نېمىشقا تەڭگىدىكى ئادەم سۈرىتى يانچە بولىدۇ

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 13:42:28

يانچۇقىڭىزدىكى پارچە پۇلغا قاراپ باقسىڭىز شۇنى بايقايسىز، تەڭگە پۇلدىكى سابىق پرېزىدېنتلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسى يانچە بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

    نېمىشقا تەڭگىدىكى ئادەم سۈرىتى يانچە بولىدۇ
    ئاپتورى: روبېرت فرانك
     
    يانچۇقىڭىزدىكى پارچە پۇلغا قاراپ باقسىڭىز شۇنى بايقايسىز، تەڭگە پۇلدىكى سابىق پرېزىدېنتلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسى يانچە بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، سېنتلىق تەڭگىدىكى لىنكولن، جېفىرسون، دوللارلىق  تەڭگىدىكى روزۋېلت، ۋاشىنگتون، كېننىدىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىتى يان يۈزلۈك.
    لېكىن قەغەز پۇلدا بىر ئامېرىكا دوللىرىدىكى ۋاشىنگتون، بەش ئامېرىكا دوللىرىدىكى لىنكولىن، ئون ئامېرىكا دوللىرىدىكى ھامىلتون، 20 ئامېرىكا دوللىرىدىكى جېكسون، 50 ئامېرىكا دوللىرىدىكى گراند، يەنە يۈز ئامېرىكا دوللىرىدىكى فرانكلىن قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنىڭ ھەممىسى ئۇدۇل يۈزلۈك. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمى بۇنىڭ سىرتىدا، بۇندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ: تەڭگە پۇلدىكى سۈرەت يانچە، قەغەز پۇلدىكى سۈرەت ئۇدۇل يۈزلۈك بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەرق مەۋجۇت بولىدۇ؟
    ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مېتال ئويمىچىلىق نۇسخىسىدا ساقلىنىۋاتقان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ئىنسانلارنى تەڭگە پۇلغا پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتلەرنى سىزىپ چىقىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. تەڭگە پۇلغا رەسىم سىزىشقا بولىدىغان بوشلۇق ئادەتتە تۆت كۋادرات سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئىنچىكىلىك دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئادەمنى ئاتاپ ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنى سىزىپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن. ئەكىسچە، ئەگەر يان يۈزلۈك سۈرەتنىلا سىزىلسا ئاساسىي گەۋدىنى تونۇماق  ئاسان بولىدۇ. تەڭگە پۇلغا ئىنچىكىلىكى يېتەلىك بولغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنى سىزىپ چىقماقچى بولساق تېخنىكا جەھەتتىن قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما چىقىم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭگە پۇلنىڭ ئوبوروتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نازۇك ھالقىلىرى تېزلا ئۇپراپ كېتىدۇ.
    يان يۈزلۈك سۈرەتنى ئاسان ياسىغىلى ۋە پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن، نېمىشقا قەغەز پۇلدا شۇنداق ئىشلەتمەيمىز؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنىڭ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بۇلىشى ساختا پۇل ياساشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    مەنبە:«بۈگۈنكى تەرمىلەر» 2014-يىللىق 20 سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورى (www.okyan.com) دىن لوقمان.
    \
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى:okyanqamus

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەڭگە