچچە خاسىيەتلەرنىمۇ بىلىۋالالايدۇ.


    بىز بۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خاسىيەتلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش تۇتۇش ۋە ئائىلە كىرىم چىقىمى توغرىسىدا سۆزلەيمىز. ئۆيىڭىزدە مۇكەممەل بىر قائىدە– تۈزۈم بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى ئاڭلاڭ:
    ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە بىر ھېساب دەپتىرى تۇتۇۋېلىڭ. ئەگەر ئېنىق بولسا، كىرىمىڭىزنىڭ ھەممىسىنى شۇ دەپتەرگە يېزىڭ. ئاندىن بىر يىلدا قانچە خىراجەت قىلىش كېرەك بولىدۇ، شۇنى يېزىڭ، لېكىن كىرىمىڭىزنى يازغاندا باي بولمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ناھايىتى باي بولۇش ئۈمىدى بىلەن ھېساباتتا يېڭىلىشمەسلىككە ھەرىكەت قىلىڭ.
    خىراجىتىڭىزنى ئۈمىد قىلغىنىڭىزدىكىدەك ئەمەس، قولىڭىزدىكى بايلىقىڭىزغا قاراپ سەرپ قىلىڭ. بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك ئىقتىساد قىلالىغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز، پېقىرلارغا بېرىدىغان ياردىمىڭىزنىمۇ ئۇنتۇماڭ، شۇندىلا ئايدا ياكى كۈندە قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزنى بىلىسىز، كىرىمىڭىزنى ھېسابلىغاندىن كېيىن (ئەگەر بولسا) يېمەك– ئىچمەك، كىيىم– كېچەككە خەجلەيدىغان خىراجىتىڭىزنى تەييارلاپ قويۇڭ ھەم ئۇنى خەجلىۋەتمەسلىككە تىرىشىڭ. ئەگەر كىرىۋاتقان كىرىمىڭىز چىقىمىڭىزغا يەتمىسە، ئىشلەپ پۇل تېپىڭ. بىر كىشى خەجلەيدىغان نەرسىسى بولمىغانلىقى بىلەنلا پېقىر بولۇپ قالمايدۇ، ئىشلىمىگەنلىكى بىلەن پېقىر بولۇپ قالىدۇ، ئىش تىرىشقان كىشىنى ھەر ۋاقىت تەربىيە قىلىدۇ، ساقلايدۇ. ئەگەر ئارتۇق چىقىملىرىڭىز بىلەن يانچۇقىڭىزدىن چىقىپ تۇرغان بىھۇدە پۇللارنىڭ كۆزىگە قارىمىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇسىز ۋە پۇت– قولىڭىز باغلانغان قەرزدارغا ئايلىنىسىز، بۇ چاغدا سىزگە كۆپ زىيان بولىدۇ. ئۆي تۇتقاندا كىچىككىنە قەرزمۇ كىيىمدىكى يىرتىققا ئوخشايدۇ. ھازىرچە ئانچە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمىسىمۇ، يامالمىسا بارا– بارا چوڭىيىدۇ، ھاسىلكالام شۇكى، كۈچىڭىز يەتكىچە قەرزنى تۆلىۋېتىڭ، ياخشى قىلغان بولۇرسىز.


    ئەمدى سىز تۇتقان خىراجەت دەپتىرىدىن سۆز قىلايلى. بىر ئۆيدە ئۆي بېشى بولغان خوتۇن تۇتۇلغان خىراجەت دەپتىرىگە كۈندىكىنى كۈندە يېزىپ قويىدۇ، مىڭ تۈرلۈك مېھنەت– مۇشەققەتلەر ئىچىدە بولسىمۇ، بىر كۈن ئىچىدە تۇتۇلغان پۇلنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويماي، ئۇيقىسىراپ ئولتۇرماسلىققا ئادەتلىنىش لازىم. ئۆي بېشى بولغان خوتۇن غەپلەتتە قېلىپ، تۇتقان خىراجىتىنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر دەپتەرنى ھۇجرىسىدا، كۆز ئالدىدا، ياخشىسى يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرۈشى لازىم. قايسى ۋاقىتتا ئۆي تۇتۇشقا، ئىشنى ئىنچىكىلەپ ئىشلەشكە تىرىشمىغان خوتۇنلارنىڭ: «كىشى سەرپ قىلغان خىراجىتىنى كۈندىكىنى كۈندە دەپتەرگە يېزىپ قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، قانچە تۇتۇلغىنىنى كۆرۈپ قورقۇش ئۈچۈنمۇ، تۇتۇلغىنى ئۈچۈن يازغان نەرسە قايتا ئورنىغا كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە توغرا پىكىر ئەمەستۇر، بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىشى قىلغان چىقىملىرىنى يېزىپ قويسا، چۆنتىكىدىن چىققان پۇلىنىڭ سانىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بىر ھەپتە ئارىسىدا تۇتۇلغان پۇلنىڭ سانى شۇ ھەپتىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك مىقداردىن ئاشسا، پۇلنى قىسىپ خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. كېيىن ئېرى غەللىدە خەجلەيدىغان ئاقچا قالمىغىنىنى كۆرۈپ ئەجەبلەنسە، ئۆي تۇتقۇچى خوتۇن ئۇنىڭغا سېتىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ۋە بۇلارغا كەتكەن پۇل بىلەن يېمەك– ئىچمەككە كەتكەن پۇللارنىڭ سانىنى يازغان دەپتىرىنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدۇ. تەجرىبىلىك خوتۇن قىلغان خىراجەتنىڭ تۈرى بويىچە دەپتەردە ئايرىم بەت ئاچىدۇ. مەسىلەن، كىيىم كېچەك، نان، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە باشقىلار ئۈچۈن مەخسۇس بەتلەرنى ئاجرىتىدۇ. يىل توشقاندىن كېيىن ھەممىسىنى جەملەپ ھېسابلاپ چىقىدۇ، بىر ياقتا كىرىم، يەنە بىر ياقتا چىقىم يېزىلغان بولىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا ئايال (ئائىلە ئەزالىرى) ئۈچۈن خۇشاللىق ياكى خاپىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر چىقىمى كىرىمىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆيى ناھايىتى تېز خارابلىققا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە چىقسا، كىرىمنىڭ چىقىمدىن ئاشقىنى قولىدا قالغان بولسا، ئېرى ياكى بالىلىرى ئۈچۈن بىرەر كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا بىردىن– بىردىن تۇتۇپ يىغقان پۇلى ئۇنىڭغا يەتسە قانداق ياخشى. «كىرىمىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىش ئەقىلسىز كىشىنىڭ ئىشى، كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ يېتىۋېلىشمۇ ئەقىلسىزنىڭ ئىشى، ئورۇنسىز چىقىمنى ئاز قىلىش ئەقىللىق كىشىنىڭ ئىشىدۇر» دېگەن ئادەملەر ناھايىتى توغرا ئېيتقان. كىرىم بىلەن چىقىمنى ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئەر بىلەن خوتۇن بىر قارارغا كېلىۋالىدۇ. ئەگەر كىرىم ۋە چىقىمدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە، ئۆيدە قىلىنغان چىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن– بۇنىڭدىن چىقىرىۋېلىشنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىدۇ، ھەر ئىككىسى كېرەك بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىقنى، زۆرۈر بولمىغاندا پۇل خەجلىمەسلىكنى قارار قىلىدۇ، بۇ كەمچىلىكنى كېلەر يىلى كىرگەن كىرىمىدىن ئاشقىنى بىلەن تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    خانىم– قىزلار، سىلەرمۇ نەق شۇنداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىڭلار، سىلەرمۇ قايسىدۇر چىقىملارنى ياكى بولمىسا كىيىنىشكە، زىننەتكە، كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بېرىلگەن پۇلنى، كۈنلۈك چىقىملارنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويۇپ، ياش ۋاقتىڭلاردىن باشلاپ ھېسابات قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار.



    خوتۇنلارغا ئىلىم ۋە تەربىيە ئۆگىتىش



    خوتۇنلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشى، بىلىملىك بولۇشى ياخشىمۇ ياكى بولمىسا ئۆي تۇتۇش توغرىسىدا لازىم بولغان، ئۇنى قىلماسلىق مۇمكىن بولمىغان بىر نەچچە خىزمەتلەرنى ئۆگىنىشتىن باشقا مەلۇماتى بولمىغىنىمۇ، زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇ سوئال خوتۇنلارنى خارلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۇشبۇ رەۋىشتە جاۋاب بېرىمىز. ياش بىر قىز توغرا، مۇستەھكەم، كەڭ، ھەتتا يېشى توشقان بولسا، تولۇق تەلىم– تەربىيە كۆرسۇن، ئەقلىنىڭ قۇۋۋىتىنى، زېھنىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇنىڭدىن ھېچقانداق نەرسە قىزغىنىلمىسۇن. ئادەملەر يەرگە ئوخشاش ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلسە، چاتالمىغان دەرەخ پۇتىقىغا ئوخشاش قالايمىقان يېتىلىپ قالىدۇ. ئەرلەرگە ئوخشاش خوتۇنلارمۇ ئەقىل، قائىدە– يوسۇن بىلىش ئۈچۈن ياكى بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئىرادە ۋە ئېزگۈلۈك ئىگىلىرىدۇر.


    شۇنداق بولغاچقا ھېچنەرسە ئۆگەنمەي، پەقەت ئۆيدە ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئاسان بولۇرمۇ؟ خوتۇنلار قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەر بىرى بۇ ھاياتنىڭ نېگىزىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ، ئۆيلەرنى خاراب قىلغان ياكى ياخشى تۇتقان، ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز ئورنىغا قويغان، ئائىلە ئەزالىرىغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى لايىقىدا قىلغان خوتۇنلار ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئىلىم ئۆگەنگەن، تەربىيە كۆرگەن بىر قىزنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ياخشى ۋە لايىقىدا بېجىرەلىشىگە ئىشىنىش كېرەكتۇر. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى، سالامەتلىكى ۋە ئانىلىقنىڭ، ھەمراھلىقنىڭ ئادا قىلىنىشى، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشى ئۈچۈن قىزلارغا مۇستەھكەم ۋە توغرا بولغان ئىلىم، تەربىيە ئۆگىتىش لازىمدۇر. ئەمدى خانىم– قىزلارغا ئېيتىمىز: تىرىشىڭ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي، ئەقىل ۋە زېھنىڭىزنى ئۆتكۈر قىلىڭ. بۇ ئىككى شەرت بەلەندۇر: بىرىنچىسى، ئوقۇغانلىرىڭىز ۋە بىلىمىڭىز زىممىڭىزدىكى ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان قىزلىق، خوتۇنلۇق، ياش ئانىلىققا ئوخشاش ئىشلىرىڭىزغا ھېچقانداق كەمچىلىك كەلتۈرمىسۇن؛ ئىككىنچىسى شۇكى، بىلگەن نەرسىلىرىڭىز ئۈچۈن ھېچقاچان مەغرۇر بولماڭ ۋە يەنە ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ، بۇ ئىككى شەرتنى بېجىرەلىسىڭىز، ئائىلىدىمۇ كامال ئىگىلىرىدىن بولۇرسىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم سىزنى ئەيىبكە بۇيرۇيالمايدۇ.



    ياخشى ۋە يامان خۇلقلار



    ياخشى خۇلقلۇق بىر كىشى ھەركىم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ: ھەركىمگە رەھىمدىللىك، ياخشىلىق تىلەيدۇ. ھېچقانداق نەرسىگە ئاچچىقلانماس، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ياخشى تەرىپىنى تۇتىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارغا خۇش كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ. ھەر ۋاقىت ئوچۇق چىراي بولىدۇ. يۇمشاقلىق، ئوچۇق تەبىئەتلىك، شادىيانە چىرايدا بولۇش بىر پاك كۆڭۈلنىڭ ئالامىتىدۇر.


    يامان خۇلقلۇق خوتۇن بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلماس. ھەركىم بىلەن گەپ تالىشىشقا يول ئىزدەيدۇ. ئۆزى ھېچ نەرسىدىن شادلانماس، دائىم باشقىلاردىنمۇ، ئۆزىدىنمۇ زارلىنىدۇ. ئۆزىدىن بەزدۈرگۈچى، غەمكىن يۈزلۈك بولىدۇ، ھېچكىمنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماس، ئۆزىگە باشقىلار بىر نەرسىنى ئاق دېسە، قارا دەپ دەۋا قىلىدۇ. كىشىلەر بىر ئادەمنى ماختاپ سۆزلىسە، ئۇ يامانلاپ سۆزلەيدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ يامانلىقىنى سۆزلىسە، ئۇ ماختاپ سۆزلەيدۇ. ناھايىتى ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، سۆزىگە ئازراق ئېتىراز بىلدۈرۈلسە، شۇ ھامان جەھلى چىقىدۇ. بۇنداق كىشى بىلەن ئۆمۈر غىژ– غاژلىق، ئۇرۇشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. بۇنداق ئادەم ساقايماس كېسەلگە ئوخشايدۇ. ھەركىم ئۇنىڭدىن بىزاردۇر، ئۇنداق ئادەمدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر خوتۇنغا ئەڭ كېرەكلىك سۈپەت ياخشى خۇلققا باغلانغان يۇمشاقلىقتۇر. ئەقىللىق، تەدبىرلىك بىر ئانا ئوغلىنى ئۆيلىمەكچى بولغاندا كېلىنلىككە تاللىغان قىزنىڭ باي، گۈزەل، زېرەك بولۇشىنى سورىمايدۇ، ھەممىدىن ئاۋۋال ياخشى خۇلقلۇق بولغان– بولمىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ. گۈزەللىك، بايلىق، زېرەكلىك ئەمەلىيەتتە كېرەكلىك نەرسىلەردىن بولسىمۇ، ئەمما قىز ياخشى خۇلقلۇق بولسا، ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ، يامان خۇلقلۇق خوتۇن بىلەن ئەپ ئۆتۈپ تىرىكچىلىك قىلىش مۇمكىن بولماس، ياخشى خۇلقلۇق بولغان بىر ياش قىزنى ھەركىم ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر بۇ قىز تۇغقانلىرى ياكى ئەر تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئىناقسىزلىق ئالامىتىنى سەزسە، شۇ ھامان يارىغا مەلھەم سۈرىدۇ، كۆڭۈل ئاغرىقىنى يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ. خاتا چۈشىنىلىدىغان سۆز ياكى ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ چۈشەندۈرىدۇ. ياخشىلىق ھەممە ئادەمنىڭ ھەر نەپەس ۋە ھەر زامان بىر– بىرىنى ياخشى كۆرۈشىگە، تەھسىن– ئاپىرىن ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان بىر پەزىلەتتۇر، ياخشى نىيەتلىك بولۇڭ، بەختلىك بولۇرسىز!


    ئۆي تۇتقۇچى خوتۇننىڭ «نېمە ئۈچۈنلىرى» بىلەن «شۇنىڭ ئۈچۈنلىرى»
    نېمە ئۈچۈن يۇڭدىن توقۇلغان ياكى مويلۇق كىيىملەر كىيىلىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بۇنداق كىيىملەر تېنىمىزدىن ئىسسىقلىقنى چىقارمايدۇ، ئۇنداق كىيىملەر تەننى سوغۇقتىن ساقلايدۇ. يۇڭ ۋە مويلۇق كىيىملەر بەدەننى ئىسسىتالامدۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىسسىتالمايدۇ، ھەممىسى بەدەننىڭ ھەرىكەتلىنىشى بىلەن پەيدا بولغان ئىسسىقلىقنى ساقلايدۇ.


    نېمە ئۈچۈن ياز كۈنى ئاق كىيىم كىيىلىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئىسسىق تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بولمىغانلىقتىن ئىسسىقلىقنى تارتماي، ئەكسىچە ئۇنى قايتۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن رېزىنكە يامغۇرلۇق چەم ئۆتۈك ياكى كالاچ كىيگەن ۋاقتىمىزدا، قايسى ۋاقىتتا تېنىمىز ياكى پۇتلىرىمىز تەرلەپ كېتىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، رېزىنكە چەم تەر ئۆتكۈزمىگەنلىكتىن، تېنىمىزنىڭ ئىسسىقلىقىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنىڭ چىقىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن رېزىنكە يامغۇرلۇق ياكى كالاچنى زۆرۈر، كېرەك بولغان ۋاقىتتىلا كىيىش كېرەك.


    نېمە ئۈچۈن ھۆل كىرلەر ئارىسىدا ئۇخلاش، ھۆل كىيىم كىيىش خەتەرلىكتۇر؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھۆل كىرلەر، باشقا ھۆل نەرسىلەر قۇرۇش ۋاقتىدا تەندىن دائىم ئىسسىقلىقنى تارتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە تەندە ئىسسىقلىقنىڭ تەبىئىي دەرىجىسى كېمىيىپ كېتىدۇ.
    نېمە ئۈچۈن ئىچىدە گۈل ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەر بولغان خانىدە يېتىش خەتەرلىك بولىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى بىلەن ئوكسىگېننى تارقىتىدۇ ۋە ھاۋادىن كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرىدۇ، ھالبۇكى، بۇنىڭ ئەكسىچە كېچىسى ئۆسۈملۈكلەر، گۈللەر نەپەس ئالغان ۋاقىتتا ئىچىگە كىرىشكە يارىماي تۇرغان مەزكۇر گازنى چىقىرىدۇ، گۈل ھىدلىرىنىڭمۇ بۇ توغرىدا غايەت چوڭ زىيىنى باردۇر.



    خىزمەتچىلەر



    خىزمەتچىلەر ئەگەر ئەخلاقسىز كىشىلەردىن بولسا ئۇلارنى شۇ ھامان ئىشتىن بوشىتىش ۋە ئۇلارنىڭ جانسىز بولغانلىرىنىمۇ ئۆيگە يېقىنلاشتۇرماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىشنى ناھايىتى توغرا ئىش دەپ ئويلايمەن. خىزمەتچىلەرگە تەربىيە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن پايدىلانماقنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇلارنى قاتتىق تاللاپ قوبۇل قىلىڭ، ئۇلار ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئىزدەڭ، ئاندىن ئۇلارنى تەربىيىلەش، ئىش ئۆگىتىش توغرىسىدا زېھنىي كۈچىڭىزنى سەرپ قىلسىڭىز بولىدۇ. خىزمىتىڭىزگە كىرگەن ۋاقىتتا ئۇلاردىن كۈتۈپ تۇرغان ئىشلىرىڭىزنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن ئىش ھەققىنى مۇۋاپىق تەيىن قىلىپ بېرىڭ، ئىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە كۆز– قۇلاق بولۇپ تۇرۇڭ.


    ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا بىز سالغان مۇشەققەتلەرگە كۆنۈشمۇ تەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. شۇنداق بولغاچقا ئۆزىمىزدە بولمىغان كامىللىقلارنى، ئۆزىمىزنىڭ كۈچىمىز يەتمىگەن ئىشلارنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىش توغرا بولماس. خىزمەتچىڭىز بىتاپ بولسا، ھالىنى سوراش ئۈچۈن كېچىكمەي يېنىغا بېرىڭ، ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىڭ، ئۇنى ئىخلاس بىلەن بېقىڭ، داۋالىتىڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇڭ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسايدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ. بۇ ھالدا ئۇ چەكسىز خۇرسەن بولىدۇ، شۇندىلا ئەمىن بولۇرسىز. ئەگەر خىزمەتچىڭىزنىڭ بىر زور قايغۇسى بولسا، ئاتا– ئانىسىدىن، يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايغۇرۇڭ. بايلىقىڭىزغا قاراپ ئۇنىڭغا پۇل، مال بېرىڭ، قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ ئىش تاپشۇرماڭ. كۆپىنچە ئۆي ئىگىسى بولغان خوتۇنلار قوشقان ئىشلىرىنى ھېسابلىمايدۇ، ئۈچ كۈن قىلىدىغان ئىشنى بىر كىشىگە يۈكلەپ قويىدۇ. بىر سەۋەب تېپىپ تەنبىھ بېرىش كېرەك بولغاندا، يۇمشاقلىق بىلەن چېچىلماستىن، غەزەپلەنمەستىن ھەمدە ئۇرماستىن تەنبىھ بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق تەنبىھلىرىڭىز چەكسىز پايدىلىق بولۇر. سوراپ تۇرغان نەرسىلىرىڭىزنى ياخشىلىق بىلەن سوراڭ، تاپشۇرغان نەرسىلىرىڭىزنى ھازىر قىلغان ۋاقتىدا خۇشاللانغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. بىر ياخشى ئىش قىلغان ھامان ئۇنى ماختاڭ، خىزمەتچىلەرنى كۆزىتىڭ، لېكىن زۇلۇم ۋە ھاقارەت قىلماڭ. كۆز ئالدىغا پۇل قويۇپ، ئۇلارنى سىناشقا تىرىشماڭ، چۈنكى ئادەمنىڭ تەبىئىتى ناھايىتى نازۇكتۇر. ئۇلارنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئاشپەزلەرنىڭ سىز ئۈچۈن سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي بولۇشىنى ئويلاڭ، سورىغان ئىش ھەققىنى كەم قىلماي بېرىڭ. خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزى كېلىپ سورىشى ئاسان ئەمەس، خىزمەتچىلىرىڭىزنى ياتلار ئالدىدا دۈشكەللىمەڭ، بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن دوستلار، مېھمانلار ئالدىدا كۆڭۈلسىزلىك، خىزمەتچىلەر قېشىدىمۇ بىر خارلىقتۇر. بىر خىزمەتچى خوتۇننىڭ يېنىدا ئەيىب بولارلىق ئىش قىلىپ، قىزىرىپ– تاتىرىپ يۈرۈشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئۇنىڭدىن كىچىك بولسىمۇ ئەيىبلىرىڭىزنى، كەمچىلىكلىرىڭىزنى يوشۇرۇڭ. خىزمەتچى خوتۇنغا ئۆز جامائەلىرىڭىز ئارىسىدا بولغان ئىشلارنى بىلدۈرمەڭ، خىزمەتچىلەرنىڭ ھۆكمى ئاستىدا بولماي دېسىڭىز، ئۇلارغا ھېچقانداق سىرىڭىزنى پاش قىلماڭ. پەرۋاسىز بولماڭ، ئىلتىپاتلىق بولۇڭ، پەرۋاسىزلىق ئۆزىڭىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ.



    تاماق ئېتىش ساۋاقلىرى



    تاماق ئېتىشنى ئىنگلىزلار خوتۇنلارغا ئائىت ساۋاقلاردىن بىرىگە «تائام تەييارلاش سەنئىتى» دەپ نام بېرىپ، لوندوندا بىر ئاشپەزلىك مەكتىپى ئاچقان ئىكەن. ئۇ يەردە ھەر تۈرلۈك تائام تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك قوراللار، قاچا– قۇچىلار، تۈرلۈك ئوچاقلار، پىلتىلەر، قالاش ئۈچۈن كۆمۈر، گازغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك نەرسىلەر تەييارمىش. بۇنىڭدىن تاشقىرى مەكتەپتە ساۋاق بېرىشتە قىزلارغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بارلىق ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى تەل قىلىپ، ئۆزلىرىگە پىشۇرغۇزۇپ ساۋاق بېرىشكە باشلىغان.


    بۇ ئۇسۇللار تەرتىپكە سېلىنىپ، نۇرغۇن مەملىكەتلەردە شۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلغىنىغا ئوخشاش، تۈركىيىدىمۇ كەچلىك قىزلار ھۈنەر مەكتىپى ئېچىلغان ۋە مەزكۇر مەكتەپنىڭ 6–، 7– يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەت بىلەن ھەپتىدە ئىككى قېتىم تۈركچە، فرانسۇزچە ھەر تۈرلۈك تائاملارنى پىشۇرۇش، داستىخان تەييارلاش ئالاھىدە ۋە كەڭ– كۇشادە ئۆگىتىلگەن. قىزلار مەكتىپىدە شۇنداق ساۋاقلار بېرىلسە، ئاتا– ئانىلىرى ئۆمۈر بويى شۈكۈر قىلىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. ئانىلار ئۆي تۇتۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى، تائام تەييارلاشقا دائىر پەنلەرنى قىزلىرىغا ۋاقتىدا ئۆگىتىشكە تىرىشىشى كېرەك. ئەگەر ئۆزى تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولمىسا، ئۇنى بىر ئۇستىغا تاپشۇرۇپ ئۆگىتىشى كېرەك. چۈنكى قىز بالىلار تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆگەنمىسە، كېيىنچە بىلەلمەيدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. ئەگەر خانىم– قىزلار ئاتا– ئانىلىرى يېنىدا تۇرۇش ۋاقتىدا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشتىن قېچىپ ئۆزلىرىدىن: «نېمىشقا كۈندە كېرەك بولىدىغان ئىشنى ئۆگىنىشكە تىرىشمىدىڭ؟» دەپ سورىغان ئادەمگە كۈلۈپ: «تاماق ئېتىش ئۆگىنىدىغان ئىشمۇ، ئۆي تۇتۇشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا ئۇنىمۇ ئۆگىنىۋالىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە، ناھايىتى يېڭىلىشكەن بولىدۇ. يېمەك– ئىچمەك ناھايىتى كېرەكلىك بىر ئىشتۇر. تاماقنىڭ ئوخشىتىپ ئېتىلىشى، ئورنىدا ۋە ۋاقتىدا بولۇشى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىنچلىقىغا ۋە بەختلىكلىكىگە سەۋەب بولىدۇ.


    بۇ بابتا پىكىرلىرىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتەي: ئىشچىلاردىن بىرىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، ئۇ كۈنىنى ئېغىر، مۇشەققەتلىك ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتقان بولسۇن، كۈندىكى ۋاقتىدا تاماقنىڭ تەييار بولغىنى خەۋەر قىلىنسا يۈزىدە شادلىق ئالامىتى كۆرۈنىدۇ، غايەت پاكىز ۋە ياخشى ھازىرلانغان بىر داستىخان ئەتراپىدا شاد بولغان ھالدا خوتۇنى، بالىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىدۇ. تاماقتىن كېيىن دەم ئالىدۇ، كۈن بويى ئىشلەپ چارچىغىنىنى ئۇنتۇيدۇ. يەنە شۇ كىشى قولىدىن ئىش كەلمەي تۇرغان، بىپەرۋا، يېمەك– ئىچمەكنىڭ بولۇش– بولماسلىقىنى ئويلىماي تۇرغان بۇ ئۆي بېشى بولغان خوتۇننىڭ ئېرى دەپ پەرەز قىلسىڭىز، ئەھۋال قانداق بولىدۇ. ئۇ چارچىغانلىقتىن ھالسىز، ئاچ ھالدا ئۆيىگە كەلگەن ۋە ھېچنەرسە تەييار بولمىغان بولسا، شۈبھە يوقكى، ئادەتتىن تاشقىرى ئاچچىقلىنىدۇ، چېچىلىدۇ. ئاندىن بۇ ھالدىن زارلىنىدۇ، يامان سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، بالىلىرى ئاتىسىنىڭ ئاچچىقلانغىنىنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، يېنىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا يىراق كېتىدۇ ياكى قاچىدۇ. تاماق ۋاقتى بىر تۈرلۈك تىنچسىزلىق، زەردە بىلەن ئۆتىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ نېمە يېگىنىنى بىلمەسلىك دەرىجىسىدە ھۇزۇرسىز، مەجبۇرىي يەپ، سوغۇقلۇق بىلەن بىر بىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئەگەر ئىشچىلارنىڭ ئورنىغا دېھقاندىن، سېتىقچىدىن، يازغۇچىدىن ھەتتا بىرىنى پەرەز قىلساقمۇ، ئەھۋال يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. خانىم– قىزلار، ئۆيىڭىزدىكى بىر ئۇستا ئاشپەز خوتۇن ياكى بۇ توغرىدا بىلىملىك بولغان بىر خانىم تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاماق پىشۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ، شېرىن تائام ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. مەسىلەن، شورپا، گۆش، كۆكتاتلارنىڭ ۋە بۇلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ نەچچە تۈرلۈك پىشۇرۇلۇشىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. قايسىبىر ئۆي قىزلىرىنىڭ ئەتكەن تاماقلىرى داستىخانغا قويۇلغاندا، تاماقلانغۇچىلار ئۆز بارماقلىرىنىمۇ يەۋەتكىدەك بولۇپ لەززەت بىلەن يېگەن ئىشلىرى بىز ئاڭلاپ باقمىغان ھادىسىلەردىن ئەمەس. توغرىسى، ئىشتىھا بىلەن يېگىدەك تائام ھازىرلاشنى، كۆكتاتلاردىن پايدىلىق بولغانلىرىنى ۋە گۆشنىڭ ئەڭ ياخشى يەرلىرىنى تاللاشنى بىلگەن، ھەر كۈنى بىر خىل تاماق ئەتمەستىن، ھەپتىنىڭ بىر كۈنى ئۈچۈن تۈرلۈك تاماق ئېتىشنى بىلگەن ئاتا بىلەن ئانىسى چىن ۋە غايەت قىممەتلىك بىر خەزىنىدۇركى، ئۇ بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئەتراپىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەر ۋاقىت سالامەتلىكلىرىگە ۋە بەختلىك بولۇشىغا خىزمەت ۋە ياردەم قىلغۇچىدۇر. ھەر بىر خوتۇن، ھەتتا ئىشلەشتىن ئازاد بولغانلىرىدىمۇ، خوتۇن ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان ئاشپەزلىكنى بىلىشى لازىم.



    تاماق ئەتكۈچىنىڭ بەزى سىرلىرى



    ئاشپەزلىك تارماقلىرى كۆپ ۋە نازۇك بىر ئىلىمدۇركى، ئەگەر ئۇنى ئۆگىنىشكە خاھىش بولسا، ھېچقاچان غەپلەت بىلەن قىلىنمىسۇن، چۈنكى كىچىككىنە بىر كەمچىلىكنىڭ تەسىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشايدىغان تائامنى ئېغىزغا ئالغۇسىز، لاۋزا قىلىپ قويىدۇ. بۇزۇلغان، ئىسلانغان بېلىق، قېرى توخۇ، پورلىشىپ قالغان ياكى سارغىيىپ كەتكەن كۆكتات، ناھايىتى قاتتىق ياكى ناھايىتى يۇمشاق پىشقان تۇخۇم، تۇزلۇق ياكى تۇزسىز تاماق، ئىسلانغان گۆش، بۇزۇلغان ئىسلىق نەرسىلەر تائامنىڭ لەززىتىنى يوقىتىدۇ، ئائىلە ئايالى بۇلاردىن ساقلىنىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە، بۇ يەردە قايسى نەرسىلەرنىڭ سېتىۋېلىنىشى ۋە ساقلىنىشى توغرىسىدا بىرئاز نەسىھەت قىلىپ ئۆتىمىز، ياخشى تىرىكلىك قىلىنىپ تۇرغان بىر ئۆي ئۈچۈن ۋاقتىدا كۆپرەك ئېلىنسا، ئەرزان باھادا ئېلىش ۋە ئاز ۋاقىت ساقلاش مۇمكىن بولغان ئوزۇقلارنى ۋاقتىدا تەييارلاش كېرەك. لېكىن ھەددىدىن ئارتۇق، ئىسراپ بولارلىق دەرىجىدە كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن.


    ئەگەر توخۇ قېرى بولمىسا، مويى يۇمشاق، ئۇزۇن بولىدۇ. نېپىز ۋە ئاچ قىزىل تۈسلۈك بولغان تېرىسى كىچىك– كىچىك تومۇرلار بىلەن ئورالغان بولىدۇ. بىر يىلدىن ئارتۇق ياشىغان توخۇلارنىڭ پېيى يۇمشاق بولىدۇ ۋە تومۇرلىرى بىلىنمەيدۇ، تېرىسىدە ئاقۇش تۈستە ۋە ئازراق يالتىرىقى بولىدۇ. كۈركە توخۇنىڭ قېرى بولمىغىنىنىڭ پۇتلىرى قارا ۋە چىرايلىق، پۇتىنىڭ تىرناقلىرى قىسقا بولۇشىدىن بىلىنىدۇ. قېرىغىنىنىڭ بولسا كۆزلىرى چوڭقۇر ۋە تىرناقلىرى قاتتىق بولىدۇ. كۆكتاتلارنى قىشتا تەبىئىي ساقلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئەڭ ئاساسىي ئۇسۇل شۇكى، قۇرۇق ۋە ئىسسىق بولمىغان جايدا بىر نەچچە سائەت يەرگە يېيىپ قويۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنى قويۇلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان قۇم ئۈستىگە بىرى يەنە بىرىگە تەگكۈزۈلمەي جايلاشتۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ئۈستىگە يەنە قۇم سېپىلىپ، ئۈستىگە ئىككىنچى قەۋەت كۆكتات قويۇلىدۇ، كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىنىدۇ ۋە ئورۇۋېلىنغان ئوت– چۆپلەر بىلەن ئۈستى يېپىلىدۇ. تۈرلۈك كۆكتاتلارنىڭ نەملىكى بىر– بىرىگە سىڭىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قۇم ئارىسىغا ئايرىم– ئايرىم قويۇلىدۇ.


    قوغۇننىڭ بارماق بىلەن باسقاندا قاتتىق بولۇپ، خۇش پۇراق بولغىنى ياخشىدۇر. ئاپېلسىن سېتىۋالغاندا چوڭلۇقىغا ئەمەس، ئېغىرلىقىغا قاراپ، پوستى نېپىز، قىزغۇچ ۋە چىرىمىگەنلىرى تاللاپ ئېلىنىدۇ. لىموننىڭمۇ نېپىز پوستلۇق، سېرىق، سۇلۇق بولغىنى تاللىنىدۇ. گۈرۈچ يىرىك، ئاق، تازا، يالىلدىمايدىغان بولسۇن، توپا– چاڭ ھىدى كەلمىسۇن، مىسىر گۈرۈچى باشقا گۈرۈچلەردىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئۈستى بىرئاز غۇبارلىق بولىدۇ. ئۈستى ئاقارغان كىچىك مېۋىلەر بۇزۇلغاندۇر.


    شورپىمۇ قىلالمايدىغان خوتۇن بارمىدۇ، دەپ كۈلمەڭ. ھۆرمەتلىك خانىم– قىزلار، ئوخشىغان شورپا قىلماقچى بولسىڭىز، ناھايىتى پاكىز يۇيۇلغان ۋە ئېرتىپ قۇرۇتۇلغان قازان ياكى كورىدا بىر قاچا تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قاچا سوغۇق سۇ قۇيۇڭ، سېلىنىدىغان گۆشلەرنى ئېلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم ياخشى يۇيۇپ، كورىدىكى سۇغا سېلىپ ئوت يېقىڭ. قاينىغىچە ئوتنى كۈچلۈك ياقسىڭىز بولىدۇ. قاينىغاندا سۈزگۈچ بىلەن كۆپۈكىنى يىغىپ ئالغاندىن كېيىن، يېتەرلىك تۇز سېلىڭ. بىر– ئىككى تال ئاشكۆكى، تۆت– بەش تال قارىمۇچ سېلىپ قاينىتىڭ. توختىماي سۇس قايناپ تۇرسۇن، قاتتىق قايناپ، پۈتۈنلەي توختىغان تاماقتا ھېچقانداق لەززەت بولماس. بىر تۇخۇمغا يېرىم قاچا سۇ قۇيۇپ، تۇخۇم بولمىسا، قايناپ تۇرغان شورپىدىن قۇيۇپ قاتتىق خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇڭ، ئۇزاق تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نېپىز قىلىپ يېيىڭ، باشقا ئىشلىرىڭىزغا قارىغانچە، يايغان خېمىرىڭىز قۇرۇسۇن. كېسىشكە ئاسان بولىدۇ، ھەم يېپىشمايدۇ، قۇرىغاندا ناھايىتى ئىنچىكە ھەم ناھايىتى ئۇششاق قىلىپ ئۈگرە كېسىڭ. شورپا قايناپ، گۆشلىرى پىشقاندا، شورپا ئۈستىدىكى ماينى قوشۇق بىلەن بىر قاچىغا ئېلىپ قويۇڭ، گۆشلىرىنى ئېلىپ، شورپىسىنى سۈزۈۋېلىڭ. كورا ياكى قازاننى يۇيۇپ، ئېرتىپ شورپىنى قۇيۇپ، قايناپ چىققاندا ئۈگرىنى سېلىپ ئۈگرە ئۆرلەپ پىشقاندا، بىر تاۋاققا سۈزۈپ ئېلىۋالىسىز. كاسىدىكى ئۇششاق توغرالغان پىياز، كۆكتاتلار ئۈستىگە تاۋاقتىكى ئاشنى سېلىپ، ئاش ئۈستىدىن يىغىلغان ماينى بىر– ئىككى قوشۇق سېلىپ، مۇچ سېپىپ داستىخانغا قويىسىز. گۆشنى قانداق كەسكەن بولسىڭىز، شۇ پېتى يېسىڭىز بولىدۇ. ئىككىنچى كورىدا شورپىغا تۈگىنەك (ياڭيۇ) بىلەن پىياز سېلىپ پىشۇرسىڭىز ياكى تۈگىنەك بىلەن پىيازنى مايدا قورۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. گۆش بىلەن سۇنىڭ ئاز ياكى كۆپ قۇيۇلۇشى تاماق يېگۈچىلەرنىڭ ئاز كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. خېمىرمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئاز ياكى كۆپ يۇغۇرۇلىدۇ. تائامنى كۆپ، بىمەززە قىلىپ ئېتىپ ئېشىپ قالغان تاماقنى تۆكۈۋېتىش ئەقىللىق خوتۇننىڭ ئىشى ئەمەستۇر. يەنە توخۇ ۋە قوي گۆشىنى پارچىلاپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سەۋزە ئۈگرىدەك توغرىلىپ، شۇ شورپىغا سېلىنىدۇ. تۈگىنەك ۋە كەرەم توغراپ سېلىنىدۇ. ئاندىن ئاشنىڭ مىقدارىغا قاراپ، گۈرۈچ يۇيۇپ سېلىنىدۇ. بىر– ئىككى تىلىم لىمون، بەش– ئالتە قەلەمپۇر، گۈلرەيھان، مۇرچ سېلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە باشقا سېلىنغان نەرسىلەر پىشقاندا، ئىلگىرىكى تاماققا ئوخشاش سۈزۈۋېلىپ، پىياز، كۆكتات، پارچىلانغان گۆشلەرنى سۈزۈۋېلىنغان شورپىغا سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


    سىڭىر گۆش شورپىسى قىلغاندا ئۈگرىگە ئوخشاش توغراپ پىشۇرۇلسىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاشنى سۈزۈۋالغاندا، قازاننى پاكىز يۇغاندىن كېيىن، تولدۇرۇپ سۇ قۇيۇلىدۇ. تائام يېيىلىپ بولغاندا، بىر چوڭ ئىدىشقا بايىقى قايناق سۇدىن قۇيۇلۇپ، قاچا– قۇچىلارنىڭ ھەممىسى پاكىز يۇيۇلىدۇ ۋە ئىككى قېتىم يېڭى قايناق سۇ بىلەن چايقىلىپ، ئاشخانا ئىشكابىغا رەتلىك قويۇلىدۇ، بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن ھەر بىرى پاكىز لاتا بىلەن ئېرتىلىپ، ئورنىغا تىزىپ قويۇلىدۇ.


    بەلىشكە ئوخشاش نەرسىلەرگە سېلىش ئۈچۈن گۈرۈچ ئۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنى قايتا– قايتا يۇيۇپ، قاينىغان سۇغا سېلىپ ئۇۋىتىش كېرەك. گۈرۈچ پىشماي قالمىسۇن ھەم بەك پىشىپمۇ كەتمىسۇن. ئاندىن گۈرۈچ جاۋۇرغا سېلىنىپ، سوغۇق سۇدا سوۋىغىچە چايقىلىدۇ، سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، گۈرۈچ پاكىز داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ بەك مۇرەككەپ ئىش بولمىسىمۇ، گۈرۈچ ئۇۋىتىشنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن خوتۇنلارنىڭ بەلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېمەكلىكلىرى تەمسىز بولۇپ قالىدۇ. قوي يېغى، سېرىقماي بوتقا ۋە قۇيماققا ئوخشاش نەرسىلەرگە كېرەك بولغاندا، كىچىكرەك كورىغا مۇۋاپىق سېلىپ گىژىلدىغان ئاۋاز يوقىغىچە قىزدۇرۇش زۆرۈر. قىزىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن خېمىر ياكى نان سېلىنىدۇ، ئۇ ناھايىتى تېز قايناپ ئۈستىگە چىقسا، ياغنىڭ قىزىغىنى بولىدۇ. بۇ ئەرزىمەس نەرسىدەك تۇيۇلسىمۇ، قىزدۇرماي سېلىنسا، ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ئېغىر كېلىدۇ ھەم ناھايىتى بىمەززە بولۇپ قالىدۇ. بۇ توغرىسىدا بىپەرۋالىق قىلغان خوتۇنلار ئاز ئەمەستۇر. سالامەتلىكنىڭ ئۆي ئىچىدە ھۆكۈم سۈرمىكى ئاتا بىلەن ئانىسىغا باغلىقتۇر. چۈنكى رىزقلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى پەقەتلا ئۆگىنىدۇ. ئۇ تائاملارنىڭ خاسىيەتلىرىنى، ئاشقازىنى ئاجىز بولغانلارغا، قېرىلارغا، بالىلارغا ۋە باشقىلارغا قانداق گۆشنىڭ، قانداق كۆكتاتنىڭ خىل كېلىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردە تاماقنىڭ تېز سىڭىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئەڭ كېرەكلىك تاماقلارنى كۆزدىن كۆچۈرىمىز.


    يەپ تۇرغان نەرسىلەر چىش بىلەن ياخشى چاينىلىشى كېرەك، تاماق توغرىسىدا ئىككى نەرسىنى ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. بىرى، تەننى ساقلاپ تۇرغان تاماق؛ ئىككىنچىسى، تېز سىڭىپ تۇرغان تاماقنى تاللاشتۇر. سىڭىر گۆشتىن پىشۇرۇلغان شورپا تەنگە ناھايىتى ياخشى تەسىر قىلىدۇ. قانچە قۇۋۋەتلىك بولسا شۇنچە تېز سىڭىدۇ، تەنگە پايدىلىق بولىدۇ. كۆپ سۇ بىلەن پىشقان شورپا سۈيى كۆپ بولغانلىقتىن سىڭىشلىك بولماس، ئاشقازانغا ئېغىر كېلىدۇ، ئەمدىلا كېسەلدىن قوپقانلارنىڭ، تاماق تېز سىڭمەيدىغانلارنىڭ ئاشقازىنى شورپىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى قوبۇل قىلالايدۇ، ياخشى شورپا تەييارلاش ئۈچۈن گۆشنى قايناق سۇغا سېلىش كېرەك. گۆش سوغۇق سۇغا سېلىنسا، گۆشنىڭ سۈيى قايناپ سۇ بىلەن تېزلا قويۇقلىشىپ، گۆشمۇ قاتتىقلىشىپ قالىدۇ، شورپىغا قۇۋۋىتى چىقمايدۇ.


    مەنبە:مىراس ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.