گارىسىياغا يېزىلغان خەت

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-18 19:17:39

گارىسىياغا يېزىلغان خەتكۇباغا ئائىت بارلىق ئىشلار ئىچىدە ،بىر ئادەمنىڭ سېماسى مەڭڭۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال ئىسپانىيەگە قارشى قىسىمن...



     

    گارىسىياغا يېزىلغان خەت

    كۇباغا ئائىت بارلىق ئىشلار ئىچىدە ،بىر ئادەمنىڭ سېماسى مەڭڭۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال ئىسپانىيەگە قارشى قىسىمنىڭ يولباشچىسى گېنىرال گارىسىيا بىلەن ئالاقىلىشىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، گېنىرال گارىسىيا كۇبانىڭ كەڭ كەتكەن  ئېگىز ۋە تىك چوققۇلىرىنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ، ھچ قانداق ئادەم ئۇنىڭ دەل تۇرۇشلۇق ئورنىنى بىلمەيتتى، شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا خەتنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەن ئامالىسىز ئىدى، ئەمما،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مۇمكىنقەدەر تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك ئىدى.        قانداق قىلىش كېرەك ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    بىرەيلەن زۇڭتۇڭغا تەۋسىيە قىلىپ؛روۋئېڭ ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر بىرەرسىنىڭ گېنىرال گارىسىيانى تېپىش  مۇمكىنچىلىكى بار بولسا،ئۇ كىشى دەل روۋئېڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار روۋئېڭنى تېپىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە گارىسىياغا يېزىلغان خەتنى تاپشۇرىدۇ، روۋئېڭ دەپ ئاتىلىدىغان كىشىگە ، قانداق ئېلىپ  مايلىق خالتىغا سېلىپ، قوينىدا مەھكەم ساقلاپ،قانداق قىلىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ، خەتەر ئىچىدە قالغان دۆلەتتىن پىيادە ئۆتۈپ ، خەتنى گارىسىيانىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم ئەمەس ، مەن تەكىتلىمەكچى بولغان مۇھىم نوقتا شۇكى؛

    'ئامېرىكا زۇڭتۇڭى گارىسىياغا يېزىلغان بىر پارچە خەتنى روۋئېڭغا بەرگەندە ،روۋئېڭنىڭ خەتنى ئالغاندېن كېيىن ئۇ   قەيەردە  ؟دەپمۇ سورىمىغانلىقى.روۋئېڭغا ئوخشاش ئادەملەرگە بىز ئۇنتۇلممايدىغان تەززدە قىلىپ بىر ھەيكەل ياساپ، ھەربىر ئۈنۋېرسىتېتقا بىردىن بىر تۇرغۇسساق تامامەن بولىدۇ.ياشلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەت كىتابتىكى بىلىملەرلا ياكى باشقىلارنىڭ خىلمۇ-خىل تەلىم-تەربىيسىنىلا ئاڭلاش بولمماستىن ،بەلكى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى  بىر خىل كەسىپنى سۆيۈش روھى، يۇقۇرنىڭ تاپشۇرىقىغا قارىتا دەرھال ھەركەت قوللىنىپ ، جان -دىلى بىلەن خەتنى گارىسىياغا يەتكۈزۈپ بېرىش تەك ۋەزىپىنى تاماملاشتىن ئىبارەت .

    گېنىرال گارىسىيا بۇ ئالەمدە يوق، ئەمما ھازىر شۇ نىڭغا ئوخشاش باشقاگارىسىيا 》  لار يەنىلا مەۋجۇت گەرچە كارخانىلار نۇرغۇن  ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق قىلالممايدۇ، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى يوق ، ياكى بولممىسا بۇ ئىشلارغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.خىزمەتلەرگە بوشاڭلىق ، كۆڭۈل بۆلمەسلىك، بىپەرۋالىق پوزىتسىيەدە بولۇش،نۇرغۇن كىشلەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان . ئۇلارغا  زېرىكمەي- تېرىكمەي نەسىھەت قىلمىغاندا ياكى قورقۇتۇپ،ئالداپ تۇرۇپ مەجبۇرى ئىشقا سالمىغاندا ، ۋە ياكى  تەڭرى مۆجىزە يارىتىپ ئۇلارغا ياردەم بەرمىگەندە، بۇنداق كىشىلەر ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

    'شۇ ۋاقىتتا ئىشخانىڭىزدا ئالتە نەپەر خىزمەتچى ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرشىڭىزنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ،سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننى چاقىرىتىپ ، ئۇنىڭغا: ماڭا ياردەملىشىپ قامۇسنى ئاختۇرۇپ كرىجىئوۋنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى قىسقىچە بىر پارچە ماقالە تەييارلاپ بېرىڭ دەپ تاپىلاڭ 

    ئۇ جىممىدە ؛ ماقۇل ئەپەندى دەپ جاۋاپ بېرىپلا دەرھال ۋەزىپڭسىنى ئۇرۇندارمۇ ؟ مەن كېسىپ ئىېيتالايمەنكى،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى ناھايتى شۈنھىلىك قىياپەتتە سىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ، سىزدىن :

    ئۇ كىم  ؟

    ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ؟

     قايسى قامۇس ؟

    'قامۇس قەيەرگە قۇيۇلغان  ؟

    بۇ مىنىڭ خىزمىتىممۇ   ؟

    نېمە ئۈچۈن جورجنى چاقىرىپ قىلدۇرمايسىز ؟

    جىددىيمۇ_ ئەمەسمۇ ؟

    نېمە  ئۈچۈن ئۇنى ئاختۇرۇمىز ؟

     دېگەنگە ئوخشاش بىر ياكا بىر قانچە سۇئالنى سورىشى مۇمكىن

    مەن ئوندا بىر نىسبەت بويىچە باغلىشىشقا جۈرئەت قىلالايمەن سىز ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ئۇ ماتېرىياللارنى قانداق ئىزدەش ئىزدەشنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىزدىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنڭ  چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،ھېلىقى خىزمەتچى سىزنىڭ يېنىڭىز چىقىپ كېتىپلا، يەنە بىر خىزمەتچىگە پالانى- پۇكۇنى ماتېرىياللارنى ئىزدەشكە ياردەملىشىشنى  تاپىلايدۇ ۋە سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ، بۇنداق كىشىنىڭ يوقلۇقىنى سىزگە ئېيتىدۇ . ئەلۋەتتە ، مەن بەلكىم  باغلىشىشتا  ئۇتتۇرۋېتىشىم مۇمكىن، ئەمما ئوتتۇرچە نىسبەت  قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا ، مەن ئۆزەمنىڭ ئۇتتۇردىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن،

    راست، ئەگەر ھەقىقەتەن ئەقىللىق بولسىڭىز ، ياردەمچى ڭىزگە كرىجىئوۋنىڭ قامۇسىنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ياكى  ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن ، كۈلۈپ تۇرۇپ ؛بولدى دەپلا، ئۆزىڭىز ئاختۇرىشىڭىز مۇمكىن .

    بۇنداق پاسسىپ ھەركەت بۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاقتىكى نادانلىق ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىرادىدىكى ئاجىزلىق ۋە ئۇرۇنسىز ئاياش ئىستىلى بەلكىم ئۇ جەمىئەتنى موللا كۆپ يەردە مال ھارام بوپتۇدېگەن تەتەرىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن،

    ئەگەر كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىختىيارى رەۋىشتە ھەركەتلەنمىگەندە، ئۇلاردىن باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۈتكىلى بولارمۇ؟

    قارىماققا ، ھەرقانداق بىر شىركەتتە خىزمەتنى ئايرى-ئايرىم ئۈستىگە ئالدىغان نامزاتلار  بولىدۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟  سىز بىرنەپەر كاتىپقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىز توغرىسىدا ئېلان چىقارغىنىڭىزدا، ئىشتەلەپ 

    قىلغۇچىلار ئارىسىدىكىلەرنىڭ ئوندىن سەككىزى - توققۇزى ئۆلچەملىك ئوقۇش ياكى يېزىشنى بىلمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇلارنىڭ ھەمىسى بىز ئۈچۈن بەرىبىر دەپ قارىشىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش كىشلەر خەتنى گارىسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلەمدۇ؟

    سىز ئاۋۇ خىزمەتچىگە  قاراڭ -دېدى بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورې ماڭا .   

    كۆردۈم قانداق ؟

     ئۇ يامان ئەمەس بوغالتىر ، ئەمما مەن ئۇنى كىچىككىنە  بىر ئىش ئۈچۈن شەھەرەە ئەۋەتسەم ، ئۇ ۋەزىپىنى  ئۇرۇندىيالىشى ۋە ياكى يېرىم يولدا بېرەر قاۋاقخانىغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن .ھالبۇكى ، ئۇ ئاۋات بازارغا بارغاندا، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە ئىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشىمۇ  تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنى  گارىسىياغا خەتنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتىشكە بولمايدۇ؟

    يېقىندىن بېرى ، بىز نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇتاپاۋېتىپ ئازلىقىدىن قەد كۆتۈرەلمىگەنشۇنداقلايىمەك-ئىچمىكى تۇردىغان جايىمۇ يوق كىشىلەرگە ھەمىشە ھېسداشلىق قىلۋاتقانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم خوجايىلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى تىللاپ رەسۋا قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز ،

    ئەمما ھېچكىممۇ بىر قىسىم خوجايىلارنىڭ  چېچىنىڭ قانداق ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەيدىغان ئاشۇ تىرىكتاپلارنى تىرىشىشقائۈندىگننى ئەزەلدىن تىلغا ئېلىپ باققىنى يوق ؛ شۇنداقلا بىرقىسىم خوجايىلارنىڭ قول ئاستىىدىكى ئاشۇ خوجايىننىڭ سايىسى يوقىسىلا پۇرسەت پەرەزلىك قىلىدىغان ،قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ  تەسىرلىنىشىنى ئۇزاققىچە سەۋىرچانلىق بىلەن قانداقلارچە  ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى روھلاندۇرۇپ ،مەدەت بەرگەنلىكى توغرىسىدا بېرەر كىشىنىڭ ھەم سۆزلەپ باققىنى يوى؟

    ھەربىر دۇكان ۋە كارخانىنىڭ بىرقىسىم تەڭشەش تەرەپلىرى بولىدۇ. شىركەت مەسئۇللىرى شىركەتكە قىلچىمۇ تۆھپە قۇشۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يولغا سېلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭى خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ،تىجارەت قانچىلىك ئالدىراش بووپكىتىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق رەتكە سېلىش ئىشلىرى ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىدۇ، پەقەت ئىقتىسادىي كاساتچىلىق يۈزبەرگەندە، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان ۋاقىتلاردا، بۇنداق رەتكە سېلىش ئاندىن  كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېگە بولغان بولىدۇ ،خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالممايدىغان ، ئىقتىدارسىز ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى زاۋۇت دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرۋېتىلىپ،پەقەت قابلىيەتلىك  كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا قالىدۇرۇلدۇ، ھەربىر خوجايىن پەقەت ئەڭ ئىلغار بولغان خىزمەتچىنى _ خەتنى گارىسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان كىشىلەرنى ئۆزيېنىدا تۇتۇپ قالىدۇ،

    مەن ناھايتى ئەقىللىق بىر ئادەمنى تۇنۇيمەن ئەمما ئۇنىڭدا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى  ھەقىقەتەنمۇ كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ قىلچىلىكمۇ قىممىتى يوق، چۈنكى ئۇ ھەمىشە جاھىللىق بىلەن ئۆزخوجايىننىڭ ئۆزىنى قاقتى_سوقتى قىلىدىغانلىقىدىن ياكى ئۆزىنى قاقتى_سوقتى قىلىش يامان نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ.ئۇنىڭ يا باشقىلارنى باشقۇرغۇدەك ئىقتىدارى يوق، يا باشقىلارنىڭ باشلامچىلىق  قىلىشىنى قۇبۇل قىلغۇدەك جۈرئىتى يوق. 

    ئەگەر سىز ئۇنى گارىسىياغا خەت ئەۋەتىش بۇيرىسىڭىز ئۇنىڭ جاۋابى ؛سەن ئۆزۈڭ بار دېگەندىن ئىبارەت بۇلۇشى مۇمكىن،

    'مەن ئاشۇ پۇت قولى ناكا  كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىدىيە جەھەتتە ساغلام بولمىغان كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەدىغالىقىنى بىلىمەن،ئەكىسىچە، بىز  ئۆمۈرلۈك بىر چوڭ كارخاننى باشقۇرۇشىغا  ئاتىغان ئاشۇ كىشىلەرگە ھېسداشلىقىمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇلار خزىمەتتىن قايتىش قوڭغۇرقى چېلىنىشى بىلەن خىزمەتنى تاشلاپ قويمايدۇ. ئۇلار ئاشۇ بېغەم، سۆرەلمە، پاسسىپ ۋە ھۇرۇن مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان  ئىشچى _خىزمەتچىلەر -گە بىر كىشىلىك خىزمەت بېرىش ئۈھۈن چېچى كۈسېرى ئاقىرىپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئىشچى_خىزمەتچىلەر ئاشۇ خوجايىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يۈرەك قېنى بولمىغاندا ، ئۆزلىرىنىڭ ئاچ ۋە ماكانسىز قالىدىغانلىقى ئويلاشنىمۇ خالىمايدۇ .

    مىنىڭ سۆزلىرىم بەك قاتتىق بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟   بىراق،بىراق پۈتكۈل دۇنيا نامىراتلار مەھەللىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن تەغدىرىدىمۇ ، مەن يەنىلا مۇۋەپپىقيەت قازانغانلار  ئۈچۈن بىر نەچچە ئېغىز  لىللا گەپ قىلىمەن، ئۇلار غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ، كۆپچىلىكنىڭ كۈچىنى يېتەكلەپ  ئاىىرى مۇۋاپىققىيەتكە مۇيەسسەر بولغان، ئەمما، ئۇلار مۇۋاپىققىيەتىن يەنە نېمىگە ئېرىشەلىدى؟مەززىسىزلىككە، يېمەك_ئىچمەك ۋە كىيىم _ كېچەكتىن باشقا  ھېچنىمىگە ئېرىشكىنى يوق.

    مەن  ئۈچ ۋاخ تاماق ئۈچۈن بشقىلار خىزمەتمۇ قىلدىم خوجايىنمۇ بولۇپ باقتىم، مەن  ھەر ئككى تەرەپنىڭ جاپا _ مۇشەققىتىنى چۈشىنىپ يەتتىم . نامراتلىق ياخشى ئەمەس ، يوقسۇللۇق تەرىپلەشكە ئەرزىمەيدۇ، يىرتىق _ ياماق كىيىملەر بىلەن پەخىرلىنىش تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ :ئەمما ،خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى  ئاچ كۆز، زالىم ئەمەس ، خۇددىي دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەم ئاق كۆڭۈل بولمىغانغا ئوخشاش.

    مەن خوجايىن ئىشخانىدابولسۇن _ بولمىسۇن  ئىزچىل تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە قايىل، مەن خەتنى گارىسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە قايىلمەن. ئۇلار خەتنى  جىمجىتلا تاپشۇرۇۋېلىپ، ھېچقانداق ئەخمىقانە سۇئال سورىماي  خەتنى دىققەت قىلماي سۇغا تاشلىۋەتمەي پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئاتلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر مەڭگۈ خىزمەتتىن بوشىمايدۇ شۇنداقلا مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن مەڭگۈ ئىش تاشلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەدەنىيەت _ ھاردىم _ تالدىم  دېمەي، مۇشۇنداق ئختىساسلىقلارنى ئىزدەشتىكى ئۇزۇن مۇساپىلىك جەرياندۇر.

    شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قانداق ئارزۇسى بارلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەربىر شەھەر، قىشلاق ، يېزا شۇنداقلا ھەربىر ئىشخانا ، دۇكان زاۋۇتلاردا ئۇلار كىشلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 

    دۇنيا بۇنداق تالانتلىقلارغا _خەتنى گارىسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان  كىشلەرگە _ ناھايىتى ئېھتىياجلىق.

               

                                              كىم خەتنى گارىسىياغا  يەتكۈزۈپ  بېرەلەيدۇ ؟

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.