ئازغان دوستۇمغا خىتاب

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 11:51:20

ئازغان دوستۇمغا خىتاب تەييارلىغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گورۇپپىسىدىن كامالى «پەقەت ئۆلۈم شارابىنى ئىچەر چاغدا،ئاندىن ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگە زارىقىسەن، ھەربىر تىنىقىڭنى پادھشاھلىق دەپ بىلىسەن...

     

    ئازغان دوستۇمغا خىتاب

      
    تەييارلىغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گورۇپپىسىدىن كامالى

     

     

    «پەقەت ئۆلۈم شارابىنى ئىچەر چاغدا،ئاندىن ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگە زارىقىسەن، ھەربىر تىنىقىڭنى پادھشاھلىق دەپ بىلىسەن. ھايات قەدرىنى، ھايات لەززىتىنى ھەقىقىي چۈشىنسەن. ئەمما ئۇ چاغدا يېڭىۋاشتىن ياشاش _ ھايات سىمفونىيىسىنى قايتىدىن چېلىش ساڭا ھەرگىز نېسىپ بولمايدۇ.»

       سەن ھەم مەن بۇ ئانا تۇپراق ھىدىنى بىرلىكتە ھىدلىغان، تېخىچە چېھرىمىزدىن تەبئىي تۇپراق ھىدلىرى پۇراپ تۇرغان، شىجائەت ھەم جەسۇرلۇق قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قېرىنداشلاردىن ئىدۇق. ئەسلىدىن بىزنىڭ ماددىي دۇنيايىمىزدىن مەنىۋى دۇنيايىمىزغىچە بىرلىك، چىنلىق ھۆكۈم سۈرگەن. چۈنكى ئاپئاق لىچەك ئۈستىگە گۈللۈك دوپپىسىنى كىيىۋالغان ئانىلىرىمىز، تەكچە-ئويۇق، پېشايۋانلىرى بېزەك-نەقىشلەر بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان ئىللىق ئۆيلەردە ئوتلۇق ھىدايەت تىلى بىلەن قەلبىمىزگە ھەققانىيەت، باتۇرلۇق، مەردلىك ئۇرۇقلىرىنى بىرلىكتە چاچقان ئەمەسمىدى؟ بېشىغا تېرە كۆرپىدىن تىكىلگەن چوڭ قاما تەلپىكىنى كىيىۋالغان ئاتىلىرىمىز دۇتتار، داپ، تەمبۇرلىرى بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرگەن مەشىرەپ، نەغمە-ناۋالىرى ئارقىلىق روھىي دۇنيايىمىزغا مەنىۋى بىرلىك، ئەدەپ-ئەخلاق، ھايا-پەزىلەت، مېھىر-ۋاپا ئۇرۇقلىرىنى بىرگە چاچقان ئەمەسمىدى؟ بىلسەك كېرەك، ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىتى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش! ئىنسان ھەۋجۇتلۇقنىڭ نامايەندىسى شۇنداق بىر ئومۇمىيلىقتىن يەنى مىللەت توپىدىن-مىللىي ئاڭ سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان ئۆز مىللىي خاسلىقىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇ ئىنساننىڭ نە كۈلكىسى، نە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، نە چېھرىدىن جىلۋىلەنگەن خۇشاللىقى بولسۇن؟ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك ياشاش مەقسىتى-روھىيەت تۈۋرۈكىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش، ھايات يالدامىسى بولغان ئەجدادلارنىڭ ئېسىل تەۋەرۈكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىن ئىبارەت.

     

    نېھايەت، ھاياتنىڭ شاۋقۇنلىق قايناملىرى رەھىمسىز چاڭگاللىرىدا بەزىدە ھەممىنى ئۆز قوينىغا تارتتى. ھەممە بىر تۈگمەن ئەتراپىدا چۆرگىلەپ سەپەر قىلدى، قېنى كىملەر ئۆزىنىڭ بۇ يولدىكى ياشاش مەقسىتىنى تونۇپ يېتەلىدى؟ ھازىر سېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىڭ ناھايىتىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.

    مانا، كۈنلەر-يىللار ئۆتۈپ، بۈگۈن ھېس قىلسام ئىككىمىزنىڭ ئاڭ سىستىېمىسىدىكى مەقسەت-دۇردانىلىرىمىز ياتلىشىۋېتىپتۇ، ئېڭىمىز ھەم روھىيىتىمىز ياتلىشىۋېتىپتۇ. يۈرەكلەر ھەم ئۇنىڭدىكى قانلار ياتلىشىۋېتىپتۇ. سەن بوتۇلكىلار دۇنياسىغا غەرق بوپسەن، مەن مىللەتنىڭ روھىيىتىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئويىدا باش قاتۇرۇپ ئۇيقۇسىز يۈرگىنىمىدە، سەن ئاللىبۇرۇن مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىغا مىكروب تارقىتىپ روھىيەت تۈۋرۈكىنى غاجىلاشقا باشلاپسەن. يېڭىسىنى كۆرگەندە كونىسىنى ئۇنتۇپ، شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرگۈچى قۇشقاچتەك، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت، مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلىشىپ، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلغاندا مېغىزىنى تاشلاپ شاكىلىدا قالپاق كىيىپ يۈرۈپسەن؛ قويۇق كۆكۈچ تاماكا ئىسى ئارىسىدا، بىليارد تاختىسى ئەتراپىدا كۈن-تۈن پەرۋانە بولۇپ ئايلىنىپ يۈرگىنىڭگە ۋە كوچا كويلاردا مەست-ئەلەس ياتقىنىڭغا؛ ئۆز ھېسسياتىڭنى خارلاپ ئىشرەتخانا، مەيخانا ھەم رېستورانلاردا تۈنەپ يۈرگىنىڭگە مەن ئەمەس يەر بىلەن ئاسمانمۇ شاھىد بولالايدۇ.

     



    مانا، سەن تىك قىيا گىرۋىكىدىكى قارا بوران ئوق يىلتىزىنى ئېچىۋەتكەن دەرەختەك بۇرۇختۇرۇم ھاڭ گىرۋىكىگە قاراپ كېتىۋاتىسەن. خىيالىڭدا چەللىدە ئات چاپتۇرۇۋاتىسەن. ياق، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك بار ئاۋازىڭ بىلەن كۇركىراۋاتىسەن، ئۇ پاقا قانچە كۇركىرىسىمۇ ئالقاندەك قۇدۇق ئىچىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قانداق نامايان قىلالىسۇن؟
    كەلگۈسىنىڭ خوجايىنى بولمىش ئەۋلادلىرىمىز مىللىي خاسلىقتىن ئايرىلغان، مىللىي ئەنئەنىلەردىن چەتنىگەن ھالدا ھەشەم-راھەتكە، دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بۇرما مىختەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتسە، قانداقمۇ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىسۇن؟ ئەجداد روھىنى قانداقمۇ زىكرى ئەيلىسۇن، ئۇنداقتا مەۋجۇتلۇقنى قانداقمۇ نامايان قىلغىلى بولسۇن؟
    ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com نى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

    سېنىڭ خۇددى قۇرۇپ قالغان پىلە غوزىسى ئىچىدىكى كېپىنەكتەك ئويغىنالماس ھالىتىڭدىن؛ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولماس پۇرسەتلىرىڭىنى لاغايلاش ئىچىدە بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىڭدىن؛ پۇرسەت قوينىدا يىلاندەك تولغىنىپ ياتقانلىقىڭدىن مەن ئەمەس پۈتۈن زېمىنىمۇ قاتتىق سىلكىنىدۇ.

    بۈگۈن يەنە سەن چېلىۋاتقان غەلىتە ھايات سىمفونىيىسى قۇلقىمغا ئاڭلىنىپ قالدى. ئەمدى مېنىڭ نېدالىرىمنى ئاڭلا، ئۇمۇ سېنىڭ قۇلقىڭغا يەتسۇن!

    ئەي ئىنسان، ھاياتىڭدا بار كۈچۈڭ بىلەن چالغان ھايات سىمفونىيەڭ شۇمىتى؟ مەن سەن چالغان سىمفونىيىنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلارغا ئېرىشكىدەك، ھەممىگە ھورۇز بېغىشلىيالايدىغان ئەڭ يېقىملىق سىمفونىيە بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ئەپسۇس، ئاڭلاپ باقسام چالغىنىڭ ھەممىنى بىزار قىلىدىغان ئىنتايىن يېقىمسىز ئاھۇ-زار كۈيى ئىكەنغۇ!



    ئەي ئىنسان، ھالىڭغا ۋاي! سەن بىر رەت پۇتۇڭ سېپىلغان كۆۋرۈككە نەچچە رەت سېپىلدىڭ. پۇتۇڭ بىر رەت كىشەنلىنىپ شۇنچىكى ئېغىرلاشتى، ھەممە ئالغا ئىنتىلسە، ئۆرلىسە سەن ئۆرلىمەكتە يوق پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈشكە باشلىدىڭ.

    ئەي ئىنسان، سېنىڭ تويماس نەپسىىڭ ئەقلىڭنى بۇلغاپ سېنى نادانلىق گىردابىغا سۆرەپ باردى، شۇنىڭ بىلەن نادانلىقىڭدىن نۇرغۇن ياخشى نەرسىلىرىڭنى يىتتۈرۈشكە، ئۇنتۇشقا ماھىر بولدۇڭ. ئۇنتۇغانلىرىڭ، يىتتۈرۈپ قويغانلىرىڭ، بىلمەيدىغانلىرىڭ زىيادە كۆپ بولسىمۇ، سەن يەنىلا پەرۋاسىز ياشاپ كەلدىڭ، ئۇنتۇغانلىرىڭىنى ئەسلەشكە، يىتتۈرۈپ قويغانلىرىڭنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىنتىلمىدىڭ ھەم بۇلارنى ئويلاپمۇ باقمىدىڭ. پەقەت غەپلەت ئۇيقۇڭدىكى شېرىن چۈشلەر سېنى خىيال دەرياسىنىڭ پالاقسىز كېمىسىگە ئولتۇرغۇزدى، جىسمىڭىدا يەنىلا ھەشەم-راھەت، ھۇرۇنلۇق ھۆكۈم سۈردى. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئەي ئىنسان، شەيتان يۈزۈڭگە توپا چېچىپ كۆزۈڭنى تورلىدى، شۇ سەۋەب ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلمەي، ھاياتتىن زوق-ھوزۇر ئالالماي پەرۋاسىز، رىتىمسىز، مەنىسىز ياشاپ كەلدىڭ. شەيتان ساڭا ھالال تەردە ئىشلەپ يېيىشتىن ھارامدىن بۇلاپ يېيىشنى ئاسان كۆرسەتتى؛ ئىزدىنىش، ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادىيەتتىن ئۇيقۇنى راھەت كۆرسەتتى؛ زېمىن كۆكسىدىن ئېتىلىپ چىققان ئابىھايات سۇلاردىن بىراۋلارنىڭ قان ياشلىرىنى لەززەت ھېس قىلدۇردى. پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان بوستانلىقلارنىڭ سايىلىرىدا ئۇخلاپ، كېرىلىپ، كەيپ سۈرۈشنى ساڭا ئەڭ چوڭ راھەت ھېس قىلىدۇردى. ئەمما ئەجدادلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىگە خاس جاۋاب قايتۇرۇشنى، ئۇلار ماڭغان يولنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشنى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئويلاشنى، ئىزدىنىشنى ساڭا ئۇنتۇلدۇردى. گەرچە ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز، ئالىملىرىمىز ئەل كۆكىدە ۋاقىتسىزلا چاقناپ، داغدام يول، ئۆچمەس مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن، كېيىنكى مەجبۇرىيەتنىڭ سەن ۋە مەندە ئىكەنلىكىنى جېكىلەپ كەتكەن بولسىمۇ …



    ئەي ئىنسان، شەيتان تۇمشۇقىڭدىن يېتىلەپ سېنى مەي-شاراپقا، ئويۇن-قىمارغا، مەئىشەت-ئىشىرەتلىرىگە رام قىلىدى؛ سۈزۈك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان نۇرلۇق چىرايىڭنى خۈنۈكلەشتۈردى. ئىچ باغرىڭنى ئۆزىنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىدىغان تۇرخۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئەمما سەن شۇ قاۋاقخانىلاردا، رومكا-بوتۇلكىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەم ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئويلىيالىدىڭىمۇ؟ ئەجدادلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنى ئويلىيالىدىڭمۇ؟ ئۇلۇغ نەسىھەتلىرىنى ئېسىڭگە ئالالىدىڭىمۇ؟ ياق، سەن بۇلارنى ئويلىيالمىدىڭ.

    سەن تېخى يەنە قانداقتۇر ئاخىرى يوق يوللارغا قەدەم قويۇپ، ئۆزۈڭنى «مۇھەببەت» قايناملىرىغا تاشلىدىڭ. تالاي كۈنلىرىڭىنى، ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىڭىنى لاغايلاپ يۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ياشلىقىڭنى نابۇت قىلدىڭ. بىلەمسەن، بىلىمدىن گاڭ قانات ياسىماي بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىق ھەقىقەتەنمۇ نابۇت بولغان ياشلىقتۇر. سەن، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە كۈنلىرىڭ بىكارچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. شۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان، توپىلىق ئېتىزلاردا پادا بېقىپ يۈرگەن سەبىي بالىلارنى ئويلىدىڭمۇ؟ باشقىلار باشقا پلانېتلاردا ئولتۇراقلىشىشنىڭ پېيىدە يۈرگەندە، دۈمبىسىدىن ئەسكى تاغار، چاۋار-چاتقاللار تېخىچە چۈشمىگەن، ئۆمۈچۈك تورلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان ئاشۇ غېرىبانە كەپىلەردە تەمەچ تېرىپ قالايدىغان، ئوچاق بېشىدىكى جىن چىراغ بىلەن كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پاناھلىنىپ كېلىۋاتقان مىسكىن دېھقان ئاتىلارنى ئويلىدىڭمۇ؟ تىخىمۇ نادىر يازمىلار   

    مىللەتنىڭ سەركەردىسى بولۇشقا تېگىشلىك بۇرادەر، ئويلىغىنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىردىكى رىقابەت دەۋرىگە قەدەم قويدى، دۇنيا كۈندىن-كۈنگە يىغىنچاقلىنىپ ئۆزگىرىش، يېڭىلىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنداقتا، روھىي دۇنياسى مەنىۋى نامراتلىققا گىرىپتار بولغان مىللەتنى كىم تەرەققىياتنىڭ داغدام، پارلاق يولىغا باشلايدۇ؟ گەرچە ئۆزى 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، روھىيىتى تېخىچە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمىغان مىللەتنىڭ روھىغا ئوزۇق بېرىش، يېتەكلەش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، روھىيىتىنى ساغلاملاشتۇرۇش، يېڭلىققا، داغدام تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەش، مىللەتنى كەلگۈسىگە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق باش تارتسا بولمايدىغان تالاي بۇرچلار زادى كىمنىڭ زىممىسىدە؟ ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار

    ئەي ئىنسان، شەيتان غەپلەت ئۇيقۇسىدا مەڭگۈ چۈشەكەپ يېتىشىڭىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىچارە ھالىڭغا قاراپ ئۆز قىنىغا پاتماي ئىچ-ئىچىدىن قاقاقلاپ كۈلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۆزۈڭ چالغان سىمفونىيىنىڭ ھايات سىمفونىيىسى ئەمەس، بەلكى ھالاكەت سىمفونىيىسى ئىكەنلكىنى ھەقىقەتەن چۈشىنىپ يېتىسەن. پەقەت ئۆلۈم شارابىنى ئىچەر چاغدا ئاندىن ھاياتىڭنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىگە زارىقىپ، ھەربىر تىنىقىڭنى پادىشاھلىق، دەپ بىلىسەن. ئاندىن ھايات قەدرىنى، ھايات لەززىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىسەن. ئەمما ئۇ چاغدا يېڭىۋاشتىن ياشاش – ھايات سىمفونىيىسىنى قايتىدىن چىلىش ساڭا ھەرگىز نېسىپ بولمايدۇ.
    مېنىڭ تەكلىپىم: ئەمدى كاللاڭنى سىلكىپ، بىخۇدلۇق چۈشىدىن ئويغان؛ ئىجاد – مېھنەت يولىغا تاشلان!
        

    (ئاپتور: يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى 2004- يىللىق ئۇچۇر مائارىپ كەسپىي سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

     

        ئىلقۇت بلوگىدىن ئېلىندى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.